Responsive Image

ئىلھام توختى يەنە بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن

ئىلھام توختى يەنە بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2019-يىلى كىرگەندىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى يەنە بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. بۇ ئۇنىڭ ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان مارتېن ئەننانىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى، باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى، تۈرك دۇنياسى ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە رافتو مۇكاپاتى قاتارلىق خەلقئارادىكى تەسىرى چوڭ مۇكاپاتلارغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندىن كېيىنكى يەنە بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ يىل 2-ئاي ئىچىدە ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان «ئاۋام جاسارىتى»، يەنى «Civil Courage prize» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. 

گۇگۇل ۋە ۋىكىپېدىيە قاتارلىق مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئاۋام جاسارىتى» مۇكاپاتى 2000-يىلى نورتكوت پاركېنسون فوندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئىكەن. مەزكۇر مۇكاپات زوراۋان كۈچلەردىن كېلىدىغان ئېغىر بېسىم شارائىتىدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى تەقدىرلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىكەن. مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ نامى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قۇرۇلغان گۇلاگ لاگېرلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان يازغۇچى ئالېكساندېر سولجېنىتسىننىڭ سۆزىدىن ئىلھام ئېلىپ قويۇلغان ئىكەن. 2000-يىلدىن بۇيان بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر 20 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە زور كۆپچىلىكى مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى يازغۇچىلار بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىكەن

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى 2019-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى، رافتو مۇكاپاتى قاتارلىق مەشھۇر خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىم خەلقئارادا تەسىرى زور بولغان بىر مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئىلھام توختىنى نورۋېگىيەدىكى رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنى رافتو مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن بولۇپ، يېقىندا «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» مۇ ئىلھام توختىنى بۇ مۇكاپاتقا تەكرار نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى چاغدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختى ئەپەندىنى رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش جەريانىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ بۇ خىل خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ ئۇنىڭ دېلوسىغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىر ئىلھام توختى ئەپەندىنى بۇ يىل3-ئايدا ۋاسلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا، 9-ئايدا 2019-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ.