Responsive Image

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى 3-ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دىكى يېڭى مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىدى

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى 3-ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دىكى يېڭى مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

27-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز يېڭىدىن ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» ھەققىدە مۇھىم دوكلات بەردى. مەزكۇر «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» بۇ يىل 9-ئايدا كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ئەۋەتىپ بېرىلگەن. نەتىجىدە كوللېگىيە ئەزالىرى بۇ ھۆججەتنىڭ راست-يالغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى تونۇلغان تەتقىقاتچى ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز، جەيمىس مىلۋارد ۋەداۋىد توبىنلارغا ئەۋەتكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر خىتاينىڭ مۇتلەق مەخپىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا 2019-يىلى نامسىز بىر ھۆكۈمەت ئەزاسى تەرىپىدىن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىگە ئەۋەتىپ بېرىلگەن ۋە گېزىتتە «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ ئەينىسى بولۇپ، ئىلگىرى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە تولۇق مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىغان.

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر شى جىنپىڭ ۋە باشقا مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر قانچە مۇھىم سۆزىنى، چېن چۈەنگو ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرىنى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تارىخ، دىن ۋە بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك 3 پارچە ھۆججىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 2014-يىلىغا ئائىت ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى «مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى» دەپ دەرىجىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئادەتتە خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەرىجىلىك ھۆججەتلىرىگە بېرىدىغان دەرىجىسى ئىكەن ۋە ئاشكارىلانغان تەقدىردە «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە ئالاھىدە ئېغىر زىيان سالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىكەن. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «ئەڭ مەخپىي» بايانلىرى ئاساسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئاممىغا ئاشكارىلانغان تۇنجى ئۆرنىكى ئىكەن. ئادرىيان زېنز بۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق شى جىنپىڭ ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە يەرلىكتە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەر ئارىسىدىكى زىچ باغلىنىشنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تەتقىقاتلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى يولغا قويۇلغان كېيىنكى سىياسەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بىز بۇرۇن بىلگەندىنمۇ بەك كەڭ، تەپسىلىي ۋە مۇھىم. بۇ ماتېرىيال شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مەركىزى ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ 2014-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق بايانلىرى ۋە تەلەپلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭدا كەڭ كۆلەمدە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولاش، ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش، خىتاي نوپۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق نوپۇسنى ‹ئەلالاشتۇرۇش›، دىنىي پائالىيەتلەرنى جىنايىيلاشتۈرۈش، يۈزمىڭلىغان خىتاي ئەمەلدارلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ‹تۇغقان›بولغۇزۇش، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىش ۋە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپنى يولغا قويۇش ۋە ساقچى ۋە نازارەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇيرۇق قىلىنغان».

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە 2014-يىلى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتكە دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەرلىك قانۇن نىزامى تۈزۈشكە ھوقۇق بەرگەن بولۇپ، نەتىجىدە «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» 2017-يىلى 4-ئايدا يولغا قويۇلغان ۋە بۇ كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا قاماشقا ئاساس يارىتىپ بەرگەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئەينى چاغدا ھۆججەتكە ئائىت خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ «تۇتقۇن قىلىنىشقا تېگىشلىكلەر چوقۇم تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك» دېگەن گېپىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنە شۇ ئوخشاش ھۆججەتتە شى جىنپىڭنىڭ «كېسىلىشكە تېگىشلىكلەر چوقۇم كېسىلىشى، جازالىنىشقا تېگىشلىكلەر چوقۇم جازالىنىشى كېرەك» دېگەن گېپىنى ئاشكارىلىمىغان. ئادىرىيان زېنز بۇنىڭغا چۈشەنچە بەرگەندە نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋە خىتايدىكى مۇخبىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلىدىكى ھۆججەتتە شى جىنپىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇقنى «كۈچلۈك مەست قىلىش دورىسى» غا ئوخشاتقان ۋە «ئەگەر ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى يوقىتىلمىسا، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش كۆپىيىدۇ» دېگەن. دەل مۇشۇ پەيتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلار يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ۋاقىت ئىكەن.

بۇ ھۆججەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەش ھەققىدە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە تەلىملىرى ئورۇن ئالغان بولۇپ، شى جىنپىڭ مەخپىي نۇتقىدا «نوپۇس نىسبىتى ۋە نوپۇس بىخەتەرلىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىم ئاساسى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ھۆججەتلەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېغىر مونوپوللۇق ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، نوپۇسنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش لازىملىقى ھەققىدىكى سۆزلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

ئادرىيان زېنز يىغىندىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلگەن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش، نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن دېيەلەيمىز».

ئادرىيان زېنز يىغىندىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە ھۆججەتتىكى قايتا تەربىيە لاگېرلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەمگەكچىلەرنى مەجبۇرىي يۆتكەش، خىتاي تىلى مائارىپى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى يول-يورۇقلارنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ خۇلاسە سۆزىدە «يېڭى ئىسپاتلار بىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ رايوندا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ ھەرگىزمۇ يەرلىك سىياسەت ۋە ۋاقىتلىق سىياسەتلەر بولماستىن بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. . .» دېدى.

ئادرىيان زېنز ئسىپات ئاڭلاش يىغىنىدىكى سۆزىنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان يۇقىرىدىكىدەك سىياسەتلىرىنى خىتاي چۈشى، بىر بەلۋاغ-بىر يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىتاينى قۇدرەتلىك دۆلەت ھالىغا ئەپ كېلىشتەك غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى، دەپ قارىغانلىقتىن قاچان شۇ غايىلىرى ئىشقا ئاشمىغۇچە بۇ ۋەھشىيلىكلىرىنىمۇ توختاتماي داۋام قىلىدىغانلىقىنى» نى ئەسكەرتىش بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

3-نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاخىرىدا دوكتور ئادرىيان زېنز، جەيمىس مىلۋارد ۋە داۋىد توبىنلار يۇقىرىدىكى بۇ ھۆججەت ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە تەرجىمىسى ئاساسىدىكى تولۇق دوكلات 29-نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئادرىيان زېنز تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى ۋە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى تور بېتىگە قويۇلدى. بۇ يېڭى ئىسپاتلار خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىمۇ كەڭ ئورۇن ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.