Responsive Image

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ بىلىنكىنگە يازغان خېتىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ بىلىنكىنگە يازغان خېتىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردىخىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنغا خەت يازغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، تىم كەين، جېف مېركلېي ۋە مارشا بىلاكبۇرن. 2024-يىلى يانۋار.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، تىم كەين، جېف مېركلېي ۋە مارشا بىلاكبۇرن قاتارلىقلار 17-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنغا خەت ئەۋەتكەن ئىدى.

ئۇلار خېتىدە، ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» يىغىنىدا بىلىنكىننىڭ مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئىلھام توختى، گۈلشەن ئابباس ۋە مەمەت ئابدۇللا قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا ئامېرىكادىكى مەمەتجان جۈمە، بەھرام سىنتاش ۋە ئادالەت سابىتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىۋېتىلگەن دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ سىڭلىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خېتىدە يەنە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھېلىھەم لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە رايوندىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئانتونىي بىلىنكىنگە يازغان خېتىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە يول قويۇلغان تەقدىردە خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خەتتە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئانتونىي بىلىنكىنگە يازغان خېتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەت ئارقىلىق ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەپتۇ. بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا كۈچىشىمىز كېرەك.»

ئانتونىي بىلىنكىنگە يېزىلغان خەتتە ئىسمى تېلغا ئېلىنغان ئادالەت سابىت خانىمنىڭ يولدىشى ئابلىمىت ئابلىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتنى يىغىۋېلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئالتە يىلدىن بىرى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئايالى ۋە قىزى بىلەن جەم بولۇشنى كۈتمەكتە. ئادالەت سابىت بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى؛ ئۆزىنىڭ بۇ خەتتىن بەكمۇ ئۈمىدلەنگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن چوڭ بىر مەدەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» بۇ يىل 1-ئاينىڭ 23- ۋە 24-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىدىكەن.