Responsive Image

«ئۇيغۇر قانۇن مۇھاكىمىسى ئالىي كېڭىشى» يىغىنى كانادادا غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

«ئۇيغۇر قانۇن مۇھاكىمىسى ئالىي كېڭىشى» يىغىنى كانادادا غەلىبىلىك ئاياغلاشتىكانادانىڭ كۈبەك ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر قانۇن مۇھاكىمىسى ئالىي كېڭىشى» يىغىنى خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىلى ئىيۇل، كانادا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر قانۇن مۇھاكىمىسى ئالىي كېڭىشى» ئۆتكۈزۈلگەن. 3-ئىيۇل كۈنىدىن 6-ئىيۇل كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيەدىن كەلگەن قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، ئادۋوكاتلار ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. مەزكۇر يىغىننىڭ ساھىبخانلىرىنىڭ بىرى كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەييارلىق بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر داۋاسىدىكى نۇقتىلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىستراتېگىيە پىلانلانغان.

3 كۈن داۋام قىلغان يىغىن جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى خەلقئارا ئورگانلار قاتلىمىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشنىڭ قانۇنىي تاللاشلىرى، ھەق تەلەپ دەۋاسى، جىنايى ئىشلار دەۋاسى ۋە قاراتمىلىقى بولغان جازا ئارقىلىق خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە شۇنداقلا خىتاينى جازالاش تەدبىرلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى قاتارلىق 4 مۇھىم مەسىلىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا يۇقىرىدىكى بۇ 4 تېما بويىچە 46 ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىنغا ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئورگانلار سەۋىيەسىدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىلغان.

بۇ يىغىن كانادا كۇبەك ئۆلكىسىنىڭ ئالما شەھىرىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىن كانادادىكى پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن. 3-ئىيۇل يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا كۇبەك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، سابىق مىنستىر يېس بلەنشېت (Yves Blanchet) ۋە كۇبەك رايونىنىڭ كانادا پارلامېنتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۇبەك ئۆلكىسى مىنىستىرى، ئالما شەھىرى شەھەر باشلىقى قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان. كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ۋە كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى دىرېكتورى مەمەت توختى، مەزكۇر ئورگاننىڭ پروگرامما باشقۇرغۇچىسى، قېيۇم مەسىموف ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پروگرامما باشقۇرغۇچىسى زۇمرەتئاي ئەركىندىن تەركىب  تاپقان ساھىبخانا ھەيئىتى مېھمانلارنى كۈتۈۋالغان. بۇ يىغىن ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە تۇنجى قېتىملىق قانۇن مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.