Responsive Image

ھەيكىلىمۇ خىتاينى بىئارام قىلغان زات-مەھمۇت قەشقەرى

ھەيكىلىمۇ خىتاينى بىئارام قىلغان زات-مەھمۇت قەشقەرى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قەشقەر شەھىرىگە يېقىن قەدىمكى يېزا ئوپالدىكى مىلادى 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مازىرى جايلاشقان ھويلىدا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تەخمىنەن 7 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيكىلى بار ئىدى.

1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا داڭلىق ئۇيغۇر ھەيكەلتىراچ دىلمۇرات تۇردى ئەپەندى تەرىپىدىن ياسىلىپ تىكلەنگەن بۇ ھەيكەل، ئۆتكەن ھەپتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈشىمىزدىن قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم.

رادىيومىز مەزكۇر ھەيكەلنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئېلىۋېتىلگەنلىكى، ئېلىۋېتىلگەن ھەيكەلنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ھەتتا ھەيكىلىمۇ خىتاينى بىئارام قىلغان بۇ زات-مەھمۇت قەشقەرى زادى كىم؟

مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېگى ئۇكرائىنالىق، ئەمما ئامېرىكانىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىللار پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن

تۈركولوگ، مەرھۇم ئومەليان پرتساك ئەپەندىنىڭ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى( ھازىرقى ئۇنىۋېرسىتېت) ئىلمى ژۇرنىلى» نىڭ 1986-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «مەھمۇت قەشقىرى كىم؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: «مەھمۇت قەشقىرى كىم؟ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى ۋاسىتە ‹تۈركى تىللار دىۋانى› نىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق. . . مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەجداد كىم؟ مەھمۇت قەشقىرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىك ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن) قاغانلىق ئورتاقلىقىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى. ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد مۇشۇنداق بىر ئورۇن تۇتقان. شۇنداق بولغاندا، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەدنىڭ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەدتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق. بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى».

يازغۇچى يولۋاس مۇھەممەتئىمىننىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى» ناملىق ماقالىسىدە ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇت بىننى ھۈسەيىن قەشقىرى 11-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى قەشقەرنىڭ قاراخانىيلار خان جەمەتىگە تەئەللۇق ئوپالدىكى ئازىغ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى خاتىرىلىنىدۇ.

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى ئىزچىل مۇنازىرە قىلىنىپ كەلگەن. «قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ 1983-يىلىدىكى سانىغا بېسىلغان، مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە ئىبراھىم مۇتئىنىڭ «مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازىرى توغرىسىدا» ناملىق تەكشۈرۈش ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇلار، ئالىمنىڭ دىۋاندا ئۆز يۇرتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن 1982-يىلى 12-ئايدىن 1983-يىلى 3-ئايغىچە قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىنى نۇقتا قىلغان ئاساستا مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بولغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، قەشقەرنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم شۇ ۋاقىتتىن 150 يىل ئاۋۋال يېزىلغان بىر قىممەتلىك ھۆججەتنى تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» مازىرىنىڭ ھەقىقەتەن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنغان.

ئەينى ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈش ئەترىتىگە ھازىر ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مەھمۇت قەشقەرى ياتقان تۇپراقلاردىكى ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىنى بىرمۇ-بىر ئەسلەپ ھاياجانلاندى.

مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىگە قايتىپ كەلسەك، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى زەئىپلىشىپ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھوقۇق تالىشىش زىددىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار ئەۋجىگە چىققان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كېلىدۇ. ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئامان قالغان مەھمۇت قەشقەرى ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ ياقا-يۇرتلاردا بىر مەزگىل پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەھمۇت قەشقىرى بۇ جەرياندا ئۆز يۇرتى قەشقەر ئەتراپىدىن باشقا يەنە ئىلى دەريا ۋادىسى، سىر دەريا ۋادىسى ۋە ئوغۇز (جەيھۇن دەرياسي) دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما ۋە باشقا كۆپلىگەن تۈركىي قوۋملار زېمىنلىرىنى ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ. بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىشقا كىرىشىدۇ.

مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يېزىپ تاماملايدۇ. ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۆز تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ. مىلادىيە 1075-يىلى بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىن ئەمرۇللا ھەزىرەتكە تەقدىم قىلىدۇ. مىلادىيە 1080-يىلى ئايرىلغىلى 30 يىل بولغان يۇرتى ئوپالغا قايتىدۇ. ئۇ يەردە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» نامىدا مەدرىسە قۇرۇپ «ھەزرىتى موللام» دېگەن نام بىلەن سەككىز يىل مۇدەررىسلىك قىلىدۇ. بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرى تەخمىنەن مىلادىيە 1105-يىلى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. قاراخانىيلار خەلقى بولغان ئۇيغۇرلار بۇ زاتنى ھۆرمەتلەپ «ھەزرىتى موللام»، «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ھازىرغىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.

تۈركىيە نەۋشەھىردىكى ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئادەم ئۆگەر ئەپەندى 2015-يىلى مەھمۇت قەشقەرى مازىرىنى زىيارەت قىلغىلى بارغان ئىكەن. ئۇ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مازىرىنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ۋە ئوپالدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئۆزى كىتابىدا تىلغا ئالغان مەلۇماتلار بەك چەكلىك بولغاچقا، تارىخشۇناسلار، تىلشۇناسلار ھەرخىل تەتقىقات ۋە ئېنىقلاشلاردىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى مىلادى 1008-يىلىى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2008-يىلىنى «دۇنيا مەھمۇت قەشقەرى يىلى» دەپ ئېلان قىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ( UNESCO) 2008-يىلىنى «دۇنيا مەھمۇت قەشقەرى يىلى» قىلىپ رەسمىي ئېلان قىلغان.

مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئېلىۋېتىلگەن ھەيكىلى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە كېيىنكى پىروگراممىمزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.