Responsive Image

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  20-سىنتەبىر

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى رەڭدارلاشتۇرۇش» پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە خىتاي تىلى، يەنى «پۇتوڭخۇانى» سۆزلەش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش تەشەببۇسلىرىمۇ قوشماقتا.

يېقىندا ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنى تاشلاپ، خىتايچە مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى، يەنى يېزا، ناھىيە ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەردە خىتايچە ھۆسنخەت يېزىش، خىتايچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە خىتايچە ئۇسۇللارنى ئويناش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئاتالمىش «رەڭدارلىشىش» قا قاراپ يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «پۇتوڭخۇانى»، يەنى خىتاي ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە تەپەككۇر قىلىشقا زورلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئاقسۇ خەۋەر تورىدىكى ماقالە ۋە خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى رەڭدارلاشتۇرۇش» پائالىيىتىدە، ئۇيغۇرلار بەلدۇمباق ئۇسۇلى، خىتايچە كىيىم كۆرگەزمىسى، جاڭ ۋە دۇمباق، ياڭگېر ئۇسۇلى قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسىتىشكە شۇنداقلا خىتاي تىلىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشقا ۋە نۇتۇق سۆزلەشكە تەشكىللەنگەن.

دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا شۇكى، خىتاي ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قوش تىلى مائارىپى ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن بولسا، يېقىندىن بۇيان «دۆلەت تىلى» ئاتالغۇسىنى قوللىنىشنى باشلىغان. ئاقسۇ خەۋەر تورىدا بولسا خىتايچە سۆز بولغان «پۇتۇڭخۇا» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى رەڭدارلاشتۇرۇش» پائالىيىتىدىكى مەزمۇنلار ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسى ياكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە زىت نۇقتىلار ئىكەن. بۇ پائالىيەتلەردە ھېچقاچان ئۇيغۇر كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىنىڭ شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىنمايدىكەن ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ھەم مىللىي كىملىك روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرى ئىپادىلەنمەيدىكەن.