Responsive Image

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا ئالتاي كۆچمەن قەبىلىلىرى پائالىيىتىگە قاتناشتى

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا ئالتاي كۆچمەن قەبىلىلىرى پائالىيىتىگە قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 26– ئىيۇل

20-، 22-ئىيۇل كۈنلىرى قىرغىزىستاندا خەلقئارا ئالتاي كۆچمەن قەبىلىلىرىنىڭ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىنىڭ چولپانئاتا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت سارىيىدا 20-ئىيۇل كۈنى باشلانغان ئىدى. پائالىيەتكە قىرغىزىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ باشچىسى ئالمازبېك ئاتامبائېف، باشقۇردىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ باشچىسى رۇستەم خامىتوف، ياقۇتىيە ۋىلايىتى ساخا رېسپۇبلىكىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت باشچىسى ئېگور بورىسوف شۇنداقلا قىرغىزىستان، قازاقىستان،رۇسىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، ئالتاي ئىۋىلىزىيەسى ۋە ئالتاي تىلى ئائىلىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەر بىرلىشىپ يېڭى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە كۆچمەن مەدەنىيەت بايلىقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت.

مەزكۇر پائالىيەتكە رۇسىيە ئىلىم ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئاننا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تىلى تۈركولوگىيە پەنى ۋە تارىخى ئۈچۈن چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمىي تىللارنىڭ بايلىقى ياخشى ساقلانغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىئالېكتىكىسى دەسلەپكى تىللاردىن بولۇپ، تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا كۆپ تەسىر كۆرسەتمەكتە.»

21-ئىيۇل كۈنى بۇ خەلقئارالىق پائالىيەتكە بېغىشلانغان قۇرمانجان داتكا ناملىق «كۆچمەن مەدەنىيىتى مەركىزى» ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىنىڭ چوڭ سارئوي يېزىسىدا ئېچىلدى. مۇراسىمغا قىرغىز رېسپۇبلىكىسىنىڭ باشچىسى ئالمازبېك ئاتامبائېف باشلىقىدا ئاتاقلىق مېھمانلار قاتناشتى. يېڭى ئېچىلغان كۆچمەن مەركەزدە سەككىز يۇرت ئورۇنلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قازاق، قىرغىز، تاتار، باشقۇرت، ئۆزبېك، ياقۇت، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر يۇرتلىرى بار.

ئۇيغۇر يۇرتى نەق ئۇيغۇر ئۆيىدەك ياسالغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ، سەنئەت، مەدەنىيىتىنىڭ، مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ۋە يېمەكلىرىنىڭ بايلىقىنى كۆرسىتىپ تۇردى. مەزكۇر مۇراسىمغا قازاقىستاندىن «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلى قاتناشتى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشى رەئىسى رەشىدەم ئەمەتخانوۋا مۇراسىمنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاژىئېف نۇتقىدا پائالىيەتنىڭ يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەردە مىللەتلەرنىڭ ئۆملۈكى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پائالىيەت داۋامىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا، تارىخ پەنلەرنىڭ نامزاتى، رۇسىيەدىن كەلگەن تۈركولوگ ئالېكساندىر ۋاسىلىئېف ئۇيغۇر يۇرتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئالتاي ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇيغۇرلار چوڭ رول ئوينىغان، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئالتاي ئۇرۇقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە پېشقەدەم خەلقلىرىدىن بىرى بولغان. مەركىزىي ئاسىيادا ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھىبلىرى بولغان. بۈگۈنكى ئالتاي ئائىلىلىرىگە بېغىشلانغان پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار ئالاھىدە پائال قاتناشتى. مەن تارىخچى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر كەسىپداشلىرىم بىلەن بىللە مۇھاكىمىلەر قىلىپ، ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىق مەلۇماتلارنى ئالدىم ۋە كېلەچەكتىمۇ ئۇيغۇرلار ھەرخىل پائالىيەت، ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆز مىللەت بايلىقىنى كۆرسەتسە، مەن بەك خۇشال بولاتتىم.»

22 ئىيۇل كۈنى ئالتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە بېغىشلانغان مۇراسىم چوڭ كونسېرت بىلەن تاماملاندى. نەتىجىدە «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى ئىمران بەختىيار قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ تەقدىرنامىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى.