Responsive Image

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىسلامىي ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىسلامىي ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 26– ئىيۇل

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدا 6 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئېلان ئىجتىمائىي تور بەتلەردە تارقالغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئىسىملارنى چەكلىشى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆز بالىلىرىغا خالىغان ئىسىم قويۇشتىن ئىبارەت ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر كىملىكىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم، دەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

بۇ يىل 4-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى قويۇق ئىسلامىي پۇراققا ئىگە بولغان 20 دىن ئوشۇق ئىسىمنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئىسىملارنى يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىغا قويۇشتىن چەكلىگەن ئىدى. دائىرىلەر ئېلان قىلغان چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكىدە «مۇجاھىت، جىھاد، ئابدۇ پەتتار، ئەبۇلغازى، ئەزھەر، ئەسئەدۇللا، ئەمىرۇللا، ئەمىرىدىن، ئەھرۇللا، ئەكبەر، غازات، تۈركىناز، تۈركىزاد، ئەبۇبەكرى، مۇسلىمە، مۇخلىسە، ئەراپات، ھاجى، غوجا، خۇدابەردى، تۈركىناي، مۇجايدۇللا» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسىملار بار بولۇپ، دائىرىلەر يەنە چەكلەنگەن ئىسىم قويۇلغان بالىلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىنمايدىغانلىقى، مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. كېيىن دائىرىلەر بۇ ئىسىم چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى 16 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلارغىچە ئىجرا قىلىپ، يۇقىرىقىدەك ئىسىم قويۇلغان بالىلار بولسا ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي گېزىتى ھېسابلىنىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 21-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا 6 نەپەر بالىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر پارچە ئۇقتۇرۇشنىڭ ئېلان قىلىنىشى يۇقىرىدىكى بۇيرۇقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 3-بېتىدە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق»، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە پۈتۈن بۇ چەكلىمىنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن بىمەنە ۋە قوپال بىر شەكىلدە دىننى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆز بالىلىرىغا خالىغان ئىسىمنى قويۇشنى قارار قىلىشىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان دىنى بېسىمىنىڭ بىر ئىسپاتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسىم ئۆزگەرتكەنلىك ھەققىدىكى بۇ ئۇقتۇرۇشلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىۋاتىدۇ. ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلەنگەن ئىسىم قويۇلغان بالىلارنى نوپۇسقا ئالماسلىق، ئىجتىمائىي كاپالەتلەردىن بەھرىمەن قىلماسلىق، مەكتەپكە تىزىملىماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىسىم ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ».

دەرۋەقە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈندىدار تورىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلاردىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپلەر ھەتتا يېزا-مەھەللىلەرگىچە يازما ئۇقتۇرۇش تارقىتىش، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىش ئارقىلىق بۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقىشتىن ئىلگىرى تۇغۇلغان بالىلارغا مۇشۇ خىلدىكى ئىسىملارنى قويغان ئاتا-ئانىلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچىخانىلارنىڭ نوپۇس بۆلۈملىرىگە بېرىپ، بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مۇجاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ جايدىكى مەھەللە كومىتېتنىڭ ئادەملىرى ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم كېلىپ، ئۇنىڭدىن بالىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. شۇڭا ئۇ ئامال يوق ئاخىرى نوپۇس ئىدارىسىگە بېرىپ بۇ يىل 4 ياشقا كىرگەن بالىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامى يوسۇندىكى ئىسىملارنى چەكلىشىنى ئىسلام دىنىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، دەپ ئاتىدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىغىمۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى شۇڭا بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ سۆزلىرىگە تايانغاندا، ئۇيغۇرلار ئىسلامنى قوبۇل قىلغان مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەرەبچە ئىسىملارنى، جۈملىدىن ئىسلامى ئىسىملارنى قويۇپ كەلمەكتە، بۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، تارىختا ھېچقانداق باشقا بىر كۈچ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق ئىسىم قويۇشىغا ئارىلىشىۋالمىغان ھەم توسقۇنلۇق قىلمىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى «ئەسەبىيلىكىنى چەكلەش نىزامى» دائىرىسىدە ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ ئىسلامى يوسۇندىكى ئىسىملارنى چەكلەش ھەرىكىتى ئىلگىرى خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلامنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى يۇيۇۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن، ئامېرىكادا نەشردىن چىقىدىغان «بۇرۇلۇش نۇقتىسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى قايتا ياسالغان مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئويلىنىش» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى دېررىن بايلېر ئادرىيان زېنز ئىسىملىك تەتقىقاتچىنىڭ يۇقىرىدىكى كۆز قارىشىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، 1949‏-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىغا «ئازاد قىلىش» دېگەن نام بىلەن كىرگەندىن بۇيان ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، ئوخشىمىغان شوئارلار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە ياكى «قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە دىنى زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان خوتەنلىك كادىرنىڭ ۋەقەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ياكى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىكى ھۆرمەتنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۆلچىمى دىنسىزلىق ۋە بۇيرۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان خۇسۇسىي تاللاش تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق قائىدىلىرى بۇ يەردە دىنى رادىكاللىق دەپ قارالماقتا» دەپ مۇلاھىزە قىلغان ئىدى.

ساراھ كۇك خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى ئەركىن ھەم تىنچ يوسۇندا ئىپادە قىلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە زور خەۋپ يارىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى: «كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۆيىگە ئوخشاش خۇسۇسىيلىقىغا بۆسۈپ كىرىش ئۇلاردا تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق ۋە قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆز ئىرادىسىنى نامايان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىسا ئۇ ھالدا ئۇلار بۇنى ئىپادە قىلىشنىڭ باشقا خىل يوللىرىنى ئىزدىشى مۇمكىن. يەنى بۇ كىشىلەرنى زوراۋانلىققا ئىتتىرىشى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى مەنچە ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۇ زىددىيەتنى ئۇلغايتىدۇ. جىددىيلىكنى ئاشۇرىدۇ ۋە قايتۇرما زەربە تەشكىل قىلىدۇ. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى چاقىرىقلىقىغا قۇلاق سالماسلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ».

كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل سىياسىتى، ئۇلارنىڭ روزى تۇتۇشى، مەسجىتلەرگە كىرىشىگە چەكلىمە قويۇش، 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنى چەكلەش، ئاياللارنى قىسقا يوپكا كىيىشكە تەشەببۇس قىلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرگەن پارچىلىرى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.