Responsive Image

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورچاق رەئىسلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇلغان ۋە نامە » شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتىلگەن 1884 – يىلىدىن، تاكى چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان 1911 – يىلىغا قەدەر بۇ رايون مۇستەبىت، دىكتاتور مانجۇ ۋە خىتاي ۋالىلىرى تەرىپىدىن زالىملارچە ئىدارە قىلىنىپ كېلىندى.

جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغان 1911 – يىلىدىن، تاكى 1947 – يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلغان ئومۇمىي ۋالىي ياكى ئۆلكە رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي بولۇپ، ئۇلارمۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى زالىم ۋە رەھىمسىز دىكتاتورلارنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان قانخورلۇق سىياسىتىگە ئەينەن ۋارىسلىق قىلدى.

قىسقىسى، 1884 – يىلىدىن، 1947 – يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بىر مەزگىلگە قەدەر مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىكلەردىن بولغان قورچاق ئومۇمىي ۋالىي ياكى قورچاق ئۆلكە رەئىسى ئىشلەتمىدى.

1.مەخسۇت سابىر بايقۇزۇ

شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ تۇنجى قورچاق رەئىسى ئۇيغۇر مەخسۇت سابىر بايقۇزۇ بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1947 – يىلى 5 – ئايدا » شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت » نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن مەخسۇت ئەپەندى، 1949 – يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر بۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى.

ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلانغان  مەخسۇت ئەپەندى، ھازىرغا قەدەر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن قورچاق رەئىسلەر ئىچىدە ئۆز خەلقىگە ئىجابىي تەسىر قالدۇرغان ۋە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان بىردىن – بىر شەخستىن ئىبارەت.

2.بۇرھان شەھىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككىنچى قورچاق رەئىسى تاتار بۇرھان شەھىدى بولۇپ، 1949 – يىلىنىڭ بېشىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ئورنىغا » شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت » نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن بۇرھان شەھىدى، 49 – يىلى 10 – ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قايتا » شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت » نىڭ قورچاق رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ۋە تاكى 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش » شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » قۇرۇلغانغا  قەدەر ئۇنۇڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى داۋام قىلدى.

ھەممە دەۋرگە ماس كېلىدىغان مەيدانسىز، غۇرۇرسىز خاراكتېرگە ئىگە بۇرھان شەھىدىنىڭ ئىسمىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى، » يۇمىلاق تاۋۇز » دېگەن بۇ ئۇقۇم بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىپادە قىلىپ كەلمەكتە.

3.سەيپىدىن ئەزىزى

1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۇيغۇرلاردىن سەيپىدىن ئەزىزى » شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى، ئۇنۇڭ رەئىسلىكى تاكى 1978 – يىلى 1 – ئايغىچە داۋام قىلدى، ئۇندىن باشقا سەيپىدىن ئەزىزى يەنە 1972 – يىلى 7 – ئايدىن، 78 – يىلى 1 – ئايغىچە، » شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم » نىڭ سېكرېتارلارنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىزى ھازىرغا قەدەر » ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم » نىڭ سېكرېتارى بولغان بىردىن – بىر ئۇيغۇردىن ئىبارەت.

4.ئىسمائىل ئەمەت

شەرقىي تۈركىستاننىڭ 4 – قورچاق رەئىسى ئۇيغۇر ئىسمائىل ئەمەت بولۇپ، ئۇ، 1979 – يىلى 9 – ئايدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئورنىغا » ئاپتونوم رايون » نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ۋە ئۇنۇڭ رەئىسلىكى 1985 – يىلى 12 – ئايغىچە داۋام قىلدى.

5.تۆمۈر داۋامەت

1985 – يىلى 12 – ئايدا ئۇيغۇرلاردىن تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەمەتنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 5 – قورچاق رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ۋە ئۇنۇڭ رەئىسلىكى 1993 – يىلى 12 – ئايغىچە داۋام قىلدى.

6.ئابلەت ئابدۇرېشىت

93 – يىلى 12 – ئايدا تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئورنىغا تەيىنلىگەن 6 – قورچاق راپىس ئابلەت ئابدۇرېشىت، تاكى 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە بولغان 10 يىلغا قەدەر بۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا سەيپىدىن ئەزىزىدىن قالسىلا ئەڭ ئۇزۇن قورچاق راپىس بولغان شەخستۇر.

7.ئىسمائىل تىلىۋالدى

2003 – يىلى 1 – ئايدا ئۇيغۇرلاردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 7 – قورچاق رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ۋە ئۇنۇڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى 2007 – يىلى 12 – ئايغا قەدەر داۋام قىلدى.

يۇقىرىقى 7 نەپەر قورچاق رەئىسنىڭ ئىچىدە، تۇنجى راپىس مەخسۇت سابىر بايقۇزۇدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغاندىن  كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراس قىلىپ، مەنسىپىنى ئۆستۈرگەن باھانە بىلەن بېيجىڭ جىڭغا يۆتكەپ كەتتى.

مەھسۇد سابىر بايقۇزۇ بولسا 1951 – يىلى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن » مىللەتچى ئۇنسۇر » دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى ۋە 52 – يىلى خىتاي تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى.

8.نۇربەكرى

2007 – يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان » ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى » نىڭ 35 – قېتىملىق يىغىنىدا، » ئاپتونوم رايون » نىڭ سابىق قورچاق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنۇڭ ئورنىغا، » ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم » نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇربەكرى، » ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ رەئىسلىكىگە ئاتىغانلىقى ئېلان قىلىنغان  ئىدى.

نۇربەكرى، شەرقىي تۈركىستان مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىپ، ئۇنۇڭ نامى رەسمىي يوسۇندا » شىنجاڭ » دەپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە خىتايغا قارايدىغان بىر مەمۇرى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇۋېلىنغان  1884 – يىلىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 8 – قورچاق رەئىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرغا قەدەر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن قورچاق رەئىسلەرنىڭ خاراكتېرىگە، ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە شۇنداقلا ئۇلار مەنسەپكە تەيىنلىگەن دەۋرلەردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر بىر قورچاق رەئىسنى تەيىنلىگەن چاغدا، مەلۇم بىر سىياسىي مەقسەتنى ۋە نىشاننى كۆزدە تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

ئاخىرقى قورچاق راپىس نۇر بەكرىگە كەلسەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر دەۋرگە قەدەم قويغان مەزگىلدە ئۇنۇڭ تۇيۇقسىز قورچاق رەئىسلىككە تەيىنلىگەنلىكى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇنۇڭ بۇ ۋەزىپىگە قويۇلۇشى، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈستقۇرۇلما ساھەسىدە، يەنى مائارىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە دىنىي ساھەدە جىددىي بىر ئىدىلوگىيەلىك تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ساھەلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق بېشارىتىدىن ئىبارەت،

چۈنكى نۇربەكرى 1983 – يىلى » شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى » نىڭ سىياسەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ مەنسەپ تۇتقان ھازىرغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەردە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ سادىق كالتەكچىلەرنىڭ بىرى ئىدى، مەيلى 80 – يىللاردىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا بولسۇن، » ئىدىلوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى » دە بولسۇن، ياكى دىنىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈش، » قوش تىللىق مائارىپنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرىكىتى » دە بولسۇن نۇربەكرى ئوينىغان رولى چوڭ بولغان ۋە شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنى كېيىن » ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم » نىڭ سىياسىي ۋە ئىدىلوگىيە ساھەسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى قىلىپ ئۆستۈرگەن ئىدى.

نۇر بەكرىنىڭ 2007 – يىلى 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلىۋاتقان » ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى » دا بەرگەن » ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات » تىمۇ، بۇندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە » مۇقىملىق خىزمىتى » گە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، دىنىي ساھەگە قاراتقان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى، » 3 خىل كۈچلەر » گە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى، » ۋەتەننىڭ بىرلىكى » ۋە » مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى » نى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئەدەبىيات – سەنئەت، مائارىپ ۋە دىنىي ساھەسىنىڭ تېخىمۇ زور سىياسىي بېسىمغا ۋە ئاسسىمىلياتسىيە خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇقلا كۆرسىتىپ تۇرماقتا.