Responsive Image

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– ئىيۇن

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا باشلانغان باشلىقلار يىغىنى 2 كۈن داۋاملىشىدۇ. 8‏- ۋە 9‏-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشتۇر. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001‏-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ 1‏-قېتىم ئەزا كۆپەيتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001‏-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ئۇنىڭدا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىزچىل يېتەكچىلىك رول ئويناپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھىندىستان ۋە پاكىستاننى رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىش بىلەن بۇ تەشكىلات دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% ئىنى ئىگىلەيدىغان، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە پاكىستان قاتارلىق 4 يادرو دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورگانغا ئايلاندى.

بىراق بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر-بىرىگە «رەقىب» بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىشى ئۆزلىرىنىڭ رىقابىتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا سۆرەپ كىرىپ، بۇ ئورگاندا ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىش پەيدا قىلىشى، مەزكۇر ئورگاننى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. 

قازاقىستانلىق پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇلار مېنىڭ ئويۇمچە، مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە كۆپ تالاش-تارتىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق مەسىلىدە، جۈملىدىن چېگرا، ئىقتىساد ۋە باشقا مەسىلىلەردە پاكىستان بىلەن ھىندىستان ھەرقاچان بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرقىسى مۇشۇ 5‏-ئايدا ئېچىلغان بىر بەلۋاغ، بىر يول يىغىنىغا ھىندىستان قاتناشمىدى. ھازىرغا قەدەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىر ئۇخلاۋاتقان تەشكىلات بولغان بولسا، ئەمدى تۇرۇپ -تۇرۇپ جېدەللىشىدىغان بىرنېمىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن.»

بەزى ئانالىزچىلار، ھىندىستان بىلەن پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسە، ئۇلارنىڭ ئۆز‏-ئارا تىركىشىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ياڭ لىيۈ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ ئىككى دۆلەتنى دائىم مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ياڭ لىيۈ مۇنداق دېدى: «پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن. خىتاي پاكىستاننى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ نۇرغۇن زىددىيىتى بار. بىراق، ھازىر ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشى ناھايىتى مەنىدار. خىتاي ناھايىتى كۈچلۈك دىپلوماتىك ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. بەلكى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ش ھ ت غا ئەزا بولسا، ئۆز‏- ئارا ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇلارنىڭ زىددىيىتى بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ. بىراق خىتاي ش ھ ت دا ئاساسلىق ساھىپخان دۆلەت. شۇڭا، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ بۇنى قىلىش-قىلالماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك مۈشكۈل.»

ھىندىستان -خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىۋاتقان كۆپ خىل سەۋەبلەر مەۋجۇت. بۇ سەۋەبلەر چېگرا ئىختىلاپى، خىتاينىڭ پاكىستانغا بېرىۋاتقان ھەربىي ياردىمى، تېررورلۇق مەسىلىسى، پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياڭ لىيۈ ئەپەندى، بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئاسان ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چۈنكى، خىتاي -پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىقتىساد ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل. بىراق خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقى كۆپ تەرەپلىمىلىك. ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ئىنتايىن قويۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ پاكىستانغا بېرىۋاتقان ھەربىي ياردىمى بار. چۈنكى پاكىستان خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىتتىپاقداش دۆلىتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ھىندىستاندىن پەرقلىق. قانۇن سىستېمىسى پەرقلىنىدۇ. ھىندىستان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىردىن‏- بىر دېموكراتىك دۆلەت. ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ.»

خىتاي 2016‏-يىلى دېكابىردا پاكىستان رادىكال تەشكىلاتى – «جائىشى مۇھەممەت»نىڭ رەھبىرى مەسئۇد ئەزھەرنى ب د ت نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلغان. مەزكۇر تەكلىپنى ھىندىستان ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ ش ھ ت غا قاتنىشىشىدىكى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىدىكى ھالقىلىق رايون بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئۇنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئاكتىپ قوللاپ كەلگەن. بۇ قېتىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستاناغا بېرىپ، پرېزىدېنت نەزەربايىف بىلەن كۆرۈشكەندە، نەزەربايىف خىتاينى قازاقىستاننىڭ «ئەڭ چوڭ شېرىكى» دەپ تەرىپلەپ، «ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. بىراق قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ ش ھ ت غا كىرىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ئورگان ئىچىدىكى رولى ئاجىزلايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەنە بىر نەرسىنى كۆرۈۋاتىمەن، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سەۋىيىسى، رولى تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇلار مۇنداق ستاتىستىكا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كىمنى قوللاش، قاياققا قاراش دېگەندەك مەسىلىلەردە. چۈنكى، بۇ تۆتى يادرولۇق دۆلەتلەر، دۇنيادا ناھايىتى مۇھىم سالماققا ئىگە. ھەم نوپۇس جەھەتتىنمۇ سېلىشتۇرغىنى بولمايدۇ. مەسىلەن، قازاقىستاننىڭ نوپۇسى 18 مىليون. مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ نوپۇس كۆپ دۆلەت. ئۆزبېكىستان 32 مىليون. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى دارامىتى ناھايىتى ئاز. شۇڭا، ئۇلار ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرنى، مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ھەل قىلىپ كېتىدۇ.»

بىراق يەنە بەزى ئانالىزچىلار، ھىندىستاننىڭ ش ھ ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشى رۇسىيەگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ش ھ ت غا ئەزا بولۇشى خىتاينىڭ مەزكۇر ئورگاندىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. خىتاي يېقىنقى 10 يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىپ، نۇرغۇن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشلىرىغا شېرىك بۆلىۋالغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى بۇ خىل تەسىرى رۇسىيەنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن.