Responsive Image

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىشقا چاقىردى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىشقا چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 20– ئىيۇن

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بۇ يىل 22- ۋە 23‏-ئىيۇن كۈنلىرى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 1996‏-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر ياكى ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن دىئالوگ 2015‏-يىلدىن كېيىن توختاپ قالغان. بۇ، مەزكۇر دىئالوگنىڭ ئىككى يىلدەك توختاپ قالغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئەسلىگە كېلىشىدۇر.

كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈش ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىل 1 ۋە 2-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا قارار قىلىنغان ئىدى. بىراق دىئالوگ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتى، د ئۇ ق، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 9 خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

ئۇلار دۈشەنبە كۈنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، دىئالوگنى بىكار قىلىشنى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھەقىقىي ئۆزگىرىش بولمىغىچىلىك دىئالوگنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى 3 ھەپتە ئىچىدە يۈزبەرگەن 3 قېتىملىق ھادىسىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشىنى توسۇش نىيىتى، ھەۋىسى ۋە ئىستېراتىگىيەلىك نۇقتىئىنەزىرى يوقلۇقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇلار باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلار دىرېكتورى دوكتور سوفىيە رىچاردسوننىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايدا ھەقىقىي بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى شارون خۇم دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى.

شارون خۇم مۇنداق دەيدۇ: «دىئالوگنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىدىكى 1-سەۋەب، ھازىرقى ئەھۋالدا دىئالوگنىڭ ھېچقانداق ھەقىقىي تەسىر كۈچى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت بىر خىل شەكىلگە ئايلىنىپ قالدى. بىز ئادۋوكاتلارغا، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا قارىتىلغان ھۇجۇمغا قارىساق، ئىجتىمائىي گۇرۇھلارغا قارىتىلغان قانۇنى، سىياسىي ۋە ئىدېلوگىيەلىك چەكلىمىلەرگە نەزەر سالساق، ئۇلارغا قارىتىلغان بۇ چەكلىمىلەر دۆلەت بىخەتەرلىكى نامىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بىز يەنە مەدەنىيەت، دىنىي، سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا، بولۇپمۇ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا قاراپ باقساق، دىئالوگنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەقىقىي پايدىسى بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن».

شارون خومنىڭ كۆرسىتىشىچە دىئالوگنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىكى 2‏-سەۋەب، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا تۇتقان مۇئامىلىسىدۇر.

شارون خۇم، «دىئالوگنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ 2‏-سەۋەبى، دىئالوگ قارارى تېخى يېقىندىلا 2‏-ئىيۇن ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى تۇسك تەرىپىدىن ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2‏-ئىيۇندۇر. ئۇنىڭ ناھايىتى قىسقا بىر بايانات بىلەن ئېلان قىلىنىشى دىئالوگقا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆمەك قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، دىئالوگقا خىتاي تەرەپنىڭ جىددىي قارىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ، بۇنداق غەيرىي جىددىي، ئەھمىيەتسىز، شەكىلۋاز ۋە ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق تۆۋەن دەرىجىلىك يەنە بىر دىئالوگ ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى 1990‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئۆزئارا دىئالوگ قۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاستا-ئاستا ياخشىلاشنى ئويلىغان ئىدى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىشىغا قارشى بولمىسىمۇ، ئەمما دىئالوگنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى لۇسىيا پارۇچى مۇنداق دەيدۇ: «بىز شۇنداق دەپ قارايمىز، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى توختاتسۇن، دېمەيمىز. بىراق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بۇ سىياسەت خىتايغا بۇ ساھەلەردە ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسەتمىدى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ھېچقانداق چوڭ ياخشىلىنىش ئېلىپ كەلمىدى. بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ھەرگىز بۇ خىل دىئالوگلارنى كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلىشىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ قارىمايدۇ. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاۋازىنى يۈكسەلدۈرۈشى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك».

لۇسىيا پرۇقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئۇ: ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئېنىق. بىز بۇنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا دىنىي ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشىنىڭ چەكلىنىشىدىن كۆرۈۋالالايمىز. بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت كوچا دوقمۇشلىرىغا قاراۋۇلخانىلارنى سېلىش، بىر كوچىدىن-بىر كوچىغا بارغانلارنى تەكشۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئۈلگىسىنى يىغىش، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. ئەركىنلىك قاتتىق بوغۇلۇۋاتىدۇ. ئۇلار رامىزانلاردا روزا تۇتۇشنى چەكلىدى. بۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا گەپ قىلىشى كېرەك. ئۇ خىتاي بىلەن بولغان ھەر خىل ۋە ھەر دەرىجىلىك سۆھبەتلەردە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك».

يۇقىرىقى 9 تەشكىلات باياناتىدا يەنە، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار سۆھبىتىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار باياناتىدا، ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلمىغانلىقى ياكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە ھەر يىلى 15‏-ئىيۇن كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ۋە پەرقلىق پىكىرلەرنى باستۇرۇشىغا قارشى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق ئۇ بۇ يىل 15‏-ئىيۇن كۈنى تۇنجى قېتىم بۇنداق ئورتاق بايانات ئېلان قىلمىغان. چۈنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ئىچىدىكى گىرېتسىيە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەنقىدلەشكە قارشى چىققان ئىدى