Responsive Image

ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش سادالىرى كۈچەيمەكتە

ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش سادالىرى كۈچەيمەكتەمودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ.

«كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ خىتايدىكى ئىچكى مەنبەسى ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەزكۈر ئورگاننىڭ خىتايدىن كەلگەن ئىسپاتلىق ئۇچۇرغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، 2018-يىلى 12-ئايدا 11يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەۋەردە يەنە ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر جازاغا ئۇچرىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلغانلىقى ھەمدە ئەنگلىيە BBC خەۋەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

نۆۋەتتە بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى تىۋىتېر، ئىنستگرام، فەيسېبوك قاتارلىق نۇرغۇن ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا ۋە دېققەت قوزغاۋاتقان تېمىغا ئايلاندى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە سەنئەتكارلار قاتارلىق ئوخشىمىغان گۇرۇپىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خەۋەرنى ھەمبەھرلەپ، «ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپقا ئەركىنلىك!» دېگەن سادالار بارغانچە كۈچەيمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق ئۇچۇر كونتروللۇق سەۋەبلىك ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ قاچان سوتلانغانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن قانچە يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى قايسى تۈرمىدە ئۆتەۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىۋاسىتە ئېنىقلاش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. بىز، بۇ ئەھۋاللارنى ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ دەلىللەشكە تىرىشقان بولساقمۇ ئىمكانىيەت بولمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئابلاجاننىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ھېچقانداق بىلدۈرۈش ئېلان قىلماي كەلمەكتە.

ئۇيغۇر رايونىدىكى مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈپ ناخشا ئېيتىپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈپ ناخشا ئېيتىپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

ئەمما، 2018-يىلى 5-ئايدا رادىيومىز ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ 2017-يىلى دېكابىردا بىر قېتىم تۇتۇلۇپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قايتا تۇتۇپ كېتىلىپ، يۇرتى خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.

1984-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى سانجۇ يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ تولۇق ئىسمى-فامىلىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ بولۇپ، ئۇ، 2010-يىللاردا ياش ئۆسمۈرلەر ياقتۇرىدىغان جۇشقۇن ۋە جانلىق رىتىملىق ناخشىلىرى بىلەن ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىكى چولپانغا ۋە دوستىغا ئايلانغانىدى. ئۇ، ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ناخشىلارنى ئېيتالايدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇر دىيارىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي ئىچىدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەندىن باشقا، ھەتتا چەتئەللەردىكى تاراتقۇلاردىمۇ تارقىتىلىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانىدى.

ئابلاجان ئۆزىنىڭ مودا ئېقىم ناخشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئاھاڭلىرىنى يېڭى ئېقىمغا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىجاد قىلغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئۇ، 400دىن ئارتۇق ناخشا يازغان.

ئابلاجان 2010-يىلى 1-ئايدىكى «مەشرەپ كونسېرتى» دا ئۆزىنىڭ «مەشرەپ ناۋاسى» ناملىق ناخشىسى بىلەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان. «مەشرەپ ناۋاسى» ئىنگلىز ۋە خىتاي تىللىرىدا قايتا تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ناخشىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. ئۇ، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى پلاستىنكىسى «باشلامدۇق» نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ مەزكۇر تۇنجى پلاستىنكىسى 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سېتىلغانىكەن.

ئابلاجان يېڭى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان شۇ چاغلاردا، ئۇنىڭ نەق مەيدان ناخشا كېچىلىكلىرىدە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق مۇزىكا تەھرىرى ۋە مۇزىكا رېژىسسورى رىدا ئابلىمىت ئەپەندى كانادادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابلاجاننىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئەڭ قىزغىن ئەگەشكەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇستىن بىبېرى»، «مايكول جېكسونى» دەپ تەرىپلەنگەن ئۆرنەك چولپىنى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابلاجان ئاۋۇت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى نىشان قىلىپ چوڭ تۇتقۇننى باشلىغان، ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن بىر مەزگىلدە، يەنى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى BBC خەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە، 5 يىل ئىلگىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى «تەڭرىتاغ سەنئىتى» پروگراممىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىدە، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ دۇنيادىكى ئەركىن دۆلەت ئامېرىكاغا بېرىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئابلاجان ئاۋۇت خېلى بۇرۇنلا ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.

2014-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىدا ئابلاجاننىڭ ئۇيغۇر مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ چولپان بولۇپ كۆزگە كۆرۈنۈشى جەريانىدا مۇشەققەتلىك ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سىياسىي سەزگۈرلۈك سەۋەبلىك رىقابەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.

«دەۋر» ژۇرنىلى ماقالىسىدە ئابلاجاننىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نەق مەيدان تېلېۋىزىيە كونسېرتىنىڭ باشلىنىشتىن بىر سائەت بۇرۇن تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئۇنىڭ مەستانىلىرىنىڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئېيتىلغان. مەزكۇر ماقالىدە يەنە دائىرىلەرنىڭ گەرچە كونسېرتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېخنىكىلىق مەسىلىلەر بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كونسېرت تەشكىللىگۈچى ئەزالارنىڭ بۇنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈك سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور دەررېن بايلېر ئەپەندى ئابلاجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، 11 يىل كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئابلاجاننىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان يېتەكچىگە ئايلىنىشى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىكى، ئۇيغۇرلۇقتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئابلاجاننىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ جازالاش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە تەسىرچان بىر چولپان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن 2015-يىلى كۆرۈشكەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىغا ياشلارنىڭ مەستانە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلمىسىمۇ ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلىقىدىن خۇشال ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتى. ئۇ، نامرات جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ۋە زامانىۋى ئۇيغۇر چولپىنىغا ئايلىنىشتەك ھايات تەجرىبىسى بىلەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا خىتاي تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك شارائىتتا قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈمىدى ئېلىپ كەلگەن سىمۋولى بولغانىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قەدىرلىگەنلىكى ئۈچۈن، مىللىتىگە بولغان ساداقىتىنى ناخشا قىلىپ ئېيتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە خەتەرلىك ئادەم سانالغان. ئۇ، بىر ئاجايىپ تالانتلىق ئۇيغۇر ياش ئىدى».

دەررېن بايلېر ئۆزىنىڭمۇ ئابلاجان ناخشىلىرىنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ مودا ئېقىم ناخشىچىسى بولۇشىدا، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىكى قەلبىدىن ئورۇن ئالغان دۇنياۋى مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى مايكېل جېكسوننىڭ ئۇسلۇبىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەننىڭ شۇنداق يىراق بىر يېزىسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ۋە تاكامۇللىشىپ بىر چولپان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىش. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس مۇزىكا رىتىمىنى يەرشارى مودا ئېقىم ئۇسلۇبىغا بىرلەشتۈرگەن يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن ھەۋەسكارلارنى مەھلىيا قىلدى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى شۇنداق تەسىرچان بولۇپ، سەھەردە بىر ئاڭلىسىڭىز كۈن بويى قۇلىقىڭىزنىڭ تۈۋىدە ياڭرايدۇ، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئاسان ئۇنتۇلمايدىغان جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە».

خىتاي تاراتقۇلىرىدا مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت «يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر سەنئەتكارى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭىچە دەۋرگە خاس ئالاھىدە ئوبرازى نۇرغۇن يەرلىك ماركىلارغا ئوبراز ئەلچىسى بولغان. ئابلاجان 2016-يىلى Marrybrown Sdn Bhd مالايسىيا تېز تاماقخانىسىنىڭ خىتايدىكى ماركا ئەلچىسى بولغانىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى كەسپىي ھاياتىدا نۇرغۇن كونسېرت ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە بېغىشلانغان نۇرغۇن ئايرىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ خاس «ئابلاجان ماركىلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» نى قۇرغان.

ئابلاجان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بىر مەيدان كونسېرتىنى 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى شاڭخەيدە قويغان. ئۇ، ئۈندىدار توپلىرىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2‏-ئاينىڭ 14‏-كۈنى كۆرۈنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان.

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇقەددەس مىجىت خانىم ئابلاجانغا: «ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى مودا ئېقىمغا ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان مۇزىكانت، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋە تەشەببۇسچىسى» دەپ باھا بەردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلاجان ئايۇپنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. دوكتور مۇقەددەس مىجىت ئابلاجاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنىپ جازالىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 11 ھەتتا 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارالغاندىن بۇيان، ئابلاجانغا ئەركىنلىك تىلەش سادالىرى، ئۇنىڭ ناخشىلىرى بىلەن تەڭ ياڭرىماقتا.