Responsive Image

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى 1945-يىلى موسكۋانىڭ مىللىي ئىنقىلابچىلار بىلەن خىتاي ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى 1945-يىلى موسكۋانىڭ مىللىي ئىنقىلابچىلار بىلەن خىتاي ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18– ئىيۇل

يېقىندا ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى تارىخىغا ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ  1945-يىلى، 15-سېنتەبىر كۈنىدىكى «شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە» ماۋزۇلۇق بىر پارچە مەخپىي قارارىنىڭ ئەسلى رۇسچە كوپىيىسى بىلەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئورۇن ئالدى.

بۇ قارار 1945-يىلى، 9-ئايدا جىڭ ۋە شىخونى ئازاد قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مىلى ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشىنىڭ سىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە: «سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ھەم شىنجاڭ ھەققىدىكى باشقا بىر قاتار كېلىشىملەر ۋە ئالماشتۇرۇلغان نوتىلارغا ئاساسەن شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلار بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇشنى زىممىسىگە ئالىدۇ» دەپ ئېيتىلغان.بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى پېتروۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتتە ۋاسىتىچى بولۇشقا رازى بولغانلىق باياناتىنى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گېن نەيگۈئەنگە تاپشۇرۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مەركىزى كومىتېت، پېتروۋ خىتاي تەرەپكە تاپشۇرىدىغان مەزكۇر باياناتنىڭ تېكىستىنى تەييارلاپ بەرگەن. بۇنىڭدا «ئۆزلىرىنى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرغان كىشىلەرنىڭ غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلىدىن  رۇسلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئاھالىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش مەقسىتى يوقلۇقى، شىنجاڭنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە ئاپتونومىيىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى» ۋە باشقىلار يېزىلغان.

ئاخىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز چېگرالىرىدا يېنىدا تەرتىپ ئورنىتىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر خىتاي تەرەپ خالىسا غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلىغا ئۇنىڭ خىتاي تەرەپكە  ھەمكارلىق كۆرسىتىشىنى تاپشۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر قارار مولوتوۋ، بېرىيا، ۋىشېنسكىي، كوبۇلوۋ قاتارلىق سوۋېت ئالىي رەھبەرلىرىگە يوللاپ بېرىلگەن . ئەمما، بۇ قارار غۇلجىدىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئىدى.

تارىخىي شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانا شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ ئۆزى ياردەم بېرىۋاتقان مىللىي ئارمىيىنى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئەلىخان تۆرە قاتارلىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستىغان. بۇ قاراردىن بىر ئاي كېيىن، 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ 15- 17- كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئىككى تەرەپ سۆھبىتى باشلانغان.