Responsive Image

گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار بۈگۈن گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ گورۇپپىغا گېرمانىيەدىكى 4 چوڭ پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان.

«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىقىش د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇن يىللىق پىلانلىرى تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان بىر تۈر ئىكەن.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ گۇرۇپپىغا يۇقىرى باھالار بەرگەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ گۇرۇپپا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى تېخى كۈچلۈك ئىجرا قىلىشى بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن.

بۇ مۇراسىمغا مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى تەركىبىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. تەشكىلات رەئىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى پەرىدە خانىم بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى تەركىبىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ساما ئۇسسۇلى ئويناۋاتىدۇ، 2023-يىلى 5-سېنتەبىر، بېرلىن

ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى تەركىبىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ساما ئۇسسۇلى ئويناۋاتىدۇ، 2023-يىلى 5-سېنتەبىر، بېرلىن