Responsive Image

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆلۈم جازالىرى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

كىرىش سۆز

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلماقتا.

ئۇنۇڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتاي بويىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئاپتونوم جايلارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە خىتاي بويىچە تەسىس قىلىنغان  5 ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست ۋە 120 ئاپتونوم ناھىيىگە مەۋجۇت بولۇپ، تاكى 2008 – يىلى 3 – ئايدا يۈز بەرگەن تىبەت ۋەقەسىغە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا ھېچ بىر ئاپتونومىيىلىك جايدا سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنىپ باقمىغان ئىدى. بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي جەھەتتە شەرقىي تۈركىستانغا  قارىتا ئالاھىدە قاتتىق قول بىر سىياسەتنى يۈزگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپىرەكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان  ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن» 3 خىل كۈچلەر»دەپ ئاتالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن ھېچ بىر قانۇنى تەرتىپ ياكى قانۇنى ئاساسقا تايانمىغان ھالدا پۈتۈنلەي سىياسىي بۇيرۇق ۋە سىياسىي قارار بىلەنلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان  بۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقوقىدىنمۇ تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا.

مەسىلەن، خىتاي سوتلىرى، 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بولغان قىسقىغىنە مەزگىل ئىچىدە، پەقەتلا 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن  ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 9 قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

بۇ 9 قېتىملىق سوتتا ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 83 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 33 نەپەر، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ  50 نەپەر؛

ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ 28 نەپىرىنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى، قالغان 6 نەپىرىنىڭ جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلدى.بۇلارنىڭ ھەممىسىلا سىياسىي سەۋەبتىن ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغانلاردىن  ئىبارەت.

دېمەك، خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن چاقماق تېزلىكىدە بېرىلگەن يۇقىرىقى جازالار، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى جەھەتتە ھېچ بىر ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىنىڭ ھېچ بىر قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

1.ئۇيغۇرلار، قانۇنىي ئاساس بىلەن ئەمەس، سىياسىي بۇيرۇق بىلەن تۇتقۇن قىلىنماقتا

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ،» ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش»دېگەن نامدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېچ بىر دەلىل – ئىسپاتسىز ھالدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى نىشانى قانداقتۇر» ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرى»ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلار ئىدى.

چۈنكى، خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايانغاندىلا،  2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا يا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان  ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا  كەلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى چوڭ – كىچىك نارازىلىق ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمى يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغاش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

مەسىلەن، 1990 – يىلى كىچىككىنە بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ،» بارىن ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش»دېگەن نامدا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بويىچە چوڭ تۇتقۇن ھەرىكىتى قوزغاپ، 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى بىرقانچە يىل داۋام قىلدى ۋە بۇ جەرياندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى ھەتتا بارىن يېزىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.
1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئاتالمىش» غۇلجا ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش»دېگەن نامدا چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، بىر – ئىككى يىل داۋام قىلغان بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنگە كۆرە  5000 دىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنگە كۆرە 10 مىڭدىن  ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا، 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى 1000 ئەتراپىدا ئىدى.

بۇ قېتىم يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە يۇقىرىقى تاكتىكىسىنىڭ ئەينىسىنى قوللاندى ۋە ئۆتكەن يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە،» ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش»دېگەن نامدا چوڭ تازىلاش دولقۇنى قوزغىدى.

 خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 3000 نەپەر، ئۇلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمى سانى 1500 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئەمما، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان  سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىساق، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگە قەدەر پەقەتلا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 3150 نەپەرگە يېقىن.

دېمەك، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى، 5 – ئىيۇل كۈنى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ !

ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى شاھىتلارنىڭ تەخمىنگە ئاساسلانغاندا،  ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.

» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى»بىلەن،» ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يەر ئالغان سانلىق مەلۇماتلارمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

مەسىلەن،» تىيانشان تورى»نىڭ 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى» ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى»نىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت،» ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنى»دا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، 2009 – يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 18 مىڭ 527 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى، 22 مىڭ 677نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرزنامە سۇنۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

يىغىندا،» ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى»نىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىلمۇ خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، 2009 – يىلى بىر يىل ئىچىدە  ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ جەمئىي 302 مىڭ 356 دېلونى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 270 مىڭ 592 دېلونى سوتلاپ ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.

كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ رەقەملەر، ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر جىددىي ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ttp://www.tianshannet.com.cn/news/content/2010-01/14/content_4714513.htm

ئۇنداقتا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قوغلاپ تۇتىلىۋاتقان ئاتالمىش» ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرى» كىملەر ?

خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈنىمىزدەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلار ئىدى.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ دائىرىسى، سىياسىي تەسىرى ۋە ئاقىۋىتىنى،» بارىن ۋەقەسى»بىلەن» غۇلجا ۋەقەسى»گە سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئارىدا ناھايىتى زور پەرقىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش» ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش»ھەرىكىتى تېخى ئەمدى باشلاندى، بۇ ھەرىكەت جەريانىدا يەنە نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى تۇرغان گەپ.

مەسىلەن،» شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى ھەرىكەت باشلانغان  2009 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە بولغان قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان بويىچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ  سانى 552 نەپەرگە يەتكەن.

http://www.xj.xinhuanet.com/2010-01/…t_18732091.htm
http://www.hudong.com/wiki/%E9%9F%B6%E5%85%B3%E4%BA%8B%E4%BB%B6
http://china.newssc.org/system/2009/07/19/012164542.shtml

ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان  بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىكى :

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن  2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئېلان قىلغان تۇنجى باياناتىدا، قەدەر نامايىشقا قاتناشقان 1434 نەپەر كىشىنىڭ نامايىش مەيدانىدا قولغا ئېلىنغانلىقى،  بۇلارنىڭ ئىچىدە 1379 نەپىرى ئەر، 55 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان  سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىساق، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگە قەدەر پەقەتلا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 3150 نەپەرگە يېقىن.

تۆۋەندىكىلەر پەقەتلا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئىسمى ئاشكارىلانغان  بىر قىسىم ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن ئىبارەت :

1.غېنى يۈسۈپ

2.ئېلى مەمەت يۈسۈپ

3.تاھىرجان ئابلىمىت

4.ئابلىكىم يۈسۈپ

5.ئابدۇخېلىل مەمتىمىن

6.ئابدۇرېشىت ھوشۇر

7.ئەھەت ياسىن

8.ئەخمەت ئەمەت

9.ئەمەت ياسىن

10.غېنى ئوسمان

11.دىلمۇرات دىلشات

12.خەيرىگۈل ئۆمەر ( ئايال )

13.نۇرمەمەت مۇختەر

14.روشەنگۈل تەلەت

15.تاھىر ئابلىمىت

16.تۇرسۇن توختى مەمەت

17.غۇلامجان غېنى

18.ئوبۇلقاسىم مەمتىمىن

19.مۇختەرجان تۇردى   (穆胡塔尔江•土尔地, 2009 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

20.ئاماننىسا  (艾曼尼沙•古丽, 2009 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

21.ئەلپان ئىلھام (伊力盘•伊力哈木,2009 – يىلى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

22.ئەكبەر ئىمىن ( 艾克拜尔•伊明, 2009 – يىلى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

23.مۇختەرجان تۇردى   (穆胡塔尔江•土尔地, 2009 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

24.ئاماننىسا  (艾曼尼沙•古丽, 2009 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

25.ئەلپان ئىلھام (伊力盘•伊力哈木,2009 – يىلى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

26.ئەكبەر ئىمىن ( 艾克拜尔•伊明, 2009 – يىلى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى قولغا ئېلىندى )

http://gb.cri.cn/27824/2009/09/15/1062s2622474.htm

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرىقىدەك قاتتىق باستۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ھېچ بىر ئۈنۈم بەرگىنى يوق، ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈش، مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولماقتا. خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق» قاتتىق زەربە بېرىش»ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ قاتتىق تىركىشىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنى قوزغىلىپ كەلدى ۋە بۇ دولقۇن ئۈزلۈكسىز جۇش ئۇرۇپ جانلىنىپ كەلدى.

ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىگە ئىچكى – تاشقى جەھەتتە مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەن بۇ خىل غەيرىي ئىنسانى سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى ياكى ئۇنۇڭدىن ساۋاق ئالغىنى يوق !

مەنبەلەر :

http://news.qq.com/a/20090804/002146.htm

http://news.qq.com/a/20090804/002146.htm

http://news.bandao.cn/news_html/200908/20090805/news_20090805_851697.shtml

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/qanliq-weqedi

http://gcontent.nddaily.com/8/9f/89f03f7d02720160/Blog/14a/622e82.html

http://gcontent.nddaily.com/8/9f/89f03f7d02720160/Blog/cd1/8b67fc.html

http://gb.cri.cn/27824/2009/09/15/1062s2622474.htm

http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2009/12/091209_china_uighur_arrest.shtml

http://www.xj.xinhuanet.com/2010-01/…t_18732091.htm

http://q341.cn/q3/html/wangluojiaodian/2009/0706/760.htm http://news.bandao.cn/news_html/200908/20090806/news_20090806_851954.shtml

http://politics.people.com.cn/GB/14562/9747834.html

http://gcontent.nddaily.com/8/9f/89f03f7d02720160/Blog/cd1/8b67fc.html

3.ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار  ھەققىدە

خىتاي سوتلىرى، 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگە قەدەر، ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 9 قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

بۇ 9 قېتىملىق سوتتا ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 83 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 33 نەپەر، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ  50 نەپەر؛

ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ 28 نەپىرىنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى، قالغان 6 نەپىرىنىڭ جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلدى.

خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارغا،» زوراۋان تېررورىست >,» مىللىي بۆلگۈنچى >,» 3 خىل كۈچ»دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى  ئۈرۈمچىدىكى  تىنچلىق نامايىشىغا قاتناشقان، ھەتتا نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامايىش قىلىشتىكى مەقسىتىمۇ، 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خىتاينىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇرى يۆتكەپ كېلىنگەن 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ 10 مىڭلىغان ئىرقچى خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش، ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن خىتاي قاتىللارنى قانۇن بويىچە جازالاش ۋە سىياسىي، ئىقتىسادى، قانۇنى، دىنىي، مەدىنى – مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئىدى.

ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا سىياسىي سەھنىلىرىدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ شەكلىنى ۋە خاراكتېرىنى قەستەن بۇرمىلاپ، خۇددى ئۇيغۇرلار كوچىغا چىقىپلا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈشتەك زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە كىرىشكەندەك بىر ساختا مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشماقتا ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان  ئۇيغۇرلارنى جازالاشتىمۇ مۇشۇ سىياسىي تۆھمەتلەرگە تايىنىپ كەلمەكتە.

ئەمەلىيەتتە بولسا،» خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تۆۋەندىكى خەۋىرىدىن، 5 – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە زوراۋانلىقنى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 ئەتراپىدا، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۈرۈمچىدىكى» خەلق مەيدانى»غا توپلىنىپ، يەردە ئۆلتۈرۈۋېلىپ نارازىلىق نامايىشى باشلىغان ۋە» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى»دىن شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىش باشلىنىشى بىلەنلا خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى نەقمەيدانغا  باستۇرۇپ كېلىپ، يەردە ئولتۇرغان نامايىشچىلاردىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى ئۇرۇپ – سوقۇپ باغلاپ تۇتۇپ كەتكەن ۋە قالغان نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن.

خىتاينىڭ تىنچلىق شەكلىدە نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بۇ زوراۋانلىقى، ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن» ئۈرۈمچى جەنۇبى ئازادلىق يولى >, دۆڭ كۆۋرۈك، سەنشىخاڭ رايونىغا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ شوئار توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

كەچ سائەت 19:30 ئەتراپىدا سەنشىخاڭدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا توپلانغان  ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، 19:40 ئەتراپىدا 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر نامايىشچى،» خەلق يولى»بىلەن جەنۇبى قوۋۇق ئارىلىقىدا يولغا توسۇق قۇرۇپ، ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى توسۇشقا تىرىشقان، ئەمما بۇلار خىتاينىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ تارقىتىۋېتىلگەن، كۆپلىگەن نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان،  نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىلغان، ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئېتىلغان.

كەچ سائەت 21:00 ئەتراپىدا، 200 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش يەنە» خەلق مەيدانى»ئەتراپىدىكى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم»بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، شوئار توۋلاپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما، ساقچى ۋە ئەسكەرلەر ئۇلارنى قاتمۇ – قات قورشىۋېلىپ قانلىق باستۇرۇشقا كىرىشكەن.

ئۇيغۇر نامايىشچىلار، سائەت 17:00 دىن، تاكى كەچ سائەت 22:30 غىچە ساقچى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشقان، بۇ جەرياندا بەزى نامايىشچىلار ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ساقچى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن رەسمىي توقۇنۇش ئېلىپ بارغان.

توقۇنۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن قورالى پەقەتلا تاش ۋە كاتەكلەردىن ئىبارەت.

زوراۋانلىقنى ۋە قاتىللىقنى دەسلەپ ئۆزى باشلىغان خىتاي ھاكىمىيىتى، رېئاللىقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، ھېچ بىر پاكىت ياكى دەلىل – ئىسپاتسىزلا ھەر ھەپتە دېگۈدەك 10 لىغان ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ كەلمەكتە.

http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/07-06/1762907.shtml

خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگە قەدەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :

2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار  :

1.ئابدۇكېرىم ئابدۇۋاھىت ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

2.غېنى يۈسۈپ  ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

3.ئابدۇللا مەتتوختى ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

4.ئادىل روزى ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

5.نۇرئەلى ھوشۇر ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

6.ئالىم مەتيۈسۈپ ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار  :

7.ئەمەتجان مۆمىن ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

8.توختى پازىل ( ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى )

9.ئەنۋەر ئەكبەر ( ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلدى  )

10.ئەزىزجان ياسىن (ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلدى  )

http://gcontent.nddaily.com/8/9f/89f03f7d02720160/Blog/910/34f363.html

http://www.farmer.com.cn/news/zhxw/200910/t20091016_491982.htm

2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار  :

11.مەمتىلى ئىسلام ( 麦麦提艾力•依斯拉穆 )

12.مەمەتتۇرسۇن ھېلىم ( 麦麦提吐尔逊•艾力穆 )

13.مەمتىلى ئابدۇكېرىم ( 麦麦提艾力•阿不都克热穆 )

14.ئوسمان قۇربان ( 库西曼•库尔班 )

15.خېلىل سادىر ( 合力力•萨迪尔 )

2009年12月03日18:20人民网

http://news.qq.com/a/20091203/003140.htm

2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار  :

16.خەيرىنىسا ساۋۇت ( ئىجرا قىلىندى )

17.روزىقارى نىياز ( ئىجرا قىلىندى )

18.لى لوڭ فىي ( ئىجرا قىلىنىپ – قىلىنمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس )

http://tttan.com/HT/boards/NewsBot/1259957004.html

2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – 23 – كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار  :

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى سوتى، 12 – ئاينىڭ 22 – 23 – كۈنلىرى 5 – ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، مەمەت مەخەت قاتارلىق 10 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم  قىلدى.

ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  10 كىشىنىڭ ئىچىدە 5 نەپىرىنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى، قالغان 5 نەپىرىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ 10 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدە پەقەت تۆۋەندىكى بىر نەپىرىنىڭلا ئىسمى يەر ئالدى :

19.مەمەت مەخەت

http://news.qq.com/a/20091203/003140.htm

http://www1.voanews.com/chinese/news/special-reports/urumqi-demonstrations/China-Xinjiang-20091224-80050787.html

2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار  :

20.ئالىم ئابدۇۋەلى ( 阿里木•阿不都万里, ئىجرا قىلىندى )

21.ئابدۇكېرىم ئابلەت ( 阿卜力克木•阿卜来提, ئىجرا قىلىندى )

22.ئالىمجان ئەركىن ( 阿力木江•艾尔肯, ئىجرا قىلىندى )

23.قۇربانجان ھۈسەيىن (库尔班江•玉苏音, ئىجرا قىلىندى )

24.يۈسۈپ قادىر ئابدۇكېرىم ( 玉苏甫卡地尔.阿布都克力木, ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلدى )

http://www.xj.xinhuanet.com/2010-01/26/content_18873058.htm

4.ئۇيغۇر مەھبۇسلار سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي سوتلىرى ھەر ئاي، ھەتتا ھەر ھەپتە دېگۈدەك زىندانلاردىن ئونلىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سۆرەپ چىقىپ ئۆلۈمگە ۋە تۈرلۈك ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلماقتا.
1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۈرۈمچىدە يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

خىتاي سوتلىرى، 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگە قەدەر، پەقەتلا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 9 قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

بۇ 9 قېتىملىق سوتتا ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 83 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 33 نەپەر، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ  سانى بولسا 50 نەپەر؛

يۇقىرىقىلار پەقەت قىسقىغىچە 4 ئاي ئىچىدە ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغانلار  بولۇپ، بۇنىڭدىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ جېنى ۋە قېنىنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس !

دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەريان قىلىۋاتقان بۇ خىل تراگېدىيە ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرىدۇ !

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەردە يەنە 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر مەھبۇس ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان  سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىساق، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگە قەدەر پەقەتلا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 3150 نەپەرگە يېقىن.

ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى شاھىتلارنىڭ تەخمىنگە ئاساسلانغاندا،  ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى»بىلەن،» ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يەر ئالغان سانلىق مەلۇماتلارمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى شاھىتلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

مەسىلەن،» تىيانشان تورى»نىڭ 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى» ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى»نىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت،» ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنى»دا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، 2009 – يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 18 مىڭ 527 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى، 22 مىڭ 677نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرزنامە سۇنۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

يىغىندا،» ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى»نىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىلمۇ خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، 2009 – يىلى بىر يىل ئىچىدە  ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ جەمئىي 302 مىڭ 356 دېلونى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 270 مىڭ 592 دېلونى سوتلاپ ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.

كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ رەقەملەر، ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر جىددىي ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ttp://www.tianshannet.com.cn/news/content/2010-01/14/content_4714513.htm

خىتاينىڭ قانۇن تەرتىپى بويىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  مەھكۇملارنىڭ ئالدى بىلەن» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى»گە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار، ئەگەر بۇ سوتتىمۇ ئەرزى رەت قىلىنسا، يەنە خىتاي ئالىي سوتىغا ئېتىراز قىلىش ھوقۇقى بار.

ئادەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  مەھبۇسنىڭ دېلوسى ئاۋۋال» ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى»گە يوللىنىدۇ، بۇيەردە تەكشۈرۈلۈپ  تەستىقلانغاندىن  كېيىن، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىنىدۇ، ئالىي سوتتىن تەستىق كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىدۇ.

نورمالدا بۇ رەسمىيەتلەر بېجىرىلىپ بولۇنغۇچە  ئەڭ ئاز بىر يىل ئۆتىدۇ.

ئەپسۇسكى، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 ئاي بۇرۇن، يەنى، ئۆتكەن يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، بەزىلىرى بولسا پەقەتلا كېيىنكى بىر – ئىككى ئاي بۇرۇن، ھەتتا بەزىلىرى بىر – ئىككى ھەپتە بۇرۇن قولغا ئېلىنغانلار،  ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇلار خىتاينىڭ قايسى قانۇنى ۋە قايسى قانۇن تەرتىپى بويىچە سوتلىنىپ جازاغا تارتىلىۋاتىدۇ ?

ئۇلارغا سوتلاردا ئۆزىنى ئاقلاش سالاھىيىتى بېرىلدىمۇ ? خىتاي سوتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈستىدىن چىقىرىۋاتقان يۇقىرىقى قارارلىرى قانۇنىي ئاساسلارغا تايانغان  قارارمۇ ياكى سىياسىي بۇيرۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قارارمۇ ?

نۆۋەتتە خىتاي سوتلىرى  خىتاي جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا پەقەتلا» خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا تايىنىپ كەلمەكتە.
ئەمما، بىر ئۇيغۇرنى جازالاشتا تايىنىدىغان ئاتالمىش» قانۇن»لىرى ناھايىتى كۆپ.

تاكى 1994 – يىلىغا قەدەر سوتلانغان  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى،» خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 103 – ماددىسىنىڭ» دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى»دېگەن بىرىنچى پاراگراف بىلەن، بۇ ماددىنىڭ،» دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى»دېگەن ئىككىنچى پاراگرافىغا ئاساسەن جازالىنىپ كەلگەن ئىدى.

 http://baike.baidu.com/view/6391.html?fromTaglist

http://www.hngf.gov.cn/xingsh/xingsh_list.asp?id=13

1994 – يىلى 1 – ئايغا كەلگەندە،» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»تەرىپىدىن مەخسۇسلا ئاتالمىش» مىللىي بۆلگۈنچىلەر»گە زەربە بېرىش مەزمۇن قىلىنغان، » شىنجاڭدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قانۇنى»دېگەن يەرلىك قانۇن چىقىرىلدى.

http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2010-01/07/content_4694463.htm

ئەمەلىيەتتە بولسا زورلاپ تېڭىلغان بۇ يەرلىك قانۇن، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ، شۇنداقلا ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى.

http://unn.people.com.cn/GB/14748/10688510.html

http://www.jfdaily.com/a/787416.htm

بۇ قانۇن ھازىرغا قەدەر مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى 1997 – يىلى ئېلىپ بارغان» قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن،» شىنجاڭدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قانۇنى»دېگەن بۇ نەرسىنىڭ ماددىلىرىنى كېڭەيتكەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەنلا قانائەت قىلمىدى، بۇ يىل 1 – ئايدا چاقىرىلغان» ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنى»دا،» جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قانۇنى»نىڭ يېڭىلانغان  ۋە تولۇقلانغان  نۇسخىسى ماقۇللاندى، مەخسۇس 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان بۇ قانۇنمۇ 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنماقچى.

http://www.tianshannet.com.cn/law/content/2009-11/25/content_4604105.htm

بۇ قېتىم ماقۇللانغان  بۇ قانۇندا، ئاتالمىش» 3 خىل كۈچلەر»گە زەربە بېرىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى سەل – پەللا كۈچلۈك بولغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى زەربە بېرىش نىشانىدىن ئىبارەت.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە،» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قانۇنى»دېگەن يەرلىك قانۇنى تۈزۈپ چىقىپ،ئۇنى بۇ يىل 1 – ئايدا» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»غا زورلاپ ماقۇللاتتى، بۇ قانۇنمۇ  2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنماقچى.

http://unn.people.com.cn/GB/14748/10688510.html

http://www.jfdaily.com/a/787416.htm

http://www.tianshannet.com/news/ … content_4760848.htm

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، 1996 – يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىروسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا  قارىتا چىقىرىلغان» 7 – نومۇرلۇق ھۆججەت»تە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش ۋە دىنى ساھەگە قارىتىلغان تازىلاش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 7 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئاساس قىلغان ھالدا، جەمئىي 23 ماددېدىن تەركىب تاپقان» قانۇنسىز دىنى ھەرىكەتنىڭ چەك – چېگراسىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ قارار،» شىنجاڭدا دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»دېگەن ئىسىم بىلەن رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلدى.

شۇندىن كېيىن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا دىنى زاتلارنى ئومۇمى يۈزلۈك ھالدا تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش – قىيناش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ بىر بالداق ھالدا كۈچەيتتى.
ئۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا 1988 – يىلى مەخسۇس يەرلىكلەرگە قارىتا چىقىرىلغان» پىلانلىق تۇغۇت»قانۇنىدىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماددىلار يەر ئالغان، بۇ قانۇن تۈپەيلىدىنمۇ يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قانۇنى جەھەتتىن ئېغىر ئېغىر جازالاشقا ئۇچرىغان ئىدى.

قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان بۇنداق يەرلىك» قانۇن»لارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنداقتا خىتاي تۈرمىلىرىدە جازا كۈتۈپ يېتىۋاتقان نەچچە 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش، مۇداپىئە قىلىش ۋە ئادۋوكات تۇتۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندىمۇ ?

بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قىسقىچە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى :

» شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى»تەرىپىدىن 2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئېلان قىلىنغان  بىر ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتايدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئومۇمى سانى 150 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 9000 خىتاي گېراجدانىغا بىر ئادۋوكات توغرا كېلىدۇ.

غەرب ئەللىرىدە بولسا ھەر 300 كىشىگە بىردىن ئادۋوكات توغرا كېلىدۇ.

http://news.xinhuanet.com/legal/2009-12/06/content_12600368_1.htm

ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستاندىچۇ ?

» شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئومۇمى سانى 2184 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە» ئازسانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرى»نىڭ ئومۇمى سانى 380 نەپەر ۋە پۈتۈن ئادۋوكاتلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ پەقەتلا 17 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

http://www.law-star.com/cac/50009432.htm

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى» ئازسانلىق مىللەتلەر»نىڭ ئومۇمى سانى 12 مىليون 944 مىڭ 800 نەپەر بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 60.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەگەر بىز شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت 380 نەپەر» ئازسانلىق مىللەت ئادۋوكاتى»نى،» ئازسانلىق مىللەت»تىن بولغان 12 مىليون 944 مىڭ 800 نەپەر كىشىگە چاچساق، تەخمىنەن ھەر 35 مىڭ كىشىگە بىردىن ئادۋوكات توغرا كېلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىنمۇ 4 -5 ھەسسە تۆۋەن تۇرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى» ئازسانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرى»نىڭ ئاساسىنى ۋەزىپىسى بولسا ئىقتىسادى ۋە جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىش بولۇپ، مەمۇرى جەھەتتە پۈتۈنلەي قانۇن تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىشلەيدۇ.

http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2010-01/21/content_4730251.htm

ئۇنۇڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستاندا ئادۋوكاتلارنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئادۋوكاتلىق قىلىشى ۋە ئاقلىشى تامامەن چەكلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېپىق سوت شەكلىدە مەخپىي ئېلىپ بېرىلماقتا، سوت جەريانىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىر ئېغىز گەپ قىلىشىمۇ قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىققان ئەيىبلەشنامىسى ۋە تەلىپى قانداق بولسا، سوتلارمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

مەسىلەن، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئادۋوكاتلىق قىلىشى ۋە ئاقلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

يەنە ئوخشاش مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇن تارماقلىرىمۇ ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ رايوندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىغا ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى چەكلىدى.
دېمەك بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىلا ئەمەس، قانۇنى جەھەتتىمۇ ھېچ بىر ھەق – ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى تەرتىپ بويىچە ئەمەس، بەلكى سىياسىي بۇيرۇق ۋە قارارلار بىلەن جازاغا تارتىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

http://crd-net.org/Article/bzsf/200907/20090715082029_16288.html

http://www.coolloud.org.tw/node/43356

5.ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش» جىنايەتلىرى»نېمە ?

خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى» 3 خىل كۈچلەر»گە زەربە بېرىشكە قارىتىپ كەلمەكتە.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىقى تەلەپپۇزىغا ماس ھالدا، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە تەشۋىقات كومپانىيىسى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ» 3 خىل كۈچلەر»دەپ ئاتىۋالغىنى كىملەر ?

بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدىكى» 3 خىل كۈچلەر»بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى، جۈملىدىن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان » مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»تەكىتلەنگەن مىللىي، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى چىققۇچى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ئىبارەت !

ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە» 3 خىل كۈچ»دېگەن سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي سوتلىرىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىققان ئەيىپنامىلىرىنى يىغىنچاقلىساق، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش» جىنايىتى»تۆۋەندىكى بىر قانچە نوختىغا مەركەزلىشىدۇ :

خىتاي ھاكىمىيىتىدىن، ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلغان» شىنجاڭ»دېگەن ئاتالغۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋەتىنىنىڭ ئەسلى نامى بولغان» شەرقىي تۈركىستان»دېگەن ئىسىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستانغا   پىلانسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئازسانلىق ئورۇنغا  چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان » بىڭتۇەن»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنۇڭ كونتروللۇقىدىكى يەر – زېمىن ۋە ئىقتىسادى ئەسلىھەلەرنى يەرلىككە قايتۇرۇپ بېرىش، بىڭتۇەن تەركىبىدىكى خىتايلارنى پىلانلىق ۋە قەدەم باسچۇچلۇق ھالدا  ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ۋە ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلققە قارىتىلغان» پىلانلىق تۇغۇت»سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خاتالاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان  ئاتالمىش» قوش تىللىق ئوقۇتۇش»سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە مىللىي تىل – يېزىقىدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

 ئىچكى ئۆلكىلەردە تەسىس قىلىنغان » شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»نى دەرھال بىكار قىلىپ، ئۇنۇڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا  كاپالەتلىك قىلىش، مەسچىت قۇرۇلۇشى ۋە ھەج پائالىيىتىگە چەكلىمە قويماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

» ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش»دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنى دەرھال  قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بىۋاسىتە ئېچىش ۋە ئۇنۇڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كارخانىلار بۇ رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئاچقاندا، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە يەرلىكلەرگە پايدا ۋە غەللە – پاراق تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز،موڭغۇل ۋە تاجىك چارۋىچىلىرىنى دېھقانچىلىق رايونلىرىغا مەجبۇرى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى يۇرت – ماكانلىرىدا ئەركىن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇلاردىن ئېلىۋېلىنغان  ۋە مۇسادىرە قىلىنغان  يايلاق ۋە چارۋا – ماللارنى قايتۇرۇلۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يېرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئەركىن پىكىر قىلىش تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان  سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئومۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم قۇربانلىرىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆلەم تۆلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنى پۈتۈنلەي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشنى توختىتىپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئۆگىنىشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان يۇقىرىقى تەلەپلەر بولسا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان» مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»غا تامامەن ماس كېلىدىغان ئۇيغۇن تەلەپلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەققانىي تەلەپلەر يۈزىسىدىن جازاغا تارتىلىشى، ماھىيەتتە بۇ قانۇنلارغا قىلىنغان  ئوچۇق بىر خىيانەتتىن ئىبارەت ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن،» قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش»دېگەن نامدا  ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمىي يۈزلۈك دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى بولسا،» مىللىي تېررىتورىيە قانۇنى»نىڭ 11 – ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خاتالاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش» قوش تىللىق ئوقۇتۇش»سىياسىتى بولسا» مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ 37 – ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش» ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش»دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتى بولسا» مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ 23 – ماددىسىغا تامامەن زىت.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن،» شىنجاڭنى ئېچىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش»دېگەن نىقاب ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشى ۋە نەپ ئېلىشىنى تامامەن چەكلەش سىياسىتى بولسا يەنە» مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ 62 – ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە – جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا خىتايچىنى راۋان بىلىشنى شەرت قىلىشى ۋە» خىتايچە بىلمىسەڭ ئىستىقبالىڭ يوق»دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلىشى بولسا،» مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ 10 – ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

قىسقىسى بىز،» مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ 67 ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان بۇ قانۇنىنى ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دېگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغاندا، بۇ» ئاپتونوم رايون»بولسا ھېچ بىر قانۇنىي ئاساسقا تايانمىغان، ئۇنۇڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، قانۇنىي  ۋە مەمۇرى شەكلى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىدى.

قىسقىسى، بۇ» ئاپتونوم رايون >, ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسى بېكىتىلمىگەن بىر» ئاپتونوم رايون»دىن ئىبارەت ئىدى.

54 – يىلى بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنراقىنى تەشكىل قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ ئاپتونومىيىلىك مەمۇرى رايوننىڭ نامى » ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىلىقمۇ ھېچ بىر چۈشەنچە ياكى ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى.
شۇڭا، تاكى 80 – يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر بۇ ئاتالمىش» ئاپتونوم رايون >, خۇددى ئاساسى قانۇنى يوق دۆلەت ۋە نىزامنامىسى يوق تەشكىلاتتەك بىر ۋەزىيەت ئاستىدا قالايمىقان ئىدارە قىلىنىپ كېلىندى، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ كېلىنگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ سىياسەت ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئىجرا قىلىندى، مەسىلەن، ئاتالمىش» يەر ئىسلاھاتى >,» ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى >,» ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى >,» سولچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى >,» مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»… دېگەندەك سان – ساناقسىز سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە قانداق ئىجرا قىلىنغان  بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ پېتى ئىجرا قىلىندى.

» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»قۇرۇلۇپ ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1984 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»تۈزۈپ چىقىلدى ۋە بۇ قانۇن شۇ 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان  ئىدى. 

ئەپسۇسكى خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىرغا قەدەر ھازىرغا قەدەر بۇ قانۇندىكى ماددىلارنىڭ ھېچ بىرى ئىجاد قىلىنغىنى  يوق.

6.خىتاينىڭ 7 – نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججىتىدىن كېيىن ئۆلۈم جازالىرى شىددەت بىلەن كۆپەيدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، 1996 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆلۈم جازالىرىنىڭ سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ سىياسىي سەۋەبتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ  سانىنىڭ روشەن ھالدا ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

بۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 1996 – يىلى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانغا  قارىتا چىقارغان» 7 – نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت»بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

» 7 – نومۇرلۇق ھۆججەت»بولسا، 1996 – يىلى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىروسى تەرىپىدىن مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانغا  قارىتا تۈزۈپ چىقىلغان ۋە 10 ماددىدىن تەركىب تاپقان بىر ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت پىلانى بولۇپ، بۇ ھۆججەت، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىن، مىللىي  مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قاراتقان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىنىي ۋە مىللىي تۇيغۇلارنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسىنى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشقا قارىتىش، بىڭتۇەننى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر زامان يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان مىللىي ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا باستۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن ژاندارما قىسىملىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا  كېلىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش … قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بۇ ھەقتە كونكرېتنى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

 ئۇندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى،» شىنجاڭغا ئاساسىي خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدۇ»دېگەن تەلەپپۇزنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا،» 7 – نومۇرلۇق»ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم،» شىنجاڭغا ئاساسىي خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردىن كېلىدۇ»دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ساھەنى ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى قىلىپ تاللىغان ئىدى.

ئەينى چاغدا بۇ ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندا،  چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ھەتتا چەتئەللەردىكى بەزى خىتاي دېموكراتلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدە، ئەگەر 7 – نومۇرلۇق ھۆججەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ زور تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى قارشىلىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قىلچە قۇلاق سالمىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان قورچاق ھۆكۈمىتىدىن» 7 – نومۇرلۇق ھۆججەت»نىڭ روھىنى ئەينەن ۋە جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا بۇ ھۆججەتنى چىقىرىپ بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا ئاتالمىش» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»دېگەن نەرسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلاتقان بۇ رەھىمسىز سىياسىتى ئۈچۈن دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئاساس يارىتىشقا تىرىشتى.

96 – يىلى» 7 – نومۇرلۇق ھۆججەت»چىقىرىلىپلا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بويىچە» جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش»دېگەن نامدا زور سىياسىي ھەرىكەت قوزغىلىپ، ھەرىكەتتە مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلار زەربە بېرىش نىشانى قىلىندى.

يەنە شۇ يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى،» مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، شىنجاڭدا ئاساسى نىشان مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ۋە قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش بولۇشى لازىم»دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 شۇ يىلى باشلىتىلغان،» جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش»ھەرىكىتى بىلەن» قاتتىق زەربە بېرىش»ھەرىكىتى جەريانىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى، يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆلۈم جازالىرىغا ۋە تۈرلۈك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى.

» 11 – سېنتەبىر»تېررور ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى» خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش»دېگەننى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش» ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش >, يەنى،» مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، تېررورىزمغا ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش»دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ شوئارنى زور بىر سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان ۋە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ناملار بىلەن قولغا ئېلىنىپ جازالىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.

7.قانۇنىي جەھەتتە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوش ئۆلچەم سىياسىتى يۈرگۈزۈلمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇن تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جەھەتتىن زەربە بېرىش كۈرىشىگە قارىتىلغىنى ئۈچۈن، بۇ رايوندا جىنايى ئىشلار دىللىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا جىنايى ئىشلار دىللىرىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي مىللىتىدىن بولغان جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنىڭ سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئامانلىقىغا ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتى  ھەم مال – مۈلكىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىشىگە سەۋەبچى بولماقتا، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان جىنايەتچىلەرگە بىپەرۋا قارىشى ۋە بۇ قانۇنىي جەھەتتە  ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى، خىتاي پۇقرالىرىنى جاسارەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تاپمۇ كۆپلەپ جىنايەت سادىر قىلىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.

خىتاي سوتلىرى، 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگە قەدەر ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 33 نەپەر ئۇيغۇرنى  ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

ئۇندىن باشقا يەنە ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ  ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار بولۇپ، پەقەتلا قانۇن جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن  خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنى پەردازلاش ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە، جازالانغۇچىلارنىڭ  ئارىسىغا بىر – ئىككى نەپەر خىتاي جىنايەتچى سىمۋول خاراكتېرلىك قوشۇپ قويۇلغان ئىدى.

  ئەمەلىيەتتە بولسا، شاۋگۇەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ ھەقىقىي قۇربانلىرى تامامەن ئۇيغۇرلار ئىدى، بۇ ئىككى شەھەردە ئېرىق بولۇپ ئاققان قانلار يەنە ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئىدى.
ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بىۋاسىتە بەشىدىن كەچۈرگەن  شاھىتلارنىڭ  بايان قىلىشىچىمۇ، خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان   مىڭلىغان  ئۇيغۇردىن سىرت، يەنە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرمۇ ئادەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ياۋۇزلارچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان مىڭلىغان دۇكان ۋە رېستورانلار ئۇرۇپ – چېقىلىپ ۋە كۆيدۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىنغان  ئىدى.

چۈنكى، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىكى نامايىش جەريانىدا ئانچە – مۇنچە زىيان تارتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممىسى، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەتنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا چەيدو – پىچاق، پالتا – كەكىلەر بىلەن قوراللىنىپ چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قوزغىغان، بىر زىيىنىنىڭ ئورنىغا مىڭ زىيان سالغان ئىدى.

بەزى شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، پەقەتلا خىتاي كۆچمەنلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك قوزغىلىپ چىقىپ زوراۋانلىق ھەرىكىتى باشلىغان 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن، 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنىگىچە بولغان 3 كۈن ئىچىدىلا، ئۈرۈمچىدە ئىرقچى خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 500 نەپەردىن ئاشىدۇ، ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۇ خىل قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلۈپ باققىنى يوق، ھازىرغىچىمۇ فاشىست خىتايلارنىڭ كوچا – مەھەللىلەردە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

 مەسىلەن، 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىكى سوتتا ئىككى ئۇيغۇرغا قوشۇپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  لى لوڭ فىي ئىسىملىك خىتاي بولسا، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى باشلىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا مەمەت توختى، ئەخمەت ياسىن قاتارلىق ئىككى نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنى كالتەك بىلەن مېڭىسىگە ئۇرۇپ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى ئىدى.

  ئەمما ھازىرغا قەدەر ئىككى قولى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان بۇ زوراۋان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قانۇن تورىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان باشلىتىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا يەنە شۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئىدى.

ھازىرغا قەدەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، توقۇنۇشتا ئۆلگەن خىتايلارنىڭ ئايىلە – تاۋاباتلىرىغا ئۆمۈر بويى باياشات ياشىغۇدەك نەپىقە تارقاتتى، ماددىي جەھەتتە زىيانغا  ئۇچرىغان خىتايلارغا ھەسسىلەپ تۆلەم تۆلەپ بېرىلدى، ئۇرۇپ – چېقىلغان دۇكان، رېستوران ۋە شىركەت بىنالىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەز سۈرەتتە رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
ئەپسۇسكى ۋەقەدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ھېچ بىر ئۇيغۇرغا ئىگە چىققىنى يوق، 5 – ئىيۇلدىن بۇيان نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار، ھەتتا مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بىرئاز كۈچلۈك دەپ قارالغانلىقى ئۇيغۇرلار قېرى – ياش، ئەر – ئايال دېمەستىن يولسىزلارچە تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە جاسارەت ۋە مەدەت بېرىلمەكتە.

زىندانلارغا تولۇپ – تاشقان ئۇيغۇرلار تۈركۈم – تۈركۈملەپ سۆرەپ چىقىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ۋە ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىقىرىلغان ئاتالمىش» جىنايى پاكىت»لار پۈتۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بەس – بەس بىلەن بازارغا سېلىنىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان » شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى»تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىلىرىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىزىقارلىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئېلان قىلىنغان  بۇ خەۋەر، خىتاينىڭ قانۇن جەھەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنىڭ روشەن بىر دەلىلى بولۇپ، مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، ئۈرۈمچىگە جايلاشقان» ئاپتونوم رايونلۇق 5 – تۈرمە»دە، مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاي جىنايەتچىلەر بىلەن 10 نەچچە شىركەت ئوتتۇرىسىدا خىزمەت توختامى ئىمزالانغان  بولۇپ، بۇ شىركەتلەر تۈرمىدىكى خىتاي جىنايەتچىلەرنى 300 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.

مەسىلەن، مۇراسىم جەريانىدا، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرگەن لى فامىلىلىك بىر خىتاي جىنايەتچى، ئېيىغا 2500 يۈەندىن، 3000 يۈەنگىچە مائاش ئالىدىغان بىر خىزمەت توغرۇلۇق توختاملاشقان.

دېمەك، بىگۇناھ ئۇيغۇرغا ئىش يوق، ئاش يوق، ئەمما خىتاي جىنايەتچىگە تۈرمىدىن چىققاندا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تەييار !

شاۋگۇەندىكى ئىرقچى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارمۇ دەل ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدا قىلغىلى ئىشى، تېرىغىلى يېرى بولمىغىنى ئۈچۈن مەجبۇرى يۆتكەپ كېلىنىپ ئىشلەمچىلىككە سېلىنىۋاتقان ۋە ئايلىق مائاشى 1000 يۈەنگىمۇ بارمايدىغان بىچارە دېھقانلار ئىدى.

ھازىر خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرمۇ، شاۋگۇەندىكى بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كوچىلارغا چىققان ۋە ئۆزلىرىمۇ ئېغىر خورلۇق ئىچىدە ئېزىلىپ ياشاۋاتقان ئىشسىز ياشلار ئىدى.

مانا بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش» ئادالەت»ۋە ئاتالمىش» مىللىي باراۋەرلىك >.  

http://www.xj.xinhuanet.com/2009-11/09/content_18176990.htm

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى بىڭتۇەنلىك خىتايلار تەشكىل قىلماقتا.

بىڭتۇەن ئەسلىدە 1954 – يىلى خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي جىنايەتچىلەر ئاساسىدا قۇرۇلغان ئۆلكە دەرىجىلىك بىر مەمۇرى ئورگان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن قۇرۇلغاندىن بۇيان قانۇنىي جەھەتتە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ سىياسىتى بويىچە، ئەگەر ئىچكى ئۆلكىلەردە ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان  بىر مەھبۇس شەرقىي تۈركىستانغا  كېلىپ ئۆمۈر بويى ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى خالىدا، ئۇ ھالدا بۇ جىنايەتچىنىڭ گۇناھى زور دەرىجىدە يەڭگىللىتىلىدۇ.

» شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى»تەرىپىدىن، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئېلان قىلىنغان  بىر ماقالىدا،ھازىرغا قەدەر بىڭتۇەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 120 مىڭ نەپەر خىتاي جىنايەتچىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغانلىقى، 1983 – يىلى خىتايدا جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن  بۇيان، بىڭتۇەننىڭ خىتايدىكى 18 ئۆلكىدە ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان  جىنايەتچىلەرنى يۆتكەپ كېلىپ تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، پەقەتلا 1983 – يىلىدىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئەسكىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكىت، پوسكام، بارىن، غۇلجا …. قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا يۈز بەرگەن مىللىي توپىلاڭلارنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، 500 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «بۆلگۈنچى ئۇنسۇر» نى تۇتۇپ بەرگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق، پۈتۈن خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن غايەت زور مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە تەرىپلىگەن ھەمدە بىڭتۇەن، » شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى يادرو كۈچ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

http://www.xj.xinhuanet.com/bt/2009-08/31/content_17557021.htm

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان،» بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات تارىخى»ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان  1949 – يىلىنىڭ ئۆزىدىلا،» شىنجاڭ ھەربىي رايونى»نىڭ قارمىقىدا» جىنايەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش كومىتېتى»قۇرۇلۇپ، 49 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1952 – يىلىغا قەدەر ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شاڭخەي، خۇبىي، خۇنەن، ئەنخۇي، جىجىاڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنى يۆتكەپ كەلگەن.

 1954 – يىلى ئاتالمىش» ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى»قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1955 – يىلىدىن 56 – يىلىغىچە بىڭتۇەنمۇ ئۆز ئالدىغا يەنە سىچۈەن، شاڭخەي،  جىجىاڭ قاتارلىق جايلاردىن خىتاي جىنايەتچىلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ بىڭتۇەن تەۋەسىگە يەرلەشتۈرگەن.

1955 – يىلى 11 – ئايدا ۋە 56 – يىلى 9 – ئايلاردا بىڭتۇەن مەخسۇس» جىنايەتچىلەر مەسىلىسى يىغىنى»چاقىرىپ، خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنىپ جىنايەت مۇددىتى توشقان خىتايلارنى قايتۇرماي شەرقىي تۈركىستانغا  يەرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يۇرتىدا قالغان بالا – چاقىلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەڭگۈ يەرلىشىپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش … قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېتنى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان.

1957 – يىلى خىتاي ئالىي خەلق سوتى، تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە  جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە خىزمەت ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا  يېتىپ كېلىپ، خىتاي جىنايەتچىلەرنى يەرلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە بۇ جىنايەتچىلەرنى ئېغىر ئەمگەككە سالماسلىق، ئۇلارغا قوپاللىق قىلماسلىق، باشقۇرۇشتا قاتتىق قوللۇق قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇ يىلى يەنە مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئايىلە – تاۋاباتلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇلار بىلەن جەم قىلغان.

ئۇنۇڭدىن كېيىن بىڭتۇەن كېلىپ قوشۇلغان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى جىنايەتچىلەر ۋە بىڭتۇەنلىك خىتايلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە قىلىپ قالغان ئۇرۇق – تۇغقان، جەددى – جەمەتلىرى ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا بىڭتۇەندھن قاچقان خىتاي جىنايەتچىلىرىنىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلغانلىقىغا دائىر دېلولار ناھايىتى كۆپ.
ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەر ئۇيغۇر مەھبۇسلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلار ئۈچۈن بىر دوزاختىن ئىبارەت بولۇپ، ۋەتەندىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مەھبۇسلار تۈرمىدە كۈنىگە 16 – 18 سائەتلەپ ھەقسىز ھالدا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنىدۇ، بەزى مەھبۇسلار ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ كۈن نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىچىدە تۈرمە ساقچىلىرىدىن تاياق – توقماق يەپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.ئەگەر تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قويۇپ بېرىلسە، ئىشلەش ۋە نورمال ھايات كەچۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، كەينىگە 24 سائەت ساقچى كىرىۋېلىپ نازارەت قىلىدۇ ۋە ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان» قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»جەريانىدا يەنە قايتا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. 

http://www.tianshannet.com/bt/content/2006-02/15/content_227950.htm

8.ئۆلۈم جازالىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى

شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىنىڭ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىدىن ئىبارەت.

جۇڭخۇا  خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا، بارلىق گىراجدانلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلاردا باراۋەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن، ئەگەر خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇرلار  پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، بەلكى  پۈتۈن خىتاي تېررىتورىيىسىدە خۇددى خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئەركىن ياشىشى، خالىغان يەرگە بېرىپ كېلەلىشى، ئارزۇ قىلغان  ئۆلكە ياكى شەھەردە  ھېچبىر چەكلىمىگە ئۇچرىماي  ياشاپ تۇرالىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىرقى مەنزىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە نورمال پائالىيەت قىلىش دائىرىسى  پەقەت شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلەپ قويۇلغان، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان رايونىنى  ئۇيغۇرلارنى نەزەربەند قىلىدىغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋالغان، بۇ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن ھالقىپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەم خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن  خۇددى بىر جىنايەتچىدەك  مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ھازىر خىتاينىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرى ۋە شەھەرلىرى  شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى  قوغلاندى قىلىشنى، ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى، ئۆي ياكى دۇكان كىرالىماسلىقنى، ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ – سوقۇپ بوزەك قىلىشنى، ھېچبىر قانۇنىي ئاساسقا تايانماستىنلا ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشنى، ۋە ھەتتا خالىغانچە تۇتۇپ – سولاپ قىيناشنى ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىزىدا،» شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى  بۈيۈك جۇڭخۇا  مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى»دەپ جار سالغىنى بىلەن، ماھىيەتتە  ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرىقىدەك پەرقلىق  مۇئامىلىسى ئارقىلىق  شەرقىي تۈركىستاننىڭ » جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى»ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ جۇڭخۇا  مىللىتىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ۋە جۇڭخۇا  مىللىتىنىڭ پەقەتلا  خىتاي مىللىتىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى  ئۆز – ئۆزى  ئىقرار قىلىپ تۇرۇپتۇ. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا  مەجبۇر قىلىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان  ئاساسلىق ئامىللارمۇ مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

بېيجىڭ خىتاينىڭ پايتەختى، ئەسلىدە بېيجىڭ شەھرى  خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىزىدا تەكىتلەۋاتقان » مىللەتلەرنىڭ  تەڭ باراۋەرلىكى سىياسىتى»نى ئىجرا قىلىشتا  باشقا شەھەرلەرگە ئۆرنەك بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر  بېيجىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرى  ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنى ھور كۆرۈشتە خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئۈلگە بولۇۋاتقان مەركىزى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش ھەرىكىتىمۇ دەسلىپىدە بېيجىڭ شەھىرىدە باشلانغان،  كېيىن بۇ خىل غەيرىي ئىنسانىي ھەرىكەتلەر ئاستا – ئاستا خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە كېڭىيىشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى  بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پاراللېل ھالدا تەرەققىي  قىلىپ ئەۋج ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 90 – يىللارنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستانغا  قارىتا تۈزۈپ چىققان سىياسىتىدە، مەيلى ھۆكۈمەتكە قارشى مىللىي ھەرىكەتلەر بولسۇن، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بولسۇن ياكى يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار بولسۇن، ئومۇمەن  ھەممىسىلا خاراكتېر جەھەتتىن» مىللىي بۆلگۈنچىلىك»كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،» مىللىي بۆلگۈنچى»دېگەن گەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە» دۈشمەن»دېگەنلا گەپ.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلىنىدىغان ۋە ئېھتىيات قىلىنىدىغان  خەتەرلىك  ئىنسانلار قىلىپ بېكىتىۋالغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى غايەت زور تەشۋىقاتلىرى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل ئىدىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىدىن ھالقىپ، پەيدىن – پەي خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىمۇ يېيىلىشقا باشلىغان، يەنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتە بىردەكلىك ۋە ئوخشاشلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى» ئوغرى، قاراقچى، بۇلاڭچى ۋە زوراۋان كۈچ»قىلىپ  كۆرسىتىپ، بۇلىشىغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى ۋە ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئېھتىياتچان بولۇشقا ئاشكارا ئۈندەپ كەلدى، بولۇپمۇ  ئامېرىكىدىكى» 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ پۈتۈن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي زۇلۇمغا  ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىنى» تېررورىست ھەرىكەت»دەپ قارىلاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا تېررورىست بىر ھاۋانى يېيىشقا باشلىدى، خىتاينىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئايلاپ، يىللاپ بىرەر ئىجابىي خەۋەر – ماقالە كۆرەلمەيسىز، ھەممىسىلا دېگۈدەك سىياسىي جەھەتتىن قارىلاش تۈسىنى ئالغان سەلبىي خەۋەرلەر، يەنى» ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان  مىللىي بۆلگۈنچىلەر، تېررورىستلار، زوراۋان كۈچلەر»دېگەنگە ئوخشىغان كەلىمىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن.

يۇقىرىقىدەك ئىرقىي كەمسىتىش ۋەقەلىرى بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ جەريان قىلماقتا. بۇ خىل ھادىسىلەر تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە قارشىلىقىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى
گېرمانىيە – ميۇنخېن