Responsive Image

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى  يېزا نوپۇسى تەشكىل قىلماقتا. ئۇيغۇر دېھقانلىرى – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسى قوشۇنى ۋە يىلتىزىدىن ئىبارەت.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە باھا بېرىشتە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ  ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى ئاساسى  ئۆلچەم قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما  ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يىللاردىن بۇيان خۇددى توختام سۇدەك بىر ئىزىدا تۇرۇپ كەلمەكتە  ۋە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يېزا – قىشلاقلىرىدا تېخىچە ئاچ – يالىڭاچلىق ۋە موھتاجلىق ھۆكۈم سۈرۈپ كەلمەكتە.

شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقنىڭ شىددەت بىلەن چوڭىيىشىغا ماس ھالدا، شەھەر  پۇقرالىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىغا  ئىستېمال، تۇرالغۇ، پەن، مەدەنىي – مائارىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات … قاتارلىق تۈرلۈك جەھەتلەردىكى پەرقلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا  ۋە بۇ خىل  پەرق شەرقىي تۈركىستاندا تەبىئىي ھالدا ئىككى قۇتۇپنى شەكىللەندۈرمەكتە.

خۇددى خىتاينىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدا  بىرقانچە ھەسسە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى راست، ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندا ئىدارە – جەمئىيەتلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانىنىڭ  خىتايلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى بىر ئەمەلىيەت.

دېمەك بۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا  ئانچە چوڭ بىر ئۆزگىرىشنىڭ ياكى ئىلگىرىلەشنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ  خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى » دەپ جار سالغان كېيىنكى بىرقانچە يىل مابەينىدە، يېزىلاردا  دېھقانچىلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، يەر – ماكانىنى تاشلاپ  چوڭ شەھەرلەردە يېتىمچى بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر  دېھقانلىرىنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ھادىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى ئۇيغۇر خەلقىگە بىلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ  روناق تاپالماي كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان  ئامىل نېمە؟

ئۇلار ھۆرۈممۇ؟ ياكى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، راستىنىلا دەۋرگە ماس ھالدا زامانىۋى ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلمەمدۇ؟

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بۇ خىل قاراشنى رەت قىلىپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا  يولغا قويغان » 8 – بەش يىللىق پىلانى » مەزگىلىدە، يەنى، 90 – يىلىدىن 95 – يىلىغىچە، ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى ھېسابلانغان ئاشلىق ۋە پاختىنىڭ  يىللىق ئېشىش نىسبىتى 15 پىرسەنتىدىن كۆپرەك بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاران 3. 6 پىرسەنت بولغان، » 9 – بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدە، يەنى 95 – يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى  ئاساسى جەھەتتىن بىر قاتلانغان.

» 10 – بەش يىللىق پىلان » ۋە ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان » 11 – بەش يىللىق پىلان » مەزگىللىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلق ئىگىلىكى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارغان.

ئاتالمىش » چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش پىلانى » يولغا قويۇلغان 2000 – يىلىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا ئاشلىق، پاختا، ياغلىقدان … قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  20 پىرسەنتتىن ئېشىپ بارغان.

ئەمما قىزىق يېرى، پەقەتلا يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 4 پىرسەنتىدىن ئاشمىغان.

ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ كۆپەيمەي بىر ئىزىدا توختاپ قالغانلىقى ۋە ھەتتا تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقى نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟  ئەلۋەتتىكى بۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھالال ھەققىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يەپ كېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق يەپ كېتىلدى؟

بۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلاش مۇمكىن:

بىرىنچىدىن، ئەڭ ئاساسلىقى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى؛

يەنى، دېڭشياۋپىڭ تەشەببۇس قىلغان  بازار ئىگىلىكى  ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمىسى  80 – يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە  ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، خىتاي دېھقانلىرى  بازار ئېھتىياجىغا قاراپ ئەركىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆتكەن ۋە بۇ سەۋەبتىن تەز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا  مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكىگە ئوششاق كېتىدىغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسى گەۋدە قىلغان پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا مەجبۇرى تېڭىپ كەلمەكتە ۋە يەرلىك دېھقانلار، ھۆكۈمەت نېمە تېرىشقا بۇيرۇق قىلسا شۇنى تېرىشقا مەجبۇر قىلىنماقتا، سەۋەبى شۇكى، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ » چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى » دە بايان قىلىنغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئاشلىق، پاختا ۋە خام ئەشيا بازىسى،  خىتاي، نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى، تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئاز بولۇشى  تۈپەيلىدىن، ئاشلىق، پاختا … قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا ئۆز – ئۆزىنى تەمىنلەشتىن ھېلىلا ئۇزاق، شۇڭا بىپايان شەرقىي تۈركىستاننى  ئۆزلىرىنىڭ  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىۋالغان ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەركىن ھالدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاشلىق ۋە پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرلاپ كەلمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھەتتا  دېھقانلارنىڭ سەي – كۆكتات تېرىشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن » زىيۇۋدى » دەپ ئاتالغان ئازغىنە قالدۇق يەرلەرگىمۇ چات كېرىپ كەلمەكتە، بۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا  دېھقانلار تېرىيدىغان يېرى تۇرۇپ، بازارغا بېرىپ كۆك – تات ۋە باشقا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان  كۈلكىلىك ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆز تۇپرىقىغا ئۆزى ياللىنىپ ئىشلەيدىغان يېرىم قۇلغا ئايلاندۇرۇۋالغان.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ باشقا  تىرىكچىلىك يوللىرىغا  يۈزلىنىشى  توسۇپ كېلىنمەكتە؛
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ  پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلىشىنىڭ ۋە باشقا كەسىپلەرگە يۈزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھوسۇل ئالماي تۇرۇپ  ئالدىن قەرزگە بوغۇپ قويۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە، مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا  خىمىيىۋى ئوغۇت، سولى يوپۇق، ماشىنا – تېرەكتۇر، سەلەركە … دېگەندەك ئاساسلىق دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرىنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ ئەسلىھەلەر يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن جازانىخورلۇق بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قەرز ھېسابىدا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭغا  يەنە يەر بېجى، سۇ بېجى … دېگەندەك تۈرلۈك باج – سېلىقلارنى قوشۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخىنى  زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى  ھايۋاندەك بىر يىل ئىشلەپ ئالغان  ھوسۇلىنى   قەرزگە تۇتۇپ بېرىپ، يېگىلى ئېشى يوق، يەنە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قەرزگە ئاشلىق سوراپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ، يىللار ئەنە شۇنداق داۋام قىلىپ ئۆتۈۋېرىدۇ.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى »  2 –  ۋە 3 – خىل كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا – بازار  كارخانىلىرىنى  راۋاجلاندۇرۇش » دەپ  شوئار توۋلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ ۋە رىقابەت  يوللىرى  ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تامامەن  توسۇپ قويۇلغاچقا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان يېزا – بازار كارخانىلىرى سان جەھەتتە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جەھەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن  ئۆز رايونى، ھەتتا ئۆز يېزىسىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق، ئۇلار پەقەتلا دېھقانلارغا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك تىپتىكى كارخانىلار، جۇۋازخانا ۋە ئۇن زاۋۇتلىرىدىن ئىبارەت.

ئۈچىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دېھقانلىرىغا، بولۇپمۇ بىڭتۇەنلىكلەر خىتايلارغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش، يەرلىك دېھقانلارنى خورلاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

ھاكىمىيەت بولسا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئالدىغا بىرلا يول قالدۇرغان،  ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر ئىنساندەك ھايات كەچۈرىمەن دېسە، يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ، كۈدە – كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ باشقا يۇرتلارغا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە يېتىمچىلىككە بېرىشى ياكى قان ياش ئىچىدە بىچارە قىزلىرىنى مەجبۇرى خىتايغا ئىشلەمچىلىككە يولغا سېلىشى لازىم.

ھازىر ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يۈكلىگەن باج – سېلىق ۋە ئالۋان – ياساقنىڭ تۈرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ، يىلىغا ھەر بىر دېھقان ھۆكۈمەتكە ئىككى ئاي ھەقسىز ھاشارغا ئىشلەپ بېرىشى لازىم.

ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دېھقانلىرى بۇ خىل باج ۋە ئالۋان – سېلىقلاردىن خالى ھالدا بەختىيارلىق ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى 2007 – يىلى بىڭتۈەنلىك خىتايلاردىن ئېلىنىدىغان يەر بېجىنى 3 باسقۇچقا بۆلۈپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قارار ئالغان بولۇپ، شۇ يىلى بىڭتۇەننىڭ چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان 25 تۈەن – مەيداننىڭ يەر بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

يەنە كېلىپ بىڭتۇەندە پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى مەۋجۇت ئەمەس، نېمە تېرىغۇسى كەلسە شۇنى تېرىيدۇ، شۇڭا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادى زىرائەتلىرىنى تېرىشنى تامامەن بىڭتۇەن مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، مەسىلەن، پۈتۈن تېرىلغۇلار كۆلۈمنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىدە پاختا تېرىيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پاختا تېرىلغۇلار كۆلىمى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا تېرىلغۇلار كۆلۈمنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

بىڭتۇەننىڭ ئېتىز – ئېرىق، سۇ قۇرۇلۇشى زامانىۋىلاشقان، دېھقانچىلىقى ماشىنىلاشقان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى 85 پىرسەنتتىن يۇقىرى.

دۆلەت بىڭتۇەنگە ياردەم قىلىشقا كەلگەندە ناھايىتى سېخى ۋە مەرد بولۇپ، پەقەت ئۆتكەن يىلىلا بىڭتۇەنلىكلەر دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە ياردەم پۇلى 900 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى » 2008 – يىلى12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، » ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى » دېگەن نەرسىنى ئېلان قىلدى، بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2020 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىغا قارىتا يۈرگۈزمەكچى بولغان سىياسىتى ھەققىدىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بولۇپ، بۇ يېڭى قارار جەمئىي 8 پاراگراف ۋە 36 ماددىدىن تەركىب تاپقان ئىدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەسسىلەپ ئېغىر بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردە شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ئىبارەت بىرخىللا تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت بولغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا كۆپخىل پەرق ۋە تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

مەسىلەن، مىللىي دارامەت، ئىقتىسادى كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرى بىلەن شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى، ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن بىڭتۇەنلىكلەر خىتاي دېھقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ بېرىشىدىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا، » ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى » تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى يېزا ئىسلاھاتى پىلانىدا بۇ پەرق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تۈگىتىش ھەققىدە قانداق كونكرېتنى چارە – تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ؟

ئەگەر بىز ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2020 – يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزمەكچى بولغان يېزا سىياسىتىنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە نوختىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قانداقتۇر » يېڭى سىياسەت » ئەمەس، بەلكى 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كەلگەن تۈپ سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە كۈچەيتىلىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، بۇ پىلاندا نوختىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىقتا ئۆز – ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش بولۇپ،  ھەتتا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى سانلىق ۋەزىپىلەرمۇ ئېنىق قىلىپ بېكىتىلگەن.

مەسىلەن، بۇ پىلانغا ئاساسەن، بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى 22 مىليون مونىڭ ئۈستىگە چىقىرىش، يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 9 مىليون 300 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى 11 مىليون موغا، يىللىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 4 مىليون توننىدىن كۆپىرەككە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش.

يۇقىرىقى پىلان يەرلىكلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىڭتۇەن بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان.
يەنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش.

خىتاي ھاكىمىيىتى 1949 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ۋە بۇ سىياسىتىدىن ھازىرمۇ ۋاز كەچكىنى يوق.

مەسىلەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بازار ۋە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا  قاراپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ھۆكۈمەت نىمىنى تېرىشنى بەلگىلەپ بەرسە شۇنى تېرىشى لازىم.

ئەپسۇسكى، بىڭتۇەنلىكلەر خىتاي دېھقانلىرىغا قارىتا بۇنداق بىر مەجبۇرلاش يوق بولۇپ، ئۇلار بازاردا نېمە بەكرەك پۇل بولسا شۇنى تېرىيدۇ، يەنى ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇڭا قارايدىغان بولسىڭىز ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى، مەسىلەن پاختا، ياغلىقدان، سەي – كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي بىڭتۇەنلىكلەر خىتاي دېھقانلار مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ گەدىنىگە يۈكلەنگىنى بولسا بۇغداي تېرىش، بۇغدىيىنى ئورۇپ بولۇپلا يېرىگە قوناق تېرىش.

ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تېرىلغۇ يەر ئاز، ئەمگەك كۈچى كۆپ بولۇش ۋەزىيىتى ئېغىر بولۇپ، ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقانغا تەخمىنەن بىر مودىنمۇ تېرىلغۇ يەر توغرا كەلمەيدۇ، بىڭتۇەنلىكلەر خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ھەر بىرىگە توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇلار كۆلىمى 50 مونىڭ ئۈستىدە.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا بىر مو يەرگە ئاشلىق تېرىساڭ، يىلدا ئالىدىغان ھوسۇلنىڭ تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە ئاران 500 يۈەن قىممىتىدە.
پاختا تېرىغان دېھقاننىڭ بىر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەن.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىليون 107 مىڭ گېكتاردىن كۆپرەك بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3.49 مو ۋە پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 1.75 ھەسسە كۆپ.

ئەپسۇسكى، تېرىلغۇ يەر كۆلۈمنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدا، ئەمەلىيەتتە بولسا بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 12 – 13 پىرسەنتىنىلا تەشكىل قىلىدۇ.

ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلىرىدا ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقانغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى يېرىم موغىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ رايوندا خىتاينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى » كۆپ، يىلىغا بۇ رايوندىن » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش » دېگەن نىقاب بىلەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنماقتا.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەر ئاز، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىقتىسادى قىممىتى تۆۋەن بولغان ئاشلىق تېرىيسەن،  بىڭتۇەنلىكلەر خىتايلارنىڭ تېرىلغۇ يېرى كۆپ، ئەركىن ھالدا بازاردا پۇل بولىدىغان ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، ئۇنۇڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىقنىڭ ماشىنىلىشىشى، ئېتىز – ئېرىق، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەرق زور.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ھېسابلانغان تارىم دەرياسى ۋە باشقا دەريا، كۆل – ئېقىنلارنىڭ كونتروللۇقىمۇ ئاساسەن بىڭتۇەننىڭ قولىدا، سۇ كەمچىل بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بوزيەر ئېچىش ئىمكانىيىتى يوق.

ئىككى تەرەپنىڭ بۈگۈنكى كىرىمىگە قاراپ باقايلى، مەسىلەن، » تىانشان تورى » نىڭ 2008 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بىڭ تۇاندىكى شەھەرلىك خىتايلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 13 مىڭ 500 يۇاندىن، دېھقانلارنىڭ بولسا 6100 يۇاندىن ئاشقان.

بۈگۈن بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى زامانىۋى، يېقىلغۇسى گاز – كۆمۈر، ئىچىملىك سۇ جەھەتتىمۇ پۈتۈنلەي تۇرۇبلاشقان، ھەممە خىتاي دېھقاننىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى بار .

ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ ؟

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاي – كېسەكتىن سېلىنغان ئىپتىدائىي ئۆيلەردە ياشىماقتا، كۆپىنچىسىنىڭ قالايدىغىنى ئوتۇن – پاسا، ئىچىدىغىنى كۆلنىڭ توختام سۈيى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر ئەمەس، يەنى، قۇرتلاپ كەتكەن كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىدىغان  دېھقانلارنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى يوق، ئەگەر ئاغرىپ قېلىپ بىر ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن كەم بولغاندا 2 – 3 يىل ئىشلىشى لازىم … !

بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا، جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1200 – 1500 يۈەن دەپ كۆرسىتىلمەكتە.

ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ » تۆۋەن كاپالەت پۇلى «، » بەشتە كاپالەت پۇلى «، » نامراتلىق ياردەم پۇلى «، » تەبىئىي ئاپەت ياردەم پۇلى » دېگەندەك ناملاردىكى  » سەدىقە » سىگە تايىنىپ ياشايدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن – يىلغا كۆپىيىشكە باشلىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ، پەقەتلا جەنۇبتىكى ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 3 ۋىلايەتتە ھۆكۈمەتنىڭ » تۆۋەن كاپالەت پۇلى » دەپ ئاتالغان ياردىمىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئادەتتە يىللىق كىرىمى 700 يۈەندىن تۆۋەن بولغان  ئائىلىلەر، » تۆۋەن كاپالەتلىك ئايىلە » دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇراي دېسە يېرى يوق، قىلاي دېسە ئىشى يوق، سودا – سېتىق قىلاي دېسە دەسمايىسى يوق ئاتالمىش » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى » ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېزا – قىشلاقلاردا داغدۇغا بىلەن تارقىتىۋاتقان » تۆۋەن كاپالەت پۇلى » بولسا، يۇغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇرۇتۇلۇشى ياكى ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەتلا  ئاچ – يالىڭاچ قالماسلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن پارچە – پۇرات » سەدىقە » دىن ئىبارەت ئىدى.

مەسىلەن، » ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى » تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يىلىغا يېزا كەنتلەردە نامرات دېھقانلارغا تارقىتىلىدىغان » تۆۋەن كاپالەت سوممىسى » نىڭ ئومۇمى مىقدارى 117 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن » ئاپتونوم رايون » نىڭ يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئارانلا 0.1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى تەرىپىدىن بىر يىلدا نامراتلارغا، » بەشتە كاپالەتلىك » ئائىلىلەرگە،  مېيىپلارغا ۋە تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا  تارقىتىدىغان ئومۇمى ياردەم سوممىسىمۇ پۈتۈن » ئاپتونوم رايون » نىڭ يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئارانلا 2.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چوڭ داۋراڭلار بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا تارقىتىۋاتقان ئاتالمىش » تۆۋەن كاپالەت پۇلى » بولسا، پەقەتلا بۇرۇتتىكى پارچە – پۇرات ئاشتىنلا ئىبارەت، خالاس !

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىزلەرچە سۈمۈرۈش، تالان – تاراج قىلىش سىياسىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.