Responsive Image

شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ ئومۇمى جەريانى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ ئومۇمى جەريانى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

1.شاۋگۇەن شەھىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يۈز بەرگەن شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ سېسىق نامى پۈتۈن جاھانغا  پۇر كەتتى، » شاۋگۇەن » دېگەن بۇ ناممۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ خىتايچىلىقنىڭ ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.

خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان  گۇڭ دوڭغا قاراشلىق شاۋگۇەن شەھىرىنىڭ 2008 – يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 3 مىليون 230 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، نوپۇسنىڭ 98.32 پىرسەنتى خىتاي.

بۇ شەھەردە خىتايدىن باشقا يەنە ياۋزۇ، مانجۇ، تۇڭگان … قاتارلىق 31 مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ توپلام نوپۇسى ئاران 45 مىڭ 900 نەپەر ۋە ئومۇمى نوپۇسنىڭ 1.68 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. شەھەر تەۋەسىدە » ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى» تەسىس قىلىنغان.

شاۋگۇەن شەھرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سانائەت ۋە ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شەھەرگە يىلدا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىليون كىشىدىن ئاشىدۇ.

www.shaoguan.gov.cn/website/out/new/zoujinshaoguan/Index.jsp?چودە=002003&چىلدچودە=002003002

2.شاۋگۇەن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار

شاۋگۇەن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى سەھەر 2 دە باشلىنىپ، 4 كە قەدەر داۋام قىلغان ئىرقىي ھۇجۇم جەريانىدا 120 كىشى يارىلانغان،  ئىككى كىشى ئۆلگەن  بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ  81 نەپىرى ئۇيغۇر، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسىم – فامىلىسى :

1.      ھاشىمجان ئەمەت ( قەشقەر توققۇزاقتىن دېھقان )

2.      سادىقجان غازى ( قەشقەر توققۇزاقتىن دېھقان )

يارىلانغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە 16 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپتىن قۇتۇلۇپ – قۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.

ھازىرغىچە دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 60 نەپەردىن ئارتۇق.

ئەمما بەزى شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، شاۋگۇەن ۋەقەسىدە خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى 20 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ئاز 10 نەپىرى ئايال، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر توققۇزاقتىن دېھقانلار بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى توققۇزاق ناھىيىسىدە بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا يېيىلماسلىقى ئۈچۈن دېھقانلارغا جىددىي بېسىم قىلغان ۋە ئاگاھلاندۇرغان.

شاۋگۇەن ۋەقەسىگە قاتناشقان بىر خىتاي ب ب س گە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاز 7 نەپەر جەسەتنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

3.شاۋگۇەن ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار

شاۋگۇەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىشىغا، جۇڭ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ، 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن ئېتىبارەن شاۋگۇەن شەھىرىدىكى تور بەتلىرىدە، » 6 نەپەر شىنجاڭلىق ئۇيغۇر 2 نەپەر بىگۇناھ قىزىمىزغا تاجاۋۇز قىلدى» دېگەن مەزمۇندا يالغان خەۋەر ۋە پىتنە – پاساتنى تارتىشىشى سەۋەبچى بولغان.

جۇڭ فامىلىلىك خىتاي، 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شاۋگۇەن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

شاۋگۇەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىيۇ گۇاڭ چىڭنىڭ، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى » شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى» غا بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل كۈنى، شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان دەپ قارالغان 13 نەپەر كىشى قولغا ئېلىنغان  بولۇپ، بۇلارنىڭ 10 نەپىرى خىتاي، 3 نەپىرى ئۇيغۇر.

قولغا ئېلىنغان  3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم – فامىلىسى :

1. يارمەمەتجان ئىسمائىل  ( قەشقەر توققۇزاقتىن دېھقان )

2.ئوسمانجان ئوبۇل( قەشقەر توققۇزاقتىن دېھقان )

3.      يۈسۈپجان تۇردى( قەشقەر توققۇزاقتىن دېھقان )

4.شاۋگۇەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغانلار

2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شاۋگۇەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى  شاۋگۇەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 7 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

بۇلارنىڭ 4 نەپىرى خىتاي، 3 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، بىر خىتاي ئۆلۈم جازاسىغا، بىر خىتاي 7 يىللىق قاماق جازاسىغا، يەنە ئىككى خىتاي 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم – فامىلىسى :

1. يارمەمەتجان ئىسمائىل  ( مۇددەتلىك 6 يىل )

2.ئوسمانجان ئوبۇل ( مۇددەتلىك 6 يىل )

3.يۈسۈپجان تۇردى( مۇددەتلىك 5 يىل  )

يۇقىرىقى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يۇقىرى سوتقا سۇنغان  ئېتىرازى، 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى گۇاڭ دوڭ ئۆلكىلىك ئالىي سوت تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، شاۋگۇەن سوتىنىڭ 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىكى ئەسلى ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىندى.

يۇقىرىقى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قايسى تۈرمىگە سولانغانلىقى  ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شاۋگۇەندە ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا پاكىتلار بۇرمىلىغان، يالغان دەلىل – ئىسپاتلار ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، ھەقىقىي قاتىل ۋە زوراۋانلار قانۇن تورىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، ۋەقەدە بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار جازالاندۇرۇلغان، بۇ ئارقىلىق، فاشىست ۋە ئىرقچى خىتايلارغا  جاسارەت ۋە مەدەت بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يەنە شاۋگۇەندىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئىرقچى خىتايلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىشى، ئىزىشى، خورلىشى ۋە بوزەك قىلىشى ئۈچۈن قانۇنىي جەھەتتە قۇلايلىق ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇقچە بېشارىتىنى بەرگەن ئىدى.

چۈنكى، 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شاۋگۇەندىكى سوتتا 5 يىللىق ۋە 6 يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان  قەشقەر توققۇزاقلىق يارمەمەتجان ئىسمائىل، ئوسمانجان ئوبۇل ۋە يۈسۈپجان تۇردى قاتارلىق  3 نەپەر مەسۇم دېھقان يىگىتىنىڭ ئاتالمىش » جىنايىتى» بولسا پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئىرقچى خىتايلارنىڭ ۋەھشىي ھۇجۇمىدىن ئۆزلىرىنى قىسمەن مۇداپىئە قىلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق جانلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى، ئەگەر ئۇلارمۇ باشقا قۇربانلارغا ئوخشاش تاياق – توقماققا سۈكۈت قىلىپ بوينىنى قىلغا باغلاپ جىم تۇرۇپ بەرگەن بولسا، ھەتتا ھاياتلىرىدىن ئايرىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ بىچارە دېھقان يىگىتلىرىمۇ جازاغا تارتىلمىغان بولاتتى.

شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ئىرقىي ھۇجۇم ھەققىدىكى دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى  چەتئەلدىكى ئاتالمىش » مىللىي بۆلگۈنچىلەر» فىلىمگە ئېلىپ تارقاتقىنى يوق، بۇ فىلىملەرنى چەتئەلگە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە تارقاتقۇچىلارمۇ دەل ئەنە شۇ شاۋگۇەندىكى ئىرقچى خىتايلار ئىدى، نورمال بىر ئىنساننىڭ قاراشقىمۇ يۈرىكى چىدىمايدىغان بۇ ۋەھشىي ۋە ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرگە ھېچ بىر ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى كوچىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان بىردىن – بىر سەۋەبمۇ دەل شاۋگۇەندىكى ئىرقچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قىلغان رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمى نامايان قىلىنغان  ۋېدىئو كۆرۈنۈشلىرى ئىدى.

شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان  » شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى»، » خەلق گېزىتى»، » خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» … قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان  پۈتۈن خەۋەر – ماقالىلەردە، بۇ ئىرقىي ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىشىغا پۈتۈنلەي شاۋگۇەندىكى بىر خىتاينىڭ، » ئۇيغۇرلار 3 نەپەر قىزىمىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دېگەن پىتنە – پاساتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغانلىقى ۋە بۇ خەۋەرگە ئىشەنگەن بىر ئوچۇم شەھەر لۈكچەكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتقان زاۋۇت قورۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، باشقا خىتاي ئىشچىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان،  ھەتتا شاۋگۇەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىيۇ گۇاڭ چىڭ 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى » خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھېچ بىر سەۋەنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى، چۈنكى، سىرتتىن 18 نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈستىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندا 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ سوراق قىلىنغانلىقىنى،  تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا خېلىدىن بېرى سۈركىلىشنىڭ بارلىقىنى، بۇ خىل سۈركىلىشنىڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا بۇ ۋەقەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان14 نەپەر خىتاينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى،  بۇلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

قەشقەر كوناشەھەر ( توققۇزاق ) ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىن، 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى گۇاڭ دوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە، » خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شاۋگۇەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى ياۋاش دېھقان بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى جىنايەت سادىر قىلغان بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان ۋە ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا پۈتۈنلەي ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان  بەزى پىتنە – پاساتلارنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندە شاۋگۇەن سوتىنىڭ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ?

5.شاۋگۇەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى

بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شاۋگۇەندە خىتايلارنىڭ ئىرقى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇزاق ناھىيىسىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش» دېگەن سىياسىي نىقاب بىلەن مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلگەن ياش دېھقانلار ئىدى.
7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن شاۋگۇەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان توققۇزاقلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۇلارغا رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلغان ئىرقچى خىتايلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە شاۋگۇەندىكى توققۇزاقلىق دېھقانلارنى بىخەتەر ھالدا دەرھال ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شاۋگۇەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان توققۇزاق ناھىيىسى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

قەشقەر كوناشەھەر ( توققۇزاق ) ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىن، 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى گۇاڭ دوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە، » خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بەرگەن ئىدى :

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 320 مىڭ نەپەر؛

ھەر يىلى بۇ ناھىيىدىن باشقا يۇرتلارغا » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىۋاتقان سانى 75 مىڭ ئادەم قېتىم؛

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق؛

بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭ دوڭ ئۆلكىسىدىكى توققۇزاقلىق ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنىڭ سانى 3400 نەپەر، شاۋگۇەندىكىلەرنىڭ سانى 819 نەپەر، بۇلار 3 تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ كېلىنگەنلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 45 نەپەر كىشى شاۋگۇەننىڭ مۇھىتىغا كۆنەلمىگىنى ئۈچۈن يۇرتىغا قايتۇرۇلغان، 5 نەپىرى باشقا شەھەرگە كېتىپ قالغان، ھازىر شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانى 760 نەچچە نەپەر؛

شاۋگۇەندىكى توققۇزاقلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ چوڭى 32 ياش، كىچىكى 18 ياش، مۇتلەق كۆپ قىسمى 21 ياش ئەتراپىدا، بۇلارنىڭ ئىچىدە 79 جۈپ ئەر – خوتۇن بار؛

شاۋگۇەندىكى توققۇزاقلىق ئۇيغۇرلارنىڭ 400 نەچچە نەپىرى، شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بىرىشتىن 5 كۈن بۇرۇن، يەنى، 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن؛

ئەھەت ياسىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاۋگۇەندىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ھەر 300 نەپەر كىشىگە ئىككى نەپەر ساقچى، 2 – 3 نەپەردىن پارتىيە ئەزاسى ئاجرىتىلغان، بۇلار ئۈرۈمچىدىن مەخسۇس ئەۋەتىلگەنلەر؛

شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتى، قەشقەر كوناشەھەردىن كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىش مەقسىتىدە، شەھەر سىرتىغا ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىككى سېخ قۇرغان ۋە 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن ئېتىبارەن بارلىق ئۇيغۇر ئىشچىلار بۇ سېختا رەسمىي ئىش باشلىغان، بۇ سېخلاردا خىتاي يوق، پەقەتلا ئۇيغۇر ئىشچىلارنى نازارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ۋە خىتاي ساقچىلىرى بار؛

» شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاۋگۇەن ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن جىنايەت بىلەن 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 13 كىشى قولغا ئېلىنغان  بولۇپ، بۇلارنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر؛

شاۋگۇەن، گۇاڭ دوڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك كىچىك بىر شەھرى بولۇپ، نوپۇسى 360 مىڭ نەپەر؛

بۇ شەھەرگە ئۇيغۇرلار پەيدا بولغان كۈندىن ئېتىبارەن، زاۋۇتتا ۋە پۈتۈن شەھەردە جىددىي بىر راھەتسىزلىك پەيدا بولغان، خىتايلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغان بۇ ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەت قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان؛
شاۋگۇەندىكى ئىرقچى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىدا كەڭ كۆلەملىك بىر قانلىق ئىرقىي ھۇجۇمغا ئايلانغان.

شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن بۇيان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان  ئاخبارات ۋە باياناتلارنىڭ ھەممىسىدىلا خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، شاۋگۇەندە ئىرقىي ھۇجۇمغا ئۇچرىغان توققۇزاقلىق دېھقانلارنى دەرھال بىخەتەر ھالدا ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرۇش جىددىي تەلەپ قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

ئۇنداقتا ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ – تەلەپلىرىگە قايسى دەرىجىدە قۇلاق سالدى ? شاۋگۇەندىكى توققۇزاقلىق دېھقانلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى قانداق ? شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا  كېلىشىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينىغان توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىچۇ ? بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يەنىلا شاۋگۇەندىن 6000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ بۈگۈنكى رىيال ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ۋە توققۇزاقنىڭ ۋەزىيىتىدىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇزاق ناھىيىسى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ناھىيە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيىگە قاراشلىق 18 يېزا – بازار بار. توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىننىڭ 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شاۋگۇەن شەھىرىدە خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى ئومۇمى نوپۇسى 320 مىڭ نەپەر. ئەمما، توققۇزاقنىڭ نوپۇسى ھەققىدە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر نۇقتا بار، چۈنكى كېيىنكى 15 يىل جەريانىدا توققۇزاقنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 500 مىڭ ئازايغان.

مەسىلەن، » شىنجاڭ يىلنامىسى » دا كۆرسىتىلىشىچە، توققۇزاقنىڭ 1995 – يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 362 مىڭ 646 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكلەرنىڭ سانى 359 مىڭ 489 نەپەر . ئۇنىڭ ئۈستىگە 95 – يىلى توققۇزاق ناھىيىسىدە تۇغۇلۇش نىسبىتى 23.17 پىرسەنت، ئۆلۈش نىسبىتى 8.87 پىرسەنت، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 14.3 پىرسەنت بولغان، تۇغۇلۇش ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن 15 يىلدىن بۇيان توققۇزاقنىڭ نوپۇسىدا ئېشىش بولماي ئەكسىچە يېرىم مىليونغا  يېقىن كېمىيىش كۆرۈلدى ? بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشمۇ تەس ئەمەس، چۈنكى توققۇزاقنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ناھىيىدىن ھەر يىلى، » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشلەرگە يۈزلەندۈرۈش » دېگەن نىقاب بىلەن ئەسلى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 75 مىڭ ئادەم قېتىمغا يىتىدۇ.

ھازىر بۇ ناھىيىدىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ 3400 نەپىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە، بۇ ئۆلكىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان توققۇزاقلىق ئىشچىلارنىڭ ئومۇمى سانى 819 نەپەر، بۇلار شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن 5 كۈن بۇرۇن، يەنى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى توققۇزاقتىن ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ يەردە ئەجەبلىنەرلىك مەسىلە شۇكى، توققۇزاقلىقنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان 10 مىليوندىن ئارتۇق خىتاينى 60 يىل سىغدۇرغان – يۇ، ئەمما خىتاي يۇرتى شاۋگۇەن 819 نەپەر توققۇزاقلىق ئۇيغۇرنى بىر ھەپتە سىغدۇرمىغان !

يەنە شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن بۇيان، شاۋگۇەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يەنە توققۇزاق ناھىيىسىدىن 3 تۈركۈم بويىچە مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يولغا سېلىنغان.

پەقەتلا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر توققۇزاق ناھىيىسىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتايغا مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 65 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

دېمەك، توققۇزاقنىڭ نوپۇسىنىڭ كېيىنكى 15 يىلدىن بۇيان يېرىم مىليونغا  يېقىن ئازلاپ كېتىشى، خىتاي تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش » دېگەن نىقاب ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ سۈرگۈن ھەرىكىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىرتقا ھەيدەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەسلى يۇرتىغا قايتالمىغان.

ئۇنداقتا شاۋگۇەندىكى توققۇزاقلىقلارنىڭ ئاقىۋىتىچۇ ? خىتايدىكى » جەنۇبىي دىيار گېزىتى «نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى شاۋگۇەندە ئىرقچى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن توققۇزاقلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈكىدىن باشقا، تىرىك قالغان ھېچبىرىنى يۇرتىغا قايتۇرغىنى يوق، ئەكسىچە ئۇلارنى خۇددى مەھبۇسلاردەك قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، شەھەر سىرتىدا ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى قۇرۇپ، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇلارنى يەنە مەجبۇرىي ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋە ئۇلارنى مەخسۇس نازارەت قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن ساقچى ۋە كادىرلار يۆتكەپ كەلگەن.

شاۋگۇەن سوتى 10 – ئاينىڭ 10 -كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتايلاردىن تاياق – توقماق يېيىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان 3 نەپەر توققۇزاقلىق دېھقاننى 5 يىلدىن 6 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. گەرچە بۇ 3 نەپەر بىچارە دېھقان يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان  بولسىمۇ، ئەمما 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خىتاي يۇقىرى سوتى شاۋگۇەن سوتىنىڭ ئەسلى ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، بۇ 3 نەپەر دېھقاننى زىندانغا  مەھكۇم قىلدى.

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسى، پۈتۈن خىتاينىڭ ئاساسلىق نېفىت ۋە گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان  تارىم ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ناھىيىنىڭ ئەتراپى خىتاينىڭ زاۋۇت، كان – كارخانىلىرى ۋە نېفىت – گاز قۇدۇقلىرى بىلەن قاپلانغان.

ئەمما، توققۇزاقتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 1500 يۈەندىن ئاشمايدۇ، يەنى، پۈتۈن خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. 320 مىڭ نوپۇسقا ئىگە توققۇزاقنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاران 42 مىڭ 500 گېكتار بولۇپ، ئېتىز – ئېرىق ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى تەرەققىي قىلمىغىنى ئۈچۈن يېڭى بوز يەر ئىچىش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغان.

ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بېرىپ سەرگەردانلىق ۋە قۇللۇق ھاياتى كەچۈرۈشتىن باشقا چىقىش يولى يوق، چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولىنى قويمىغان !

6. شاۋگۇەن ۋەقەسى، خىتاينىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى

شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەرگىزمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بايان قىلغىنىدەك، ئادەتتىكى بىر ئىجتىمائىي ماجىرا ئەمەس، ئۇنۇڭ چوڭقۇر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار، شاۋگۇەن ۋەقەسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى.

جۇڭخۇا  خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا، بارلىق گىراجدانلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىدا باراۋەر ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن، ئەگەر خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇرلار  پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، بەلكى  پۈتۈن خىتاي تېررىتورىيىسىدە خۇددى خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئەركىن ياشىشى، خالىغان يەرگە بېرىپ كېلەلىشى، ئارزۇ قىلغان  ئۆلكە ياكى شەھەردە  ھېچبىر چەكلىمىگە ئۇچرىماي  ياشاپ تۇرالىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىرقى مەنزىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە نورمال پائالىيەت قىلىش دائىرىسى  پەقەت شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلەپ قويۇلغان، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان رايونىنى  ئۇيغۇرلارنى نەزەربەند قىلىدىغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋالغان، بۇ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن ھالقىپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەم خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن  خۇددى بىر جىنايەتچىدەك  مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ھازىر خىتاينىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرى ۋە شەھەرلىرى  شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى  قوغلاندى قىلىشنى، ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى، ئۆي ياكى دۇكان كىرالىماسلىقنى، ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ – سوقۇپ بوزەك قىلىشنى، ھېچبىر قانۇنىي ئاساسقا تايانماستىنلا ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشنى، ۋە ھەتتا خالىغانچە تۇتۇپ – سولاپ قىيناشنى ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىزىدا، » شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى  بۈيۈك جۇڭخۇا  مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى» دەپ جار سالغىنى بىلەن، ماھىيەتتە  ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرىقىدەك پەرقلىق  مۇئامىلىسى ئارقىلىق  شەرقىي تۈركىستاننىڭ  » جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ جۇڭخۇا  مىللىتىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ۋە جۇڭخۇا  مىللىتىنىڭ پەقەتلا  خىتاي مىللىتىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى  ئۆز – ئۆزى  ئىقرار قىلىپ تۇرۇپتۇ. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا  مەجبۇر قىلىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان  ئاساسلىق ئامىللارمۇ مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

بېيجىڭ خىتاينىڭ پايتەختى، ئەسلىدە بېيجىڭ شەھرى  خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىزىدا تەكىتلەۋاتقان  » مىللەتلەرنىڭ  تەڭ باراۋەرلىكى سىياسىتى» نى ئىجرا قىلىشتا  باشقا شەھەرلەرگە ئۆرنەك بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر  بېيجىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرى  ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنى ھور كۆرۈشتە خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئۈلگە بولۇۋاتقان مەركىزى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش ھەرىكىتىمۇ دەسلىپىدە بېيجىڭ شەھىرىدە باشلانغان،  كېيىن بۇ خىل غەيرىي ئىنسانىي ھەرىكەتلەر ئاستا – ئاستا خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە كېڭىيىشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى  بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پاراللېل ھالدا تەرەققىي  قىلىپ ئەۋج ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 90 – يىللارنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستانغا  قارىتا تۈزۈپ چىققان سىياسىتىدە، مەيلى ھۆكۈمەتكە قارشى مىللىي ھەرىكەتلەر بولسۇن، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بولسۇن ياكى يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار بولسۇن، ئومۇمەن  ھەممىسىلا خاراكتېر جەھەتتىن » مىللىي بۆلگۈنچىلىك» كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، » مىللىي بۆلگۈنچى > دېگەن گەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە » دۈشمەن» دېگەنلا گەپ.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلىنىدىغان ۋە ئېھتىيات قىلىنىدىغان ئىنسانلار قىلىپ بېكىتىۋالغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى غايەت زور تەشۋىقاتلىرى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل ئىدىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىدىن ھالقىپ، پەيدىن – پەي خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىمۇ يېيىلىشقا باشلىغان، يەنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتە بىردەكلىك ۋە ئوخشاشلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى » ئوغرى، قاراقچى، بۇلاڭچى ۋە زوراۋان كۈچ» قىلىپ  كۆرسىتىپ، بۇلىشىغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى ۋە ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئېھتىياتچان بولۇشقا ئاشكارا ئۈندەپ كەلدى، بولۇپمۇ  ئامېرىكىدىكى » 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ پۈتۈن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي زۇلۇمغا  ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىنى » تېررورىست ھەرىكەت» دەپ قارىلاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا تېررورىستىك بىر ھاۋانى يېيىشقا باشلىدى، خىتاينىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئايلاپ، يىللاپ بىرەر ئىجابىي خەۋەر – ماقالە كۆرەلمەيسىز، ھەممىسىلا دېگۈدەك سىياسىي جەھەتتىن قارىلاش تۈسىنى ئالغان سەلبىي خەۋەرلەر، يەنى » ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان  مىللىي بۆلگۈنچىلەر، تېررورىستلار، زوراۋان كۈچلەر» دېگەندەك ئوخشىغان كەلىمىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن.

دېمەك، شاۋگۇەندىكى خىتايلارنىڭ بۇ شەھەرگە ئۇيغۇر ئىشچىلار يۆتكەپ كېلىنگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇلارغا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى شەكىللەندۈرۈلگەن دۈشمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدىن ئىبارەت !

7.د ئۇ ق نىڭ، شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بىرىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن، يەنى، 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى :

بۇ قېتىمقى ۋەقە مەيلى نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەن بولمىسۇن، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ۋە نەسىل قۇرۇتۇش خاراكتېرلىك قىرغىنغا  ئۇچراۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى!

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، 2003 – يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلىرىدىكى يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان قىز – يىگىتلىرىنى پىلانلىق ھالدا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت ۋە كان – كارخانىلارغا مەجبۇرى ھالدا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ھېسابلانغان  بۇ رەزىل سىياسىتىدىن ئەسلا ۋاز كەچكىنى يوق، ئەكسىچە سىياسىي ۋە قانۇنى جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش، ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاش قاتارلىق غەيرىي ئىنسانى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەر – زېمىن ۋە يۇرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ خىتاي خوجايىنلىرىغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلماقتا. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ھەتتا ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتە قاتتىق كەمسىتىش ۋە خورلاش ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايدا ئىشلەمچىلىككە مەجبۇرلانغان  ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىقتىسادى جەھەتتىن قاقتى – سوقتى قىلىنىش، سىياسىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىنىش بىلەن بىرگە، خۇددى جىنايەتچىلەر كەبى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، سېپى ئۆزىدىن بىر جازا لاگېرى ياكى تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كۆچۈرمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق نېفىت، گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ۋە خىتاي سانائىتىنىڭ جان تومۇرىغا بولۇشىغا قارىماي، بۇ رايوننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئىقتىسادى كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار يۇرت – ماكانلىرىدىن ھەيدىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى قۇللار كەبى ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ جاۋابكارى؛  ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتاي خوجايىنلىرىغا مەجبۇرى قۇللۇققا تۇتۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئېغىر ئەرزىشكە، خورلۇق ھەم كەمسىتىشكە مەھكۇم قىلغان، ئۇلارنى سۆيۈملۈك يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەق ئۆزىدىن ئىبارەت !

بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە  بۇ سىياسەتتىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز، شۇنداقلا  خىتايدا مەجبۇرى ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر ھالدا ئەسلى يۇرتىغا يۆتكەپ، ئۇلاردىن تارتىپ ئېلىنغان  يەر – زېمىنلارنى ئىگىسىگە تولۇق قايتۇرۇشنى، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە تۆلەم تۆلەشنى، قاتىللارنى دەرھال جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلىمىز !

شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ قانلىق توقۇنۇشقا جىددىي دىققەت قىلىشنى، ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ۋەقەگە قول تىقىپ، ۋەقەنىڭ تەرەپسىز خەلقئارا ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئىلتىماس قىلىمىز!».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى

مەنبەلەر :

http://www.hudong.com/wiki/%E9%9F%B6%E5%85%B3%E4%BA%8B%E4%BB%B6

http://news.xinhuanet.com/legal/2009-06/30/content_11625033.htm

http://www.xj.xinhuanet.com/2009-10/28/content_18074037.htm

http://www.infzm.com/content/35752

http://www.infzm.com/content/35752

http://news.xinhuanet.com/legal/2009-10/10/content_12205456.htm

http://news.163.com/09/0707/10/5DK4MSF2000120GU.html

http://news.xinhuanet.com/legal/2009-10/10/content_12205456.htm

http://woeser.middle-way.net/2009/07/626.html

http://q.58.com/ShaoGuan/topic_413615.shtml

http://news.sina.com.cn/c/2009-06-27/074418104640.shtml

http://www.xj.xinhuanet.com/2009-10/10/content_17904180.htm

http://www.infzm.com/content/35752

http://www.infzm.com/content/35752

http://news.xinhuanet.com/legal/2009-10/10/content_12205456.htm

http://news.163.com/09/0707/10/5DK4MSF2000120GU.html

http://news.xinhuanet.com/legal/2009-06/30/content_11625033.htm
http://www.xj.xinhuanet.com/2009-10/28/content_18074037.htm
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-21/1784730.shtml
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-21/1784688.shtml
http://www.peacehall.com/news/gb/china/2009/07/200907101751.shtml
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-07/1763948.shtml
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-21/1784686.shtml
http://www.xj.xinhuanet.com/2009-10/28/content_18074037.htm

http://www.infzm.com/content/31072

http://news.xinhuanet.com/legal/2009-10/09/content_12200345.htm

http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-21/1784730.shtml
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-21/1784688.shtml
http://www.peacehall.com/news/gb/china/2009/07/200907101751.shtml
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-07/1763948.shtml
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-21/1784686.shtml

http://www.nanfangdaily.com.cn/nfjx/200907070174.asp