Responsive Image

مىسىردا غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ بىرى مەمەتجان ئەمەتنى خىتاي ئۆزى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن

مىسىردا غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ بىرى مەمەتجان ئەمەتنى خىتاي ئۆزى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  12-ئاپرىل

قاھىرەدىكى تۇرا تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىرى مەمەتجان ئەمەتنىڭ سالاھىيىتى ئايدىڭلاشتى.

بۇلتۇر 4-ئىيۇل كۈنى كېچىدە مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مەمەتجان ئەمەت، ئەزھەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ تۇتۇلغاندا 80 كۈنلۈك بوۋىقى بىلەن قالغان ئايالى تاكى ئالدىنقى ئايغىچە، مىسىردىكى تۈرمىلەرنى ئارىلاپمۇ ئېرىنىڭ ئىز -دېرىكىنى ئالالمىغان.

مىسىردىكى تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھەققىدە، مىسىردىكى تۇتقۇندىن قېچىپ تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، بۇلتۇر يازدا مىسىر دائىرىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇنىغا ئۇچرىغان ۋە تۇرا تۈرمىسىدىن 2017-يىلى، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، ھەتتا خىتاي تەرىپىدىن دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
مىسىردىكى تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۈمىد مۇجاھىرنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن، تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب قىلىنغان شۇنداقلا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن مەمەتجان ئەمەتنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولدى.

بىز يەنە ئۇنىڭ يېقىندا مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئايالى بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. مەمەتجاننىڭ ئايالىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مىسىر ساقچىلىرى ئۇنى 2017-يىلى، 4-ئىيۇل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تۇيۇقسىز تۇتقۇن باشلىغان تۇنجى كۈنى كېچىدە، ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ گەرچە ئېرىنى تۇتقىلى ئۆيگە كىرگەنلەرنىڭ مىسىر ساقچىلىرى بولسىمۇ، سىرتتا تۇتقۇن قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىدا ۋە سىرتتا خىتاينىڭ قارا ساقچى كىيىملىرىنى كىيگەنلەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ساقچىلار ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق بىنادىن تۆت ئۇيغۇرنى بىراقلا تۇتقۇن قىلغان ئىكەن.

مەمەتجان ئەمەت بۇ يىل 25 ياشتا بولۇپ، ئۇ قەشقەر شەھەر ئاۋات يېزىسىدىن. ئۇ، 2008-يىلىدىن 2013-يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.

مەمەتجان ئايالى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن يىلى 1-سېنتەبىر تۇرا تۈرمىسىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقە قىلغان، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا دېيىشىچە، ساقچىلار شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، مەمەتجان قاتارلىق قىزىل گۇرۇپپىغا ئايرىلغان 16 ئۇيغۇرنى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

مىسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئىززەت غەنىي ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە مىسىردىكى تۈرمىلەرنى ئارىلاپمۇ ئېرىنى تاپالمىغانلىقىنى بايان قىلغان مەمەتجاننىڭ ئايالى، بىر ئاي ئىلگىرى مىسىردىكى ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقىدىن تۈركىيەگە كېلىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن. ھازىر بۇ 22 ياشلىق ياش ئانا بىر ياشلىق قىزى بىلەن مەمەتجاننىڭ خەۋىرىنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ ياشىماقتا ئىكەن. مەمەتجاننىڭ يۇرتتىكى ئاتا -ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرى خىتاي تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىز -دېرىكىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مەمەتجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئالالمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئايالى مەمەتجان يەنىلا مىسىردا بولسا كېرەك دېگەن ئۈمىدتە ئىكەن.

تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار، 2017-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، تۇرا تۈرمىسىدىن يۆتكەلگەندىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە خەۋىرى بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا، ئابدۇغوپۇر ئەھمەد، ئېلياسجان راخمان، شىرئەلى شىرزات، نۇرمەمەت ئوبۇل، شەھىدۇللا جالالىدىن، ئابدۇۋەلى، ئوسمانجان، مەھمۇد، ئادىل ھاشىم، ئابدۇرەقىپ، ئەكبەر ئوسمان، ئابدۇئېزىز، ئوسمان، ئابدۇغۇپۇر، مەھمۇد ھاجى قاتارلىق ئىسىملارنى تەمىن ئەتكەن ئىدى. مەمەتجان ئەمەتنىڭ ئىسمىمۇ نۆۋەتتە بۇ غايىبلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.