Responsive Image

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  31-ئاۋغۇست

بۈگۈن، يەنى 30-ئاۋغۇست كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

مەزكۇر باياناتتا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلغان خۇلاسە دوكلاتى تىلغا ئېلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۆزگەرتىشى كېرەك» دېيىلگەن.

30-ئاۋغۇست كۈنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» دېگەن ناملاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا ۋاقىت چېكى يوق قامىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆز باياناتىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى لىسا تاسسى خانىمنىڭ سۆزىگە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، لىسا خانىم سۆزىدە «ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سىستېمىلىق تەقىب ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى يورۇتۇپ بەردى،» دېگەن.

لىسا خانىم سۆزىدە خەلقئارا جامائەتكە چاقىرىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان.