Responsive Image

گېرمانىيدىكى ياشلار بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

ھەر سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ 80- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گېرمانىيىگە كېلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى نۆۋەتتە ئالدى بىر قىسىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قوبۇل قىلىنىپ ۋە بەزىلىرى ھەر خىل ئۆتكۈر كەسىپ تۇرلىرى بويىچە تەربىيىلىنىش قەدىمىنى باشلىدى.


ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كېلەچەكتىكى ئىزباسارلىرىدىن. ياشلىرىمىزنى ھەرخىل ئۆتكۈر كەسىپلەر بىلەن تەربىيىلەپلا قالماي يەنە ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز، سىياسىي داۋايىمىزنىڭ قابىل ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش نۆۋەتتە ھەر بىر ئاتا- ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان قەرزى ۋە بۇرچى شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئۈمىدى.
ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بىرقەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا , ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇشى ئاسانغا  چۈشمەيدۇ. ئەمما گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ميۇنخېن شەھىرىگە مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ ئەمما يەنە بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ميۇنخېن خېلى يىراق ھەتتا 600كە ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋالدا ياشلىرىمىزنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى بىرلىكتە قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى يەنى 27-نويابىر ميۇنخېن شەھىرىدە گېرمانىيدىكى ياشلارغا ھېيتلىق ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ 70 دىن ئارتۇق ياش كېلىپ قاتناشتى.ھەتتا ئاۋسترىيىدىكى بىر قىسىم ياشلارمۇ كېلىپ قاتناشتى. پائالىيەت بىرىنچى بولۇپ شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى.ئارقىدىن ئۆزئارا تونۇشۇش،7-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىكى شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش،كىملىكىمىزنى چۈشەندۈرۈش،مەن كىم،نەدىن كەلدىم،نېمە قىلىشىمىز كېرەك،چەتئەللەردە كىملىكىمىزنى قانداق ساقلاپ قالىمىز دېگەندەك بىر قاتار مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلدى.

سۆھبەتلەردىن كېيىن ياشلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىدى.ئوز مىللىتى بىلەن بىرلىكتە ئوز مىللىتىنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەت ياشلارنى ھاياجانغا  سالدى .بولۇپمۇ ميۇنخېندىكى ياش ساھىبخانىلارنىڭ قىزغىن،سەمىمىي مېھماندوستلۇقنى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى. سورۇن قولى گۈل ئانىلارنىڭ ھەر خىل ھېيتلىق نازۇنېمەتلىرى بىلەن مول ھازىرلانغان  بولۇپ،مەخسۇس ھېيتلىق داستىخان تەييارلاندى ئىدى.زال ئىچى رەڭلىك يىپەك ئەتلەسلەر بىلەن بېزەلدى.داستىخانلارغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ رەڭگىدە تاتلىق-تۇرۇملار تىزىلىپ كىرگەن كىشىگە ھېقىقى بىر ھېيتلىق كەيپىياتنى بېغىشلىدى.

ھېيتلىق داستىخىنىڭ يۇقىرىسىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايرىقىمىز ئېسىلدى.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرزەنتلىرىنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن ئانىلار ئۆزلۈكىدىن كېلىپ ھازىرلاپ بەردى.بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان يىراق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئالايىتەن بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ قاتناشتۇردى.بۇ كۈندىكى ياشلارنىڭ خۇشاللىقى،ھاياجىنى ئاتا-ئانىلارنى خۇشاللاندۇردى.بولۇپمۇ ميۇنخېندىكى ياشلارنىڭ زاكاز قىلىشى بىلەن ئوغلىمىز زۇلپىقارنىڭ لەپىلدەپ تۇرغان ئاي-يۇلتۇزلىق كۆك بايراق چۈشۈرۈپ ياسىغان تورتى سورۇندىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئاخىرىدا ياشلار ئايرىلغۇسى كەلمەي بىر-بىرىگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىشىپ پات يېقىندا داۋاملىق ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇشقا ۋەدىلىشىپ ئايرىلىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى