Responsive Image

جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟

جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نۆۋەتتىكى جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى كۈچلۈك دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا مىسلى كۆرۈلمىگەن ساقچى دۆلىتى قۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش، قېيىن-قىستاق قىلىش، سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ۋەھشىيلىكلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلار كەڭ ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا ئامېرىكانى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدىغان بېسىملەرمۇ كۈچەيدى. بىز جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل ۋە ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «راند تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور سىكوت ھېرولد ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان بىر قىسىم مەۋجۇت قانۇن-تەدبىرلەرنى ۋە جازا تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ، بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىڭ يەنە داۋاملىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دوكتور سىكوت ھېرولد ئەپەندىمۇ ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە خىتاي ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىش ۋە دىنى زۇلۇملىرىنى توختىتىش ھەققىدە كۈچلۈك بېسىم تەشكىللەشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق بۇنىڭغا خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش قېيىن»

سىكوت ھېرولد ئامېرىكا جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بەلكىم ھەرخىل جازا تەدبىرلىرى ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كۆپىنچە ھاللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ئورۇنغا بىۋاسىتە بېرىپ ياردەم قىلىش مۇمكىن بولماي كەلگەن، چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاكىمىيەتلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلار قىلىۋاتقانلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا جازا تەدبىرلىرى ۋە خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەنچە ھازىر دىققەت قوزغايدىغان بىر ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولسا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش. نۇرغۇن پائالىيەتچىلەر ۋە پىكىر رەھبەرلىرىمۇ بۇنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. مەنمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى زور كۆلەمدە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ‹بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى› دەپ تامغىلاش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىدۇ، دەپ قارايمەن. مەنچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇنداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن».

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن پرېزىدېنت بولۇشتىن ئاۋاللا رايوندا بولۇۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ باھالىغان. ئۇندىن باشقا يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىنمۇ ئۆزىنىڭ بۇنى ئىرقىي قىرغىنىچىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم تەكىتلىگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ يېقىندا «ئامېرىكا ئېنتېرپرايز ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى» مۇتەخەسسىسلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىككە چاقىرغان بىر ماقالىسىدە «بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرغا قارشى يۈرگۈزگەن ھەرىكىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇش، ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىش مەسىلىسىدە گاڭگىراپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم» دېگەن جۈملىنى قوللانغانىدى. بۇ سۆز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دىياگنوزىنى يەڭگىللىك بىلەن چىقارمايدىغانلىقى ئەسكەرتتى. ئۇ «ئامېرىكانىڭ ‹ۋەھشىيلىكلەرنى باھالاپ يەكۈن چىقىرىش› باسقۇچى قانۇن ۋە دەلىللەرگە تايىنىپ تۇرۇپ چىقىرىلىدۇ، بۇنداق نازۇك مەسىلىلەردە ئارقىغا چېكىنىش ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ ئېتىبارىغا زەربە بېرىدۇ، بۇنداق ئىش ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېدى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغىنىغا تېخى بىر ئايچە بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ۋاقىت بېرىلىشى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەكۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمدىكى مەسىلە ئۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىشتۇر. بۇ ھاكىمىيەت تېخىچە شەكىللىنىش باسقۇچىدا. شۇڭا ئۇلارنىڭ دەرھاللا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار ئالدى بىلەن كېرەكلىك پىلانلارنى تۈزۈشى ۋە بىر ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىشى كېرەك».

سىكوت ھېرولد ئەپەندىمۇ سۆھبىتىمىزدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىنىڭ ئاللىقاچان خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن يەكۈننى تەلەپپۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قارارنىڭ ھۆكۈمەت ئىچىدە قايتا باھالىنىۋاتقان بولۇشىنى ئېھتىمالدىن ئۇزاق، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىراق ئۇ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھازىرغىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان نەق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە توسىيالماي كەلگەنلىكىدەك بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەمەلىيەت بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرۇپ ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم بۇنىڭغا خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئاساسىدا جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2008-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى سۇداننىڭ دارفۇردا قىرغىنچىلىق قىلىشىنى قوللىغاندا ئۇنىڭغا قارشى زور خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەندۈرۈلگەن ئىدى. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ مۇشۇنداق ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن. بىلگىنىڭىزدەك خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئاللىقاچان ئىنتايىن قېيىن گېو-ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئىچىدە. خىتاي خەلقئارا تەرتىپنى قايتىدىن يېزىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ شېرىك سىستېمىسىنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى يوقىتىۋاتىدۇ، خىتاي ئىچىدىكى تىبەت، موڭغۇل ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىغىمۇ زەربە بېرىۋاتىدۇ. ھىندىستان بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىدۇ، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنى جازالاۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ۋە كىشىنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنىدۇر. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىدە جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىدىغان خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىللەيدۇ، دەپ قارايمەن.»

دەرۋەقە 22-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نەد پرايس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلارغا خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭ، تىبەت ياكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خوڭكوڭدىكى ئاپتونومىيەنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا كەلسەك، بىز ئامېرىكىنىڭ ھەرۋاقىت دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن دەس تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز. دېموكراتىك قىممەت قارىشىمىزنى داۋاملىق قوغدايمىز. بىز ئىلگىرىمۇ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇپ رىقابەت پىرىنسىپى ئارقىلىق خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن. مانا بۇ بىزنىڭ تۆت دۆلەت ھەمكارلىقى-‹Quad› بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ مەقسىتىدۇر. بىزنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىمىزمۇ، ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن خىتايغا كۈچلۈك پوزىتسىيەدە بولۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىمىزمۇ دەل مۇشۇ مەقسەتنى كۆزلىگەن» دېدى.