Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28‏-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنى بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق جازالاش قىلمىشىغا قارىتا سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىردى.

باياناتتا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھازىرغا قەدەر «شەرقىي تۈركىستان» دىكى كرىزىسقا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىنەرلىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «غەرب دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىدە ئىزچىل ئاكتىپ ۋە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپچىلىك مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ ئىشقا ئېرەنسىزلىك بىلەن قارىدى ياكى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سالدى» دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر باياناتى ھىندونېزىيە، مالايسىيا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق ئىجتىمائىي گۇرۇھلار نامايىش قىلىپ، خىتايغا نارازىلىقى بىلدۈرۈشكە باشلىغان، ئەمما مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمى يەنىلا سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

يېقىندا ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىرغان. ئارقىدىنلا بەزى دىنىي جامائەتلەر نامايىش قىلىپ، خىتايغا نارازىلىقى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ روزا تۇتۇش، ھەجگە بېرىش ۋە بالىلارغا دىنىي ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلەپ، قۇرئان-كەرىم ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغانلىقى ۋە، كۆيدۈرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە زورلىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەركەكلىرىگە تېگىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، نۇرغۇن مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغانلىقى، بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن «مۇسۇلمان دۇنياسى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىماي، ۋىجدانسىزلارچە سۈكۈت قىلماقتا» دېگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مۇسۇلمان رەھبەرلىرى خىتايغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانماقتا ئىكەن. باياناتتا، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئىسلامغا ۋەھىمە سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى تەكىتلەپ، بىراق خىتايغا كەلگەندە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى «ئىسلامنىڭ نېگىزلىك ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپىغا خىلاپ» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.