Responsive Image

گېرمانىيىدە خىتايغانىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان مۇستەملىكە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سائەت 14:00 – 16:00 گىچە ميۇنخېن شەھىرىنىڭ ئاۋات سودا ۋە ساياھەت مەركىزى بولغان مەريەم مەيدانىدا، سائەت 17:00 – 19:00 غىچە خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا ميۇنخېن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

نامايىش مەيدانلىرى ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن تولغان بولۇپ، نامايىشچىلار سېپىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دە شېھىت بولغان ۋە «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى چاپلانغان تاختايلار رەتلىك تىزىلغان.

سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدە يەنە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدە رادىاتسىيىلىك زەھەرلىنىشلەرگە ئۇچراپ، مېيىپ تۇغۇلغان كىشىلەر ۋە ئاتوم سىناقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل سۈرەتلەرمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.

مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېھرىبان خانىم بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈندىن -كۈنگە ئەشەددىيلىشىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەم ئۆلۈم جازالىرىغا قارشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سادالىرىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى بىگۇناھ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ پاجىئەلىك قەتلىامنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مېھرىبان خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دەرد – ئەلەملىرىدىن خەۋەر تېپىۋاتقان غەربلىكلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېھرىبان خانىم، بۇ قېتىمقى نامايىش ميۇنخېندىكى چوڭ بىر بايرام مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچ، زىيارەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولغانلىقىنى، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن كىشىلەرگە ھەرخىل تىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى بىلدۈرۈش، خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېھرىبان خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ كۈرەشنىڭ تاكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگۈچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسىغا بىنائەن، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ ھەر يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتايغا قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ھەر قېتىمقى نامايىشتا تۈرلۈك رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپلا قالماي، يەنە مىڭلىغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.