Responsive Image

شولىز بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما خىتاي ئىنكاس بىلدۈرمىگەن

شولىز بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما خىتاي ئىنكاس بىلدۈرمىگەنگېرمانىيە باش مىنىستېرى شۇلىز خەلق سارىيىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. بېيجىڭ، خىتاي 2022-يىلى 4-نويابىر.

گېرمانىيە باش مىنىستېرى شۇلىز بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلغاندا، خىتاي تەرەپ «ئىچكىي ئىشىمىزغا ئارىلاشقانلىق» دەپ رەددىيە قايتۇرمىغان.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»نىڭ 4 – نويابىر ئېلان قىلغان «شولىز: كىشىلىك ھوقۇق ئىچكىي ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق ئەمەس» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز بۈگۈن بېيجىڭدا خىتاي باش مىنىستېرى لى كېچياڭ بىلەن بىرگە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، «ب د ت نىڭ دوكلاتىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىۋاتقان رايون (ئۇيغۇر دىيارى) ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق ئىچكىي ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق ئەمەس» دېگەن. ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىنى «داۋاملىق سۆزلەشمەكچى» بولغان.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلاردا شولىزنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا يەنە نېمىلەرنى تىلغا ئالغانلىقى ھازىرچە بايان قىلىنمىغان. ئۇ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلار توغرىلىق سۆز قىلدىمۇ – يوق؟ بۇمۇ نامەلۇم. خەۋەرلەردە شولىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە خىتاينى رۇسىيەنى قوللىماسلىققا كۆندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنىچ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ دۇنيا تېنىچلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولغان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى كۆپرەك تەكىتلەنگەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ گېرمانىيە – خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شولىزنىڭ «بۈگۈن مېنىڭ بېيجىڭغا كەلگىنىم ياخشى ۋە توغرا بولغان» دەپ، ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئەيىبلىگەنلەرگە جاۋاب قايتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

دىققەت چېكىدىغىنى شۇكى، ئولاف شولىزنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تەيۋەن توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە بۇ قېتىم خىتاي تەرەپتىن ھېچ بىر ئىنكاس چىقمىغان. خىتاي باش مىنىستېرى لى كېچياڭ شولىزنىڭ سۆزىگە رەددىيە قايتۇرمىغان ھەم جاۋابمۇ بەرمىگەن. ئادەتتە ئۇيغۇرلار ياكى تەيۋەن مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ھامانلا چىچاڭشىپ: «بۇ بىزنىڭ ئىچكىي ئىشىمىز»، «ئىچكىي ئىشىمىزغا ئارىلاشقانلىق»، «ھېچكىمنىڭ ئىچكىي ئىشىمىزغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دەپ دەرھال ئىتىراز بىلدۈرۈپ جار سالىدىغان خىتايدىن بۇ نۆۋەت زۇۋانمۇ چىقمىغان.

خىتاينىڭ ئولاف شولىزنىڭ سۆزلىرىگە سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە ئانالىزچىلار بۇ سۇئالغا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ كېڭيىشى نەتىجىسىدە سىياسىي ئوبرازى زىدىلىنىپلا قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ زىيانغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا شۇنچە ئۇرۇنۇپمۇ ئۇنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلە ھالىغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان خىتاينىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئويلىنىشنى لايىق تاپقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىزاھلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ خاتالاشقان، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى كۈنسېرى چۆكۈشكە باشلىغان خىتاينىڭ غەربلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئەسەبىيلىشەلمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ جاھىللىقتىن ۋاز كېچىش يولىنى تۇتۇشنى توغرا تاپقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاخىرىقى 3 يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان بىر غەرب دۆلىتىنىڭ رەھبەرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك تالاش – تارتىشقا كىرىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، خىتاينىڭ شولىزنىڭ سۆزلىرىگە سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى بىرقانچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ھە دېگەندىلا گېرمانىيە بىلەن سۈركىلىش پەيدا قىلىپ قويۇشنى، گېرمانىيەدىن ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتلىرىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.