Responsive Image

پارىژدىكى بىرلەشمە نامايىش ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

پارىژدىكى بىرلەشمە نامايىش ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى

مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنۇڭ رىياسەتچىلىكىدىكى  د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ھەم بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، گېرمانىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىكى دۇنياغا مەشھۇر ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا  جەم بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىش باشلىنىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارىژدىكى بالتىمور مېھمانخانىسىدا، پارلامېنت ئەزاسى، يېشىلەر پارتىيىسى پارس شۆبىسىنىڭ رەئىسى سىلۋىيان گارەل ئەپەندى، فرانسىيىلىك ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم، فرانسىيە تىبەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مارسىللا روخ خانىم ۋە فرانسىيە ۋيېتنام كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيونىنىڭ مەسئۇلى تران خانىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ مەيدانغا  كېلىش سەۋەبى ۋە جەريانى، ئۇنۇڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەپەندىم، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلاندۇرۇلغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان  سانلىق مەلۇماتلار بىلەن، بەزى شاھىتلار ۋە تەرەپسىز مەنبەلەر تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزەلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ۋەقەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ۋە ھەقىيقى پاكىتلارنى بۇرمىلاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ھەقىيقى سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ۋە دېموكراتىك ئەللەردىن شەرقىي تۈركىستانغا  تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىيقى ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىنلا بىرلەشمە نامايىش باشلاندى.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە د ئۇ ق نىڭ مەركەزدىكى رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى نامايىشقا، يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، فرانسىيىدىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان فىرانسوز دوستلار، تۈركلەر ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 500 كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس ئاپتوبۇس ۋە ماشىنىلار بىلەن كېچىچە نەچچە يۈز كىلومېتىر يول يۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

فرانسىيە ۋاقتى سائەت 13:00 دا پارىژ ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا  توپلانغان  نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر يەر ئالغان رەسىملىك تاختىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا جاراڭلىق شوئار توۋلاپ، دۇنياغا مەشھۇر ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى زىل – زىلىگە سالدى.

ئۇيغۇر نامايىشچىلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن 10 مىڭلىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى، مىڭلىغان ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى بەس – بەس بىلەن رەسىم ۋە فىلىمگە ئېلىشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان 5 – ئىيۇل شېھىتلىرى، شۇنداقلا بارلىق شېھىتلەرنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ۋە نامايىشقا قاتناشقان يۇقىرىقى 8 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا – ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، ئەتراپتا توپلانغان  مىڭلىغان يەرلىك ئاممىغا ۋە ساياھەتچىگە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈشتى، ئۇلارنىڭ نۇتۇقلىرى ئۇدۇللۇق فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىندى.

نامايىشنىڭ باشلىنىشىدا يەنە فرانسىيىدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى، شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە يەنىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ئالدىدىكى مەيداندا، د ئۇ ق تەرىپىدىن فىرانسوز تىلىدا ھازىرلانغان  ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان نەچچە مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋارىقى ئەتراپتىكى ئاممىغا تارقىتىپ بېرىلدى.

مەيداندىكى مۇراسىمدىن كېيىن، نامايىشچىلار قوشۇنى، فرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ يول باشلىشىدا   ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئالدىدىن خىتاينىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار يول بويى ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە، » تېررورىست خىتاي ! قاتىل خىتاي ! خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن ! ۋەتەن بىزنىڭ ! ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن ! » دېگەندەك تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى شوئارلارنى جاراڭلىق توۋلىشىپ، ئەتراپتىكى يەرلىك ئاممىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

يول بويى توختىماي شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار قوشۇنى تەخمىنەن بىر سائەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا  يېتىپ كېلىشتى.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، خىتايغا قارشى شوئارلار يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپنى لەرزىگە كەلتۈردى.

بۇ يەردىكى مۇراسىمدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى، ۋيېتنام كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيونى ۋە شۇنىڭدەك باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا – ئارقىدىن سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كەلگەن رەھىمسىزلەرچە قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنى بۇ خىل غەيرىي ئىنسانى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىيقى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىنچلىق شەكلى بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ۋە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر نامايىش ئاخىرىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئىزچىل تۈردە ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك دوستلارغا ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىش يەنە 5 – ئىيۇل قۇربانلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق شېھىتلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئاياغلاشتى.

نامايىش باشتىن – ئاخىرى ئىنتايىن رەتلىك ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.