Responsive Image

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  23-سىنتەبىر

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن، يەنى 21-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» نامىدىكى لاگېرلىرىغا قامىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، بۇ خىل دارىلئېتاملار بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىشتىكى ئەڭ يېڭى سىستېمىلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ماقالىدا يەنە لاگېر سىرتىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە زىيارەتتە بولغانلىقى بايان قىلىنغان. گەرچە بۇ بىر خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ۋاقىتلار بولسىمۇ، خىتايدىن قېچىپ چىققان، ئەمما پەرزەنتلىرى خىتايدا قەپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. 

ماقالىدە ئايالى ۋە پەرزەنتى خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خالمۇرات ئىدرىسنىڭ كەچۈرمىشى تىلغا ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئايالىمنىڭ ئاپىسى ئېغىر كېسەل بولغانلىقتىن، ئۇ ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىمىزنى ئېلىپ تۈركىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئىدى. مەن ئايالىمغا نەچچە قېتىم خىتايغا بارماسلىقىنى ئېيتقان بولساممۇ، ئۇ «بىز قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىدۇق، بىزگە ھېچقانداق خەتەر يەتمەيدۇ» دەپ قايتىپ كەتكەن ئىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئايالىمنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتۇلغانلىقى ۋە بىر قانچە كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئايالىم ماڭا ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى، ھازىرچە تۈركىيەگە قايتىپ بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم بىر ئايدىن كېيىن ئايالىم ۋە بالامنىڭ تەڭلا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. »

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن مەزگىللەردە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارغا «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولسا، ئەمدىلىكتە كىچىك بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتىكەن.