Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى يېڭى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى يېڭى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇمكى، بۇ يىل 12-14-نويابىر كۈنلىرى چېخىيە پايتەختى پىراگادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭغا 25 مەملىكەتتىن 200 دىن ئوشۇق ۋەكىل بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇپ، قالغانلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ۋەكىللەردىن 39 ئادەم تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان. 14-نويابىردا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەركىبىدە قازاقىستانلىقلارمۇ بولغان. جۈملىدىن ئەركىن ئەخمەتوف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجراىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، ئابدۇرەھىم قۇربانوف باش تەپتىشى ئورۇنباسارى، دىلنارا قاسىموۋا مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان. شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى مەرتەم سايلانغان رەئىسى دولقۇن ئەيسا قەھرىمان غوجامبەردىنى ئالىي مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى بىر يەرگە ژەم بولۇپ، يىغىن ئۆتكۈزگەن ھەم نۆۋەتتە بېجىرىدىغان ئىش-پىلانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بەلگىلىگەن.

بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، تىلشۇناس دوكتور دىلنارا قاسىموۋا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مىللىي مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ۋەتەندىن سىرت مائارىپ قازاقىستاندىلا ساقلىنىپ قالغان. 63 ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئېچىلماقتا. شۇ مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. مۇمكىن قەدەر ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ كۆپەيتىش قولىمىزدىن كېلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىمىز. ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، مائارىپ فوندى ۋە ياۋرواسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلارنى ئېلىپ بارىمىز، دەپ ئويلايمەن. قۇرۇلتاي ئالدىدا بولغان مائارىپ كومىتېتى يىغىنىدا ئانا تىل مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش كىتابلىرىنى ئىشلەپ چىقىش تەلەپلىرى بولغان. شۇ تەلەپلەرگە بىنائەن يېقىندا پىلانلارنى مۇھاكىمە قىلماقچىمىز».

دىلنارا قاسىموۋا يەنە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى، مېتودىكىلىق قوللانمىلارنى، لۇغەتلەرنى ۋە باشقىلارنى ئىشلەپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ قازاقىستانغا قوشنا قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مائارىپ مەسىلىسىگە توختالدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش تەپتىشى ئورۇنباسارى ئابدۇرەھىم قۇربانوف ئەپەندى ئالمۇتادا ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «7-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پاكىز، سۈزۈك، دېموكراتىك يولدا ئۆتكەنلىكىنى، سايلانغان رەئىسلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدۇق. 2022-يىلى قىلىنىدىغان ئىشلارنى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە ئەركىن ئەخمەتوف بىزگە بۆلۈپ بەردى. دىلنارا قاسىموۋا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىشلىرىنى بەلگىلەپ، ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بولساق خەلاقارا ئىشتا بىرلىشىپ ئىش قىلىش، ئۆرپ-ئادىتىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، مائارىپىمىزنى، تارىخىمىزنى ساقلاپ قېلىش، قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىدىن سىرتقا چىقماسلىق ئوخشاش مەسلىھەتلەرگە كەلدۇق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قازاقتىستاندىن قاتناشقانلار ئىچىدە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر، پانفىلوف ۋە باشقىمۇ ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدىنمۇ ۋەكىللەرنىڭمۇ بولغانلىقى ئېنىق. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى چېخىيەگە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ھۆججەتلىرىنىڭ تېگىشلىك ئورگانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي، بارلىق قازاقىستانلىقلارنىڭ بىۋاسىتە قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى ۋە شۇنداقلا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىنىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جۇمھۇرىيەت. رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 300 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدىغان قازاقىستاندا مىللىي مەكتەپلەر، ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت-ژۇرناللار، ئاكادېمىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىياتىرى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە باشقىلار مەۋجۇت. ھازىر قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قەدرىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئىش-پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە.