Responsive Image

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى تەبرىكلەيمىز

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

بۈگۈن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ  61 – يىللىق خاتىرە كۈنى.

دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشىغان ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان ئەسىر مىللەتلەر ئۈچۈن 10 – دېكابىر ئىنتايىن زور تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈندىن ئىبارەت !

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن ئەپەندىمنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن قىلغان تېلېۋىزىيە نۇتقىدا دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنى مىللىي كەمسىتىشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغانلىقى، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مىللىي كەمسىتىشكە، ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالاھىدە مەمنۇن قىلدى !

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، كېيىنكى 4 – 5 ئاي مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقى ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن يۈز قارىسى ھېسابلانغان  ئېغىر تراگېدىيە ۋە كۈلپەتلەرنى بەشىدىن كەچۈردى.

مۇشۇ قىسقىغىنە بىرقانچە ئاي ئىچىدە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىندى، ھەقنى سۆزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ تىلى كېسىلدى، خىتاينىڭ جىنايىتىگە شاھىت بولغان ئۇيغۇرنىڭ كۆزى ئويۇلدى، ئەركىن دۇنيانىڭ تاۋۇشىنى تىڭشىغان ئۇيغۇرنىڭ قۇلىقى كېسىلدى …

ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا خىتاينىڭ شاۋگۈئەن شەھىرىدە باشلىنىپ ئۈرۈمچىگە سوزۇلغان ئىرقىي ھۇجۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ھازىرمۇ ھەم داۋام قىلماقتا، تېخى بىرقانچە كۈن بۇرۇنلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ يەنە كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقماقتا، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر بىلەن تولۇپ – تاشتى !

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن تۇل – يېتىم قالغان سانسىزلىغان ئانا – بالىلارنىڭ يىغا-زارى ۋە ئاھ –پەريادلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرمەكتە !

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىي، مائارىپ، دىنىي، قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ھەق – ھوقۇقلىرى ھېچ بىر زامان بۈگۈنكىدەك ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلمىگەن ۋە ئاياق – ئاستى قىلىنىشقا ئۇچراپ باقمىغان ئىدى !

دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلانغان  ۋە ئەسىر مىللەتلەر بىر – بىرلەپ ئەركىن دۇنيا ئەللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان بۈگۈنكى گىلوبال دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق تەقدىر، ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ !

خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىنسانى قەدىر – قىممەتلەرنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەسىر مىللەتلەرگە قارىتا سەپى ئۆزىدىن بىر ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە، < boldi, bes ! > دەيدىغان پەيتى كېلىپ ئاشتى !
مىللىي مەۋجۇتلۇقى جىددىي خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل ئۆكتەملىكى ۋە زوراۋانلىقىغا قارىتا ئۈنۈملۈك ۋە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە !

ئەسىرلەردىن بۇيان ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلارغا تەشنا بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسىنىڭ روھىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ – پۇچقىقىدا ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلىيلەشتى، شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنىڭ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق بىر بايرام كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىشىنى ھەممىدىن بەكرەك ئارزۇ ۋە ئۈمىد قىلىدۇ !

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى