Responsive Image

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت غا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە دوكلات سۇندى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت غا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە دوكلات سۇندى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  24-ئىيۇن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى بۇ يىل 8-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. مەزكۇر يىغىندا كومىتېت رەھبەرلىرى «خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى يوقىتىشقا ئائىت خىتابنامە» گە قول قويغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش خاتىرىسىگە قاراپ چىقىدىكەن. خىتاي مەزكۇر خىتابنامىگە 1981-يىلى قول قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىرقىي ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقنى يوقىتىش ۋە ئىرقىي ۋە مىللىي باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلارغا ۋەدە بەرگەن. ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر كومىتېتقا مەخسۇس دوكلات يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتا ئېغىر ئىرقىي ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 21-ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىغا يوللىغان مەخسۇس دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان خىتابنامىدىكى ئاساسلىق ماددىلار بويىچە ئۇنى باھالاپ چىققان. مەسىلەن، خىتابنامىنىڭ 5-ماددىسىدا «خىتابنامىگە قول قويغان دۆلەتلەر ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارشى تۇرۇش، ئۇنى يوقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەر بىر كىشىنىڭ مىللىتى، ئىرقىي، رەڭگى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن ئالدىدا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن. ھالبۇكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ماددىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردوسون خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلاتتا يەر ئالغان مەزمۇنلارنى ئۈستىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە بۇ يەردە بىز دەيدىغان گەپ بەك جىق ئىدى. ئەمما مەلۇم بولغاندەك، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر كومىتېت ھەرقايسى ئورگانلار تەرىپىدىن يوللىنىدىغان دوكلاتنىڭ ھەجمىگە بەلگىلىك چەك قويۇپ بېرىدۇ. ئەپسۇس، بىز نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىچىدىن پەقەت بىر قانچىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدۇق. شۇڭا بىز دوكلاتىمىزدا رايوندىكى نازارەت دۆلىتى سىستېمىسى، ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي، دىنى، مەدەنىيەت جەھەتتىن كەمسىتىش ۋە تىلنى چەكلەش سىياسەتلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن قىسقا قىلىپ مەلۇمات بەردۇق.»

سوفى خانىم يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك دوكلاتتا «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «شىنجاڭدا دائىرىلەر خىتاينىڭ ئەنگە ئېلىنغان قانۇنلىرى ۋە قانۇنىي تەرتىپلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ‹قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى› دا قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىپ تۇرماقتا. بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى ياكى ئادۋوكاتلار بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلەنمەكتە. ئۇلارغا ‹شى جىنپىڭ ئىدىيىسى› نى، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرى قاتتىق بېسىم بىلەن ئۆگىتىلىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلانماقتا. بىز بالىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنىڭ ئىنتايىن ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.»

مەزكۇر تەشكىلات كومىتېت رەھبەرلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى قانۇن-ماددىلارغا ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق لاگېرلارنى داۋاملىق كۆپەيتىۋاتقان ياكى كۆپەيتمەيۋاتقانلىقىنى سوراشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېچقانداق جىنايەت ۋە زوراۋانلىق قىلماي تۇرۇپ، قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشىلەرنى دەرھال قويۇۋېتىشكە، بارلىق مۇشۇنداق قانۇنسىز لاگېرلار ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى تاقاشقا ھەم شۇنداقلا ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ رايونغا بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

سوفى خانىم سۆزىدە، «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ شۈبھىسىزكى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› نى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىشتۇر. بۇ لاگېرلار خىتاي قانۇنىدىمۇ ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور ساندىكى كىشىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى ئاقلاش، ئۇنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ھېچقانداق ئاساسىي يوق. ئۇيغۇر ئېلىدا ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەر سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېغىر بىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى. ئۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت. ئەمما ئەڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان سانمۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. شۇڭا مەنچە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئۆزىگە ئاساسىي پرىنسىپ قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىر قۇرۇلۇشنىڭ ھەقىقىي رولىنى قانچىلىك جارى قىلىۋاتقانلىقى دەل خىتايغا ئوخشاش بىر كۈچلۈك دۆلەتكە مانا مۇشۇنداق مېخانىزملار ئارقىلىق رىقابەت ئېلان قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا باغلىق، دەپ قارايمەن.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا مەزكۇر كومىتېتقا يەنە، 8-ئايدىكى ئومۇمىي يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئۇچۇرلىرىنى يىغىش مەسىلىسىنى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ د ن ئا ئۇچۇرىنى يىغقانلىقى ۋە ئۇنى نېمە مەقسەتتە يىغقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، پاسپورت تارقىتىشتا مىللىي ئايرىمىچىلىق قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى سوراش، قايسى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى سوراشقا چاقىرغان.

ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىغا يوللانغان دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر بالىلىرىغا خالىغان ئىسىم قويۇشنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشى ھەم شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى كامېرا ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى بىكار قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 96-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە جەنۋەدە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئالىدىغان ۋە خىتاينى بۇ ھەقتىكى سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە قىستايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر سورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سوفى خانىم ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باشقا ئورگانلار ۋە شەخسلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقچىلىق سىياسەتلىرى ھەققىدە كومىتېتقا دوكلات سۇنىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ دوكلاتىنى تەييارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەريانلارنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.