Responsive Image

لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى زور تەسىر قوزغىغان

لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى زور تەسىر قوزغىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھازىر فرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار ھېيتۋاجى بىلەن گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.

گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ مەسئۇلى ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بىرلىتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەت گېرمانىيە تاراتقۇلىرى، سىياسىيونلىرى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. يەنى بۇ پائالىيەت گېرمانىيە خەلقىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تارتىش، شۇنداقلا بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش ئىكەن.

ئەسقەر جاننىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت گېرمانىيەنىڭ 10 شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدى بىلەن گېرمانىيەنىڭ 5 چوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

ئەسقەر جان بۇ پائالىيەنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ميۇنخېندا ئاخبارات ئېلان قىلىش بىلەن باشلانغانلىقىنى، ئىككى ھەپتە ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ ئاۋگۇستبۇرگ، فرانكفۇرت قاتارلىق 5 چوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار ھېيتۋاجى بىلەن قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە گېرمانىيەنىڭ گۆتتېنگېن، لايپزىگ، خانوۋېر، بېرلىن ۋە كارلسرۇخې قاتارلىق 5 شەھىرىدە گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.

ئەسقەر جان ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ھەر بىر شەھەردە 3 تۈرلۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ پالىيەتلەرنىڭ بەزىلىرىگە شۇ شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرىمۇ قاتنىشىپ، لاگېر شاھىتلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەسقەر جان ئەپەندى گېرمانىيە خەلقى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بېشىدىن قانداق پاجىئەلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانداق قىيىن-قىستاقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىسۇن دەپ بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن زور بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

لاگېر شاھىدى گۈلباھار ھېيتۋاجى خانىممۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 6-نويابىر كۈنىدىن باشلاپ قەلبىنۇر خانىم بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسىي شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ گۇۋاھلىقلارنى ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلارنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان جەمئىي 13 كىشى گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، لاگېردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. قەلبىنۇر خانىم لاگېرلارنىڭ تېخى تاقالمىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، تۇغماس قىلىش ۋە خورلاشنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيلىققا قارشى تۈرلۈك ۋەھشىيلىكلەرنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا لاگېرلارنىڭ ئىچ يۈزىنى پاش قىلىشنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنى گېرمانىيە ئاخباراتلىرى بەس-بەستە خەۋەر ئىشلەپ تارقاتقان ئىكەن. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خەۋەرلىرى گېرمانىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىمۇ كۆپ قېتىم بېرىلگەنلىكى مەلۇم.