Responsive Image

مال دوختۇرى خالىق مەخمۇت ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە يارىدارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 8 يىللىق كېسىلگەن

مال دوختۇرى خالىق مەخمۇت ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە يارىدارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 8 يىللىق كېسىلگەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 26– ئاپرىل

مۇخبىرىمىزنىڭ يەكەن تومئۆستەڭدىن ئەھۋال ئىگىلىىشى داۋامىدا 2014 ‏-يىلى يەكەندە يۈز بەرگەن 28 ‏-ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە ئالاقىدار يەنە بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى  پۇتىغا ئوق تەككەن بىر گۇماندار، ئېلىشقۇدىن 30 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تومۆستەڭدە ئولتۇرۇشلۇق مال دوختۇرى خالىق مەخمۇتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭدىن  ياردەم سورىغان. خالىق نورمال بىر ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن يارىدار گۇماندارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەن. گۇماندار 29 ‏-ئىيۇل كۈنى تۇتۇلغان ۋە ئۇنىڭ جاراھىتىنىڭ مال دوختۇرى خالىق مەخمۇت تەرىپىدىن تېڭىلغانلىقى مەلۇم بولغان. خالىق مەخمۇت 30 ‏-ئىيۇل كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان  ۋە ئاتالمىش تېررورچىلارغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 8 يىللىق كېسىلگەن؛ ئۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى 6 ‏-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە خالىق مەخمۇت بۇ يىل 65 ياش، تومئۆستەڭ يېزىسىنىڭ 9 ‏-كەنت 2 ‏-مەھەللە ئەزاسى، شۇنداقلا يېزا تەۋەسىدە تونۇلغان تەجرىبىلىك بىر مال دوختۇرى؛ يارىدار 28 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى گۇماندارلىرىدىن بىرى؛ ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ئېلىشقۇ تەۋەسىدىن؛  ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى  پۇتىغا ئوق تەككەندىن كېيىن 30  كىلومېتىر  مۇساپىنى بېسىپ خالىق مەخمۇتقا يارىسىنى تاڭدۇرغان. كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە،  6 بالىنىڭ ئاتىسى بولغان ۋە ئىلگىرى ھېچقانداق بىر سىياسىي ياكى جىنايى ئىشلارغا ئارىلاشمىغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئىككى كەنت كادىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مال دوختۇرى خالىق مەخمۇت داۋالىغان يارىدار، ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىشىنىڭ يىراق بىر تۇغقىنى، بۇنىڭدىن قارىغاندا، خالىق مەخمۇتنىڭ يارىدارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋېتىشتە ، پەقەتلا ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن  ھەرىكەت قىلغانلىقى ئېنىق. ئەمما يارىدارنىڭ تەپسىلىي  كىملىكى، ۋەقە بىلەن ئالاقىسى ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

http://www.rfa.org/uyghur/xaliq-mehmut-elishqu-oq-04252017172558.html