Responsive Image

مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى باقىھاجى خېلىلنىڭ كۈنەس قارا بۇغرا تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى باقىھاجى خېلىلنىڭ كۈنەس قارا بۇغرا تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى دەلىللەندىمىسىردا ئوقۇپ قايتقان ۋە كېسىلىپ كەتكەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار. 2016-يىلى، قاھىرە.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مىسىردا ئوقۇپ قايتقان ۋە كېسىلىپ كەتكەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار. 2016-يىلى، قاھىرە.

ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارا بۇغرا تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 26 ياشلىق باقىھاجى ئابدۇخېلىل، تېخى تۆت يىلنىڭ ئالدىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچى ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مىسىردا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئاتالمىش «جىنايىتى» ۋە يۇرتى ئاتۇشتىكى دائىرىلەرنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغانلىقىدەك «ئىتائەتمەنلىكى» سەۋەبىدىن مەزكۇر جازاغا مۇپتىلا بولغان.

2016‏-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئالداش ۋە تەھدىت سېلىش، 2017 ‏-يىلىغا كەلگەندە بولسا كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق مىسىردا ئوقۇۋاتقان 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپىنچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى. قايتۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كېسىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە ئۇچۇرلار كۆپ بولسىمۇ، كىملەرنىڭ قانچىلىك كېسىلگەنلىكى ۋە قەيەرلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭ ئەمەس ئىدى. ئىلگىرى بىر مەھەل مىسىردا ياشىغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى يېقىندا ۋەتەندىكى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئەينى چاغدا مىسىردا ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئوقۇغىچلاردىن ئابدۇغاپپار، باقىھاجى خېلىل، مەمەتجان ئابدۇشۈكۈر، ئادىلجان ئەركىن، ئابدۇسالام ۋەلى، ئېلىجان قارى قاتارلىق 6 نەپەر ياشنىڭ 7 يىللىقتىن 12 يىللىققا قەدەر كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇ ئالغان ئۇچۇرلار ئارىسىدا 26 ياشلىق باقىھاجى خېلىلنىڭ 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە كۈنەستىكى قارا بۇغرا تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، باقىھاجىنىڭ يۇرتى ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

ئابدۇرىشىت نىيازنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولىشىچە، باقىھاجىدا دىنىي ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇنىڭ يۇرتىدا ئۇچراتقان دىنىي زاتلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قوزغالغان. ئۇ بىر مەزگىل مەسچىتلەردە خۇتبە، توي ۋە نەزىرلەردە تەبلىغ ئاڭلاش؛ شۇنداقلا ھۆرمەتكە ساۋزاۋەر دىنىي زاتلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ سۈھبەتلىشىش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىي مەلۇماتىنى يېتىلدۈرگەن. ئوغلىنىڭ بۇ قىزىقىشى ۋە ئىنتىلىشىنى كۆرگەن دادىسى ئابدۇخېلىل ئۇنى مىسىردا ئوقۇتۇش ئارقىلىق بالىسىنىڭ ئارۇسىنى قاندۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئارمانلىرىغا يېتىش كويىدا بولغان. ئەمما ئۇ بالىسىنى مىسىرغا ئوقۇشقا يولغا سېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەھەللە ساقچىلىرى ۋە ئاھالە كومېتىتى خادىملىرىنىڭ زىيارەت ۋە سوراق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ بالىسىنى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى ياكى چىڭخۇا ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ئىمكانى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، مىللەت ۋە سان چەكلىمىسى قويمايدىغان، ئوقۇش خىراجىتى تۆۋەن بولغان ئەزھەر ئونىۋېرسىتېتىگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما ھەرقانچە چۈشەندۈرۈپمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۆزىگە قادىلىۋاتقان «دۆلەت مائارىپىغا قارشى تۇرۇش»، «دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىگە خەتەر يەتكۈزۈش» گۇمانىنى يېشەلمىگەن. خادىملار ئاخىرى ئۇنىڭغا بالىسىنى دەرھال قايتۇرۇپ ئەكىلىشنى بۇيرۇغان ۋە قايتۇرۇپ ئەكەلمىسە، ئائىلە بويىچە تۈگىمەس بىر ئاۋارىچىلىققا قالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان. نەتىجىدە باقىھاجى دادىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرى يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كەتكەن؛ ئاتۇش مەشھەتتىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى ئۆزلىرىنىڭ باقىھاجىنىڭ دادىسىغا خىزمەت ئىشلەپ 3-4 كۈن ئىچىدىلا باقىھاجىنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئابدۇرىشىت نىيازنىڭ دىيىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى قايتۇرۇپ كېلىشتە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، باقىھاجىنىڭ دادىسى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ مۇدىرىمۇ ئەنە شۇ يىغىنغا قاتناشقانلاردىن بىرى. ئەنە شۇ يىغىندىن مۇكاپات ئېلىپ قايتىپ كەلگەن كومېتىت مۇدىرى باقىھاجى خېلىلنى ئۆزىنىڭ قايتۇرۇپ ئەكەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە، باقىھاجىنىڭ 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كۈنەس قارا بۇغرا تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، مەزكۇر مۇدىر باقىھاجىنىڭ دادىسىغا بالىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئىدىيەۋىي خىزمەت ئىشلەۋاتقان چېغىدا، باقىھاجى قايتىپ كەلسە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بىز مەزكۇر خادىمدىن باقىھاجى كېسىلىپ كېتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەزكۇر ئائىلىگە قانداق ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ باقىھاجىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۇغلى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئېكراندا ۋە خەت ئارقىلىق كۆرۈشۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىدەك «غەمخورلۇق» لىرىنى ماختانغان ھالدا تىلغا ئالدى.