Responsive Image

مىسىر دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن مەلۇمات بېرىشكە چاقىرىلدى

مىسىر دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن مەلۇمات بېرىشكە چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 28– ئىيۇل

مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى، تۇتقۇنلارنىڭ سانى، قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىپ باقمىغان. ئۇنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار بۇ ھالقىلىق سوئاللارنى جاۋابسىز قويۇشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن ئىدى. 

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رادىيومىزدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى «زور شۈبھىلىك ھەرىكەت» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە قاھىرە ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كوردىناتورى تىنا مۇفورت پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى شۈبھىلىك. بۇ ئوقۇغۇچىلار مەيلى خىتايدا، مەيلى مىسىردا ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان، ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان. شۇڭا، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى، تۇتقۇن قىلىشى ياكى ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئالدى بىلەن بىر زۇلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ، قانۇن دۆلەتلىرىدە نورمال چېگرادىن ھالقىغان، قوبۇل قىلغۇسىز ھەرىكەت.»

تىنا مۇفورت خانىم يەنە، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ مىسىردا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا قاتنىشىشىغا يول قويغانلىقىنى تەنقىدلەپ، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئادەمنىڭ «ئەقلىدىن ئازغانلىق» دەپ كۆرسەتتى.

تىنا مۇفورت: «بۇنىڭ ئۆزى، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتكە ئورتاق بولۇش دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ، مىسىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ، چەتئەل ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا بۇ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويدى. بۇ، شۇنداق سوئالنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ، مىسىر ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا يول قويىدۇ؟ بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تەلىم ئالغان ئامانلىق خادىملىرىدۇر، چەتئەل تۇپرىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى ھېچقانداق مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەرىكەت دېمىسەممۇ، بىراق بۇ ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى قارشى ئېلىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىدەك بۇ ھەرىكىتى پەقەتلا ئەقلىدىن ئازغانلىقتۇر.»

مىسىر ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسىدە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرى بىر-بىرىگە يېقىنلاشسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۇچۇرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ياكى قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسىدە پەرقلىنىدۇ.

مىسىردا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىدا، قاھىرەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 95-96 ئەتراپىدا بولۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ياكى قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقى سانى مەلۇم ئەمەس. ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇرىدا بولسا، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 70 نەپەر، بولۇپ، ئۇلارنىڭ 17 نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن.

بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى مۇھەممەت ئەل ماھراساۋى 24‏-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلغان. ئۇ، ئاخبارات يىغىنىدا پەقەت 3 ئوقۇغۇچىنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، مىسىردا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر، 17 ئوقۇغۇچىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ 17 بالىنى قاچان قويۇپ بەردىكىن، ئۇنداق خەۋەر بولسا بىز 1-بولۇپ خەۋەر تاپىمىز، بالىلار بىردەمدىلا ئۇقۇپ بولىمىز. بەلكىم 17 بالا دېگەن ۋاقتىدا بۇرۇن ئىسكەندىرىيەدە تۇتقان ۋاقتىدا 8 بالىنى بىر قويۇپ بەرگەن. 5 نى ئايرودرومدىن چىقىرىۋەتتى، كېيىن 3 نى قويۇپ بەردى. كېيىن يەنە 2 نى قويۇپ بەردى. غۇردەقەدە، ئۇيەر-بۇيەردە تۇرغان. شۇ بالىلارنى ھېسابلىدىمىكىن دەيمەن. 17 بالىنى قويۇپ بەرگەن بولسا ھازىر بالىلار بىردەمدە بىر-بىرىگە خەۋەر قىلاتتى. بالىلارنىڭمۇ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ-دەڭە، ئۇنداق ئىش بولسا. لېكىن ئۇنداق ئىش يوق ئاكا، بىز ئۇنداق خەۋەرنى بىلمىدۇق. شۇ بالىلا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ قويۇپتىكەن، ئەزھەرنىڭ بىر شەيخى مۇشۇنداق 80 بالىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، 17 بالىنى قويۇپ بەردى. ئۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەزھەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، دېگەن گەپلەرنى چىقىرىپ قويۇپتۇ، دەڭە. 73 بالا دېگەن توغرا بولىدۇ، شۇ گەپكە قارىغاندا.»

مۇخبىر: ‏ دېمەك، بۇ يەردە 90 نەچچە بالىنىڭ ئىچىدىن قويۇپ بېرىلگىنى يوق. پەقەت ھېلىقى چېگراغا كېلىپ قالغانلاردىن چىقىرىۋەتكەنلەرنى، شۇلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك؟

مۇھاجىر: ھەئە شۇ. شۇ چىقىرىۋەتكەن بالىلارنى دېيىشكەن بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى بالىلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ خەۋىرى يوق. ئەگەر قويۇپ بېرىش بولۇپ قالسا ھازىرقى بالىلاردىن بىز خەۋەر تاپاتتۇق. قويۇپ بەردى، دەپ ئازراق بولسىمۇ بالىلارنىڭ كۆڭلى ئارام تاپاتتى. بىر ئاز ئەركىن بولۇپ قالاتتۇق. مەن ھەيران قالدىم، بۇ نەدىن چىققان خەۋەردۇ، دەپ.

مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى كۈنلەردە چەتئەل ئاخباراتى مىسىر دائىرىلىرىنىڭ 12 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى، يەنە 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق بۇ خەۋەر ھازىرغا قەدەر دەلىللىنەلمىگەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى، قاتارنىڭ ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە، مىسىر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئىسمائىل ئەل رەشىدى، جەمئىي 12 كىشىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئۇ، تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئەل رەشىدە سۆزىدە يەنە، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتقۇنلاردىن ھېچكىمنى رەسمىي ئەيىبلىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر ئۇلار رەسمىي ئەيىبلەنگەن بولسا، مىسىر سوتىغا چىقىرىلاتتى. بۇ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان» دېگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە شىددەتلىك قارشى تۇرۇپ، ھەرقانداق ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى تىنا مۇفورت، مانا بۇ، مىسىرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ۋەھىمە پەيدا قىلىشىدىكى سەۋەب، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئوقۇغۇچىلار قايتۇرۇلسا ئۇلارغا نېمە بولىدىغانلىقىنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىنى مىسىرغا قەدەر سوزۇپ، يالغۇز ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشى، بۇ ئەقىل-مەنتىقىغە سىغمايدۇ. خۇسۇسەن بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار قايتىپ بارسا، ھەرگىز تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئېلىنمايدۇ. ئۇلار قايتىپ بارسا، بەلكىم ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ياكى تەن جازاسى ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.»