Responsive Image

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى مەتبۇئات باياناتى

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى مەتبۇئات باياناتى

ھازىر ئېلان قىلىندى
2017 – يىلى 27 – فېۋرال

16998922_189355351552281_6479456241049348162_n

1– نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى، چەت ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى، پىشقان سىياسەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان دانا كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 25 – فېۋرالدىن 27 – فېۋرالغىچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا 12 دۆلەتتىن 19 ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشى ۋە ئۇ پەيدا قىلىدىغان ئىجابىي – سەلبىي تەسىرلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ئالاقىدار چارە – تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ يىغىننىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.