Responsive Image

ئۈرۈمچى كوناشەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلار كۆپ بولغان 4 رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلماقتىكەن

ئۈرۈمچى كوناشەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلار كۆپ بولغان 4 رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلماقتىكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 24– ئاۋغۇست

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقارغان «ئارىلاش ئولتۇراقلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، رادىيومىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر «ئۆي مۇكاپات پۇلى» بىلەن تەمىنلەش چارىسى ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىغا، يەنى خىتاي ئاھالىلىرى كۆپ بولغان يېڭىشەھەر رايونى، يۇقىرى تەرەققىيات رايونى، تۇدۇڭخابا رايونى ۋە مىدوڭ رايونلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىكەن.

سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» دىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

‏-مىللەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان بەزى مەسىلىلەر ياكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەزى زۆرۈر چارە-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھازىر مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى ئولتۇراق رايونلارغا بېرىپ كۈندە «رۇخۇ دياۋچا» (ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش) قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خەنزۇلارغا، خەنزۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ.

بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن «جىنايەت ئارخىپى يوق» دېگەن تونۇشتۇرۇشنى ئېلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇلار ئىلتىماسىنى يوللىسا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئۆي شىركەتلىرى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن توختامغا قول قويسا بولىدۇ.

مەزكۇر خادىم يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ «ئۆي مۇكاپات پۇلى» نى ئالغان ئاھالىلەرنىڭ يېڭى تۇرالغۇدا ئەڭ ئاز دېگەندە 10 يىلغىچە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئۆيىنى سېتىۋەتمەكچى بولسا، ئۇيغۇر بولسا ئۇيغۇرغا، خىتاي بولسا خىتايغا سېتىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى:

‏-بۇ تۈرگە كىرگەن ئائىلىلەر توختام بويىچە بۇ ئۆيدە 10 يىل ئولتۇرۇشى كېرەك. 10 يىلدىن كېيىن ئۆينى سېتىۋېتىمەن دېسە، ئۇيغۇرلار چوقۇم ئۇيغۇرغا، خەنزۇلار چوقۇم خەنزۇغا سېتىشى كېرەك. بۇ تۈر بويىچە ئۆي ئالغان بىر ئۇيغۇر ئۆيىنى خەنزۇغا ساتسا بولمايدۇ. خەنزۇ ئۇيغۇرغا ساتسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا يول قويۇلسا، ھازىرقى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ تەرتىپلىرى بۇزۇلۇپ كىتىدۇ. بۇنداق بولۇشى يەنە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر.

بۇلاقتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» دىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال خادىممۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

‏-بۇ سىياسەت بويىچە، بىر بىنادا 50 پىرسەنت خەنزۇلار ئولتۇرغان بولسا، قالغان 50 پىرسەنتى چوقۇم باشقا مىللەتلەردىن بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا مىللەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنى ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدىن باشلىشىدىكى سەۋەب، بۇ ئىككى رايوندا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. خەنزۇ ئاھالىلىرى بۇ جايلاردىن ئۆي ئېلىشنى ئانچە خالىمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق مىللەتلەر ئايرىلىپ ئولتۇرىدىغان ھالەتنى بۇزۇپ، ئۇلارنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ناۋادا بىزنىڭ بۇلاقتاغ رايونىغا كۆچۈپ كېلىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ كەتسە، يەنى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى نىسبىتى ئېشىپ كەتسە، بۇلاقتاغ رايونىدا بۇ خىل ئېتىبار سىياسەت دەرھال توختىتىلىدۇ. چۈنكى، ھۆكۈمەت بۇ سىياسەت ئارقىلىق شەھىرىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھالىتىنى تەڭشەشنى مەقسەت قىلغان.

مەزكۇر خادىم زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئۈچ ئەۋلاد بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:

‏-بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ. يەنى «بەشتە ياخشى ئائىلە» بولسا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. جىنايەت ئارخىپى بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ 3 ئەۋلاد بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا سىياسىي جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئەھۋاللار تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن تەستىق چۈشىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى ۋە بىزنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۆزىڭىز بىلىسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى خەنزۇلارغا يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۆيگە بېرىلىدىغان «ياردەم پۇلى» كۆپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ئاھالىلەر كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر نەپەر خىتاي مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

‏-شىنجاڭدا ھازىر ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى كەڭ كۆلەمدە تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەردە ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ «ئېتىبار ئۆي سىياسىتى» دىن بەھرىمەن بولۇشنى خالىسا شىنجاڭدا نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقا ئىشلىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

ھازىر ئۇيغۇر يىگىتلەر خىتاي قىزلار بىلەن ياكى ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي يىگىتلەر بىلەنلا تويلىشىپ قالماستىن، بەلكى خىتاي يىگىتلەر ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت قىزلىرى بىلەن تويلىشىدىغان ئىشلار كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ناھايىتى كۆپ. ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك مۇھىتى ناھايىتى ياخشى، ھەممە جايدا «خەلققە قۇلاي ساقچى پونكىتى» ئۇچرايدۇ. ناۋادا بىرەر جىددىي ۋەقە، مەسىلەن، بىخەتەرلىككە تەھدىت بولىدىغان بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە، ساقچىلار بىرقانچە مىنۇتتىلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ۋەقەنى يىغىشتۇرۇۋېتەلەيدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ «ئۆي مۇكاپات پۇلى» ياكى «ئېتىبار سىياسىتى» دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىغان «يەمچۈك» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتايدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد «مىللىي سىياسەت تۈزگۈچى» لەرنىڭ ئالدىن پىلانلىغان ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.