Responsive Image

توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن

توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نىسبەتەن كۆپ تەكرارلانغان ئاتالمىش جىنايەت ناملىرىدىن بىرى «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بولۇپ، بۇ «جىنايەت گۇماندارى» بولۇپ قالغان كىشىلەرگە بىلىپ ياكى بىلمەي ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ياردەم قىلىپ قالغانلار مانا مۇشۇ قالپاق بىلەن تۇتۇلغان ۋە ئېغىر كېسىۋېتىلگەن. مانا بۇلاردىن بىرى توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن بولۇپ، ئۇ 82 ياشلىق بىر سابىق مەھبۇسنى «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلىدىغانلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر قالپاق بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، 82 ياشلىق كىشىنى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ بېرىش توققۇزاق بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇننىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن، ئۇ بۇنداق قىلىشنى بۇ تۇتقۇن نامزاتىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپلا قارىماستىن، بەلكى يەنە ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق دەپ قارىغان. ئەمما2017 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئۇ مەزكۇر قارارى سەۋەپلىك «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن دۆلەت بىختەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان ۋە ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان.

توققۇزاقلىق بىر مۇھاجىر يوللىغان بۇ ئىنكاستا دىيىلىشىچە، ئابلەت تۇرغۇن ئەسلىدە توققۇزاقنىڭ تېرىم يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ بۇلاقسۇ يېزىسىدا يېزا باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بۇ قىسمەتكە دۇچ كەلگەن.

بىز بۇ ئەھۋال ھەققىدە توققۇزاقنىڭ تېرىم ۋە بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىلىرىدىن مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئابلەت تۇرغۇن تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، يەنى 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى تېرىمدىكى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ بىر مەھەل ئوپال «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن توققۇزاق مۇشتىكى تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئوپال «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بىز ئۇنىڭدىن ئۆزى مەسئۇل بولغان تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئەمەلدارلاردىن كىملەرنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن» دەپ جاۋاپ بەردى.

ئىنكاستا قەيت قىلىنىشىچە، ئابلەت تۇرغۇن مەزكۇر 82 ياشلىق كىشىنى «تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى» تىزىملىكىدىن ئۆچۈرىۋېتىشنى بۇيرۇغىنىدا، كەنت كادىرلىرى مەزكۇر بوۋاينىڭ سابىق مەھبۇس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئابلەت تۇرغۇن بولسا ئۇنىڭ يېشى سەۋەبلىك قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش خەۋپى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، قارارىدىن يانمىغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ «جاھىللىقى» سەۋەبلىك «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن ۋە 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ ۋە زەمىن يېزىسى2017 ‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋە كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلغان جايلار بولۇپ، دەسلەپكى 7 ئايدىلا بۇلاقسۇ بويىچە 3514 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، ئاھالىلەرنىڭ تۇتۇلۇش نىسبىتى 15 پىرسەنتكە يېقىنلاشقان.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن ئەسلىدە ئاكتىپ بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇ تۇتقۇنلار تىزىملىكىنىڭ بۇ دەرىجىدە كېڭىيىشىنى يېزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا، شۇنداقلا يۇقىرىنىڭ يىللىق ۋەزىپە كۆرسەتكۈچىلىرىنى ئورۇنداشقا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ دەپ ئويلىغان. ئۇ بۇ ئەندىشىسىنى ئالاقىدار بىر ئىچكىي يىغىندىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

يۇقىرىدا 82 ياشلىق بىر سابىق مەھبۇسنى «تەربىيەلەشكە ئاپىرىلىدىغانلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەن يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇننىڭ 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.