Responsive Image

روشەن ئابباس: ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر

روشەن ئابباس: ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇرئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئاپرېل، ۋاشىنگتون RFA/Shehrizad

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، 16-ئايرىل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى. مەزكۇر مۇھىم پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەئىسلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرىمۇ قاتنىشىپ ئايرىم-ئايرىم تەبرىك نۇتقى سۆزلىدى. رادىيومىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنى زىيارەت قىلدى. روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانى قاتارلىق تېمىلاردا توختالدى.

تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.