Responsive Image

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىلىرى ۋە ئۇنۇڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە

دۇق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى

مانجۇلارنىڭ 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 – يىلى دوكتور سۇن جۇڭسەن باشلامچىلىقىدا مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، » خىتاي جۇمھۇرىيىتى » نى قۇردى.
گەرچە سۇن جۇڭسەن جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى  ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى.

خۇددى سۇن جۇڭسەن ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن ۋە بۇ ۋەدىلىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، 1949 – يىلى » خىتاي جۇمھۇرىيىتى » نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى » نى قۇرغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا ۋەدىسىدىن يېنىپ، 49 – يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان رايونىنى مەجبۇرى ئىشغال قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى  » شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دېگەن نامدا  ئىسمى بار، جىسمى يوق قورچاق بىر ئاپتونوم ھۆكۈمەتنى قۇردى  ۋە بۇ ئاتالمىش » ئاپتونوم رايون » نىڭ ئىچىدە يەنە 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 6 ئاپتونوم ناھىيە ۋە 42 ئاپتونوم يېزا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى مەمۇرى شەكلى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۈنى ئۇسۇلدا قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان مەمۇرى شەكىلدىن ئىبارەت.

مىللەتلەر مەسىلىسى، خىتايدىكى ئەڭ نېگىزلىك ۋە نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە يىللاردىن بۇيان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى  ئاساسەن  تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايونلاردىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، يەنى، شۇ رايوننىڭ يەرلىك خەلقى بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بارماقتا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، بۇ خىل ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار، يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي  مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى  ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرىنى ئاشۇرۇپ بارماقتا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى  خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل دەپ قارىماقتا ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن ئازسانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى  ئىككى خىلغا  ئايرىپ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا قاتتىق، باشقا ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ، » ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسى » ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ئەمەلىيەتتە بولسا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىبەت، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مىللىي رايونلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان  سىياسىتى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنى ئەمەس، بەلكى چوڭ خىتايچىلىق نەزەرىيىسىنى ئاساسى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان.

ئۇنداقتا، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى نېمە ؟  ئۇنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى – مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز  تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن ئىبارەت، بۇ ئىككى پرىنسىپ، ماركسىزم ۋە لېنىنىزم پەلسەپىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ئىزاھات بەرگەندە، » مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى  – مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، مىللىي ئەكىسپىلاتاسىيەنىڭ تەل – تۆكۈس ئىپادىسى، بىزنىڭ ئەڭ  مۇھىم ئاساسىي يېتەكچى ئىدىيەرىمىز – ئەكىسپىلاتاسىيە قىلىنغۇچى مىللەت بىلەن ئەكىسپىلاتاسىيە قىلغۇچى مىللەتلەرنى  بىر – بىرىدىن ئايرىشتىن ئىبارەت  » دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى.

نۆۋەتتىكى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسى، ئەينى چاغدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تاشقى موڭغۇلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن مانجۇ ئىمپېراتورلىرىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن ئىبارەت، بۇ تېررىتورىيە، مانجۇلارنىڭ خىتاي، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە شۇلارغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ دۆلىتىنى ۋە زېمىنىنى تاجاۋۇز قىلىپ ئىگىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ھازىرقى خىتاي مىللىتىمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرگە ئوخشاشلا مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەت ھېسابلىناتتى، ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنى ماركسىزم، لىنىنىزىمچىلار دەپ قارىسا، 49 – يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ ئۇستازلىرى ماركىس، ئىنگلىز ۋە لېنىنلارنىڭ  مىللەتلەر ھەققىدىكى يۇقىرىقى نەزەرىيىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن تېررىتورىيىسىنى بىكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش  ۋە  ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم ئىدى.

ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرى  مىللەتلەر مەسىلىسىدە ماركسىزمنىڭ يولىنى ئەمەس، بەلكى  مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ يولىنى تاللىدى  ۋە  ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئاسىيلىقىنى، » ماركسىزم، لەيلەتمەك ئىدىيىسىنى، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈش » دېگەن چىرايلىق  سۆز بىلەن ئاقلاشقا تىرىشىپ كەلدى.

ئۇنداقتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى قانداق شەكىللەندى  ؟  ئۇ قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى ؟  نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتى نېمىلەردىن ئىبارەت ؟

ئەگەر بىز، 1921 – يىلى قۇرۇلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ  مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ  ئومۇمىي تەرەققىيات  ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 3 چوڭ ئۆزگىرىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا ئۆتكىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ، خاراكتېر جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر ھالغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ  مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تۇنجى باسقۇچى، 1921 – يىلىدىن، 49 – يىلىغىچە، ئىككىنچى باسقۇچى،  49 – يىلىدىن  80 – يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، ئۈچىنچى باسقۇچ بولسا، 80 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تۇنجى باسقۇچتا، يەنى پارتىيە قۇرۇلغان 21 – يىلىدىن، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 49 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە قاراتقان يېتەكچى ئىدىيىسىگە قارايدىغان بولساق، بۇ مەزگىل ئىچىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى ھېسابلانغان مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەن پرىنسىپقا  ئېغىزىدا بولسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەل قىلغانلىقى  ۋە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىسى ھېسابلىغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە رايونلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پارتىيە پروگراممىسىغا كىرگۈزگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

مەسىلەن، جاڭ پىڭ ئەپەندىنىڭ » مىللەتلەر تەتقىقاتى » ژۇرنىلىنىڭ 86 – يىللىق 4 – سانىدا ئېلان قىلىنغان، » جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر پروگراممىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى » ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،1922- يىلى 7- ئايدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 2- نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتابنامىسىنىڭ 4 – ۋە 5 – ماددىلىرىدا، «موڭغۇلىيە ، شىزاڭ ، شىنجاڭ قاتارلىق 3 رايوندا ئاپتونومىيە ئىجرا قىلىندۇ ۋە دېموكراتىك مىللىي فېۋرال جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلىدۇ؛ ئەركىن فېۋرال تۈزۈمى ئارقىلىق ( ئەگەر موڭغۇلىيە، شىزاڭ ۋە شىنجاڭ خالىسا )‚ بۇ فېۋرال دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو بىرلەشتۈرۈلىدۇ ، موڭغۇلىيە، شىزاڭ ۋە شىنجاڭلاردا جۇڭخۇا فېۋرال دۆلەتلىرى بەرپا قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەنى مەزكۇر خىتابنامىدە، خىتاي بىلەن موڭغۇلىيە ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تەڭ ئورۇنغا قۇيۇلغان، ھوقۇقتا تەڭ دەرىجىلىك بۇ 4 دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر سېسىتما تۇرغۇزۇش تەشەببۇس قىلىنغان.
يەنە، » مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار گېزىتى » نىڭ 89 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان، » مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ، بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە نەزەرىيىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى » ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە،1928 – يىلى 7 – ئايدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا يەنە ، » جۇڭگونى بىرلەشتۈرۈش ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش» دېگەن شوئار قايتا تەكىتلەنگەن.

يەنە جاڭ پىڭ ئەپەندىنىڭ » جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر پروگراممىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى » ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 1931 – يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان، » جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇن پروگراممىسى «دا ،»جۇڭگو سوۋېت ھاكىمىيىتى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە بۇ خىل ئېتىراپ قىلىشنى تاكى ھەرقايسى ئاجىز مىللەتلەر جۇڭگودىن ئايرىلىپ ئۆزلىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ » دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە يەنە،1935 – يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى ماۋزېدۇڭ، » ئىچكى موڭغۇل خەلقىگە قارىتىلغان خىتابنامە » نى ئېلان قېلىپ، «باشقا ئاجىز كىچىك مىللەتلەرنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئىچكى موڭغۇل خەلقىنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، بىزنىڭچە، ئىچكى موڭغۇل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئىچكى مەسىلىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، … ئۇلار باشقا مىللەتلەر بىلەن فېدېراتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىش تاكى پۈتۈنلەي بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقىغا» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ماھىيەت جەھەتتە بۇ، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە رايونلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى تۇپراق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغانلىقى ھېسابلىناتتى.

1936 -يىلى 8 – ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنى ۋە ئاجىز كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ۋە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دەپ يەنە بىر قېتىم جاكارلىغان.

ئەمما، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە تەسىرى زورايغانسېرى، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى  پوزىتسىيىسىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان.

1947 – يىلى يەنئەندە چاقىرغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، ئەسلىدىكى تەلەپپۇزىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ئەمما يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى تۈسىنى ئالغان فېدېراتىپ سىستېمىدىن ۋاز كەچمىگەن، 1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى تەل – تۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى » نى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا، يەنى، 49 – يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى » يىغىنىدا، ئىلگىرى  ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن تامامەن يېنىۋېلىپ، فېۋرال تۈسنى ئالغان جۇمھۇرىيەت قۇرمايدىغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا پەقەتلا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىشقىلا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى مانا مۇشۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، بىلىنمىگەن سەۋەبلەردىن قازاغا ئۇچراپ ۋاپات بولغان ئىدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى » نى ئېلان قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، يەنى، 49 – يىلى 9 – ئاينىڭ  29 – كۈنى، خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنى چاقىرىپ، بۇ يىغىندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇن تۈسىنى ئالغان، » جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈپ نىزامى » نى ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ۋەكىللىرى قاتناشمىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېلان قىلىنغان نىزامنىڭ  51 – ماددىسىدا، » ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇشى كېرەك، مىللەتلەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە ياكى تېررىتورىيىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان  جايلار ۋە  مىللىي ئاپتونوم رايونلاردىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە ۋەكىلى بولۇشى كېرەك » دەپ كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا، يۇقىرىقى نىزامنىڭ 52 – ماددىسىدا يەنە، » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  چېگراسى ئىچىدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر، دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ھەربىي تۈزۈمىگە ئاساسەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىدۇ  ھەم يەرلىك خەلق ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ » دەپ كۆرسىتىلگەن.

گەرچە بۇ نىزامدا، كەلگۈسىدە تەسىس قىلىنىدىغان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، خىتاي كومپارتىيىسى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان » ئاپتونوم رايون » دىن باشقا ھېچبىر تەكلىپ ياكى شەرتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇقچە ئىپادە قىلغان ئىدى.

گەرچە ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدا » مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىش » ھەققىدىكى بۇ قارار، ئاتالمىش » مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى » دا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ مەسلىھەتكە تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشمىغان، خىتاي كومپارتىيىسىمۇ ئۇلاردىن ھېچبىر مەسلىھەت ياكى پىكىر ئالمىغان، ھەتتا » ئاپتونوم رايون » دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەققىدە قىلچە ئىزاھاتمۇ بەرمىگەن ئىدى.
ئەمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، دەلىلقان، ئىسھاقبېكلەر  باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى  مۇشۇ قېتىمقى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى غۇلجىدىن ئايرىلغان ۋە شۇ ئاينىڭ 28 – كۈنى  سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر ئايروپىلان  ۋەقەسىدە قازا تاپقان ئىدى، گەرچە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، يەنى 49 – يىلى 9 – ئاينىڭ 25 – ۋە 26 – كۈنلىرى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى تاۋسىيۈ ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدىلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى گومىنداڭ مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېقىقى  قانۇنلۇق ۋەكىللىرى ئەمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى 3 ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئىدى.

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندا، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تېخى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىمىغان بولۇپ، تىبەت مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان بولسا يېرىم مۇستەملىكە ھالەتتە، يەنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسمى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا، يەنە بىر قىسمى گومىنداڭ ۋەكىللىكىدىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى.

ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىلگىرى ئازسانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى ھېسابلانغان » مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش » دېگەن پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋارىسلىرى ھېسابلانغان گومىنداڭ قىسىملىرىنى بۇ رايوندىن چېكىندۈرۈپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تارقىتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇشى لازىم ئىدى.

ئەمما، خىتاي كوممۇنىستلىرى  ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋېلىپلا، شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئىشغال قىلىشقا ئالدىراپ كەتتى، خىتاي كوممۇنىستلىرى، ئۆزلىرىگە تەسلىم بولغان بۇرھان شەھىدى بىلەن گېنېرال تەۋسىيىنىڭ ئەسلى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 10 كۈن ئۆتمەي، يەنى 49 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى  خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ۋە 50 – يىلى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن  ئىشغال قىلىپ بولدى.

خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنى تاماملاپ بىرقانچە ئايدىن كېيىنلا، يەنى 50 – يىلى 3 – ئايدا بىر رازۋېدكا قىسمىنى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق تىبەت رايونىغا مەخپىي ئەۋەتىپ، شەپە چىقارمايلا تىبەتنىڭ  شىمالىدىكى رىتۇزوڭ ناھىيىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى.

گەرچە تىبەت ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، خىتاينىڭ بۇ رازۋېدكا ئەترىتى تىبەتتىن چېكىنمەي، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تىبەتنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشغال قىلىشىغا ماسلىشىپ بېرىش ئۈچۈن پەيت كۈتۈپ يېتىۋالدى.

خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چېغىدا، ئەمەتجان قاسىملارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىگە ئايلانغان سەيپىدىن ئەزىزىنى » دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش » دېگەن باھانە بىلەن بېيجىڭغا ئاپىرىۋېلىپ، تېخى قايتۇرمىغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قورچاق ۋەكىلى بۇرھان شەھىدىنى يەنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، ۋە بۇرۇنقى مۇستەملىكىچى  گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ  گېنېرالى تاۋسىيۈنى  ئىشغالىيەتچى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنىڭ  روشەن ئىپادىسى ئىدى.

1921 – يىلى قۇرۇلغىنىدىن تارتىپ تاكى 40 – يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنى  خىتاي مىللىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىپ ئەزگەن ئىمپېرىيالىستىك كۈچ دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ  خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشىنى قوللايدىغانلىقىنى  تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىمپىرىيالىزىمغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن، 360 گرادۇس بۇرۇلۇش ياساپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پېشۋاسى ۋە كوممۇنىستىك خىتاي دۆلىتىنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى جۇ ئەنلەي، 1957 – يىلى 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى  خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە : » ئازسانلىق مىللەتلەر، خەنزۇلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن خەنزۇلارغا بولغان تەسىرىدە ياخشى تەرەپلىرىمۇ بولغان، مەسىلەن، مانجۇلار  پەقەتلا نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئەمما ئۇ قۇرغان چىڭ سۇلالىسى جۇڭگوغا 200 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ، ئۇلارنىڭ بىڭسى بار مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ خەرىتىسىنىڭ بۇنچىۋالا كەڭ بولۇشىمۇ، ئەنە شۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مىراسىدىن ئىبارەت، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نوپۇسى كۆپ، ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بۇنىڭدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆھپىسى بار، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنىڭمۇ خەلقىمىزگە پايدىسى بار … » دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

49 – يىلى   خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئىچىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان رايون – تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەتجان قاسىم باشچىلىقىدىكى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ ئىككى رايوندا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى تەز سۈرەتتە راۋان ئىجرا قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭلىق قىلىۋاتقان  ئاساسلىق ئامىللار ئىدى، چۈنكى خىتاي كوممۇنىستلىرى  شۇ رايون خەلقلىرىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بۇ ئىككى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ  » ئاپتونومىيە » نى  قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇنداقلا  خىتاي كومپارتىيىسى كەلگۈسىدە بۇ ئىككى رايوندا قۇرۇلىدىغان  ئاتالمىش » ئاپتونوم رايون » لارنىڭمۇ بۇ ئىككى يەرلىك ھۆكۈمەت ئاساسىدا قۇرۇلۇشىنى خالىمايتتى، چۈنكى ئۇلارنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى  ھېس قىلغان ئىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىدە قۇرماقچى بولغان » ئاپتونوم رايون » نى، ئاساسلىق رەھبەرلىرى  مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىگەن، مەركىزى ھۆكۈمەتكە شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان، ئارتۇقچە ھەق – ھوقۇق تەلەپ قىلمايدىغان ۋە سالاھىيىتى خىتاينىڭ ئادەتتىكى ئۆلكىلىرىدىن ھالقىپ كەتمىگەن بىر » ئاپتونوم رايون » شەكلىدىن ئىبارەت ئىدى.

شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردا دەرھال » ئاپتونوم رايون » قۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئالدى بىلەن،  كۆزگە قادالغان مىخ دەپ قارالغان تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى يوقىتىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈتكىنىدەك  ئىتائەتمەن بىر » ئاپتونوم رايون » نىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىش ئېھتىمال بولغان مىللىي كۈچلەرنى تازىلاشقا  كىرىشتى.

شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەينى چاغدا، 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى  ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ تۇيۇقسىز » قازا » قىلىشى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشىنى زور دەرىجىدە قۇلايلاشتۇرغان  بولسىمۇ، ئەمما، 30 نەچچە مىڭ كىشىلىك 3 ۋىلايەت ئارمىيىسى  ۋە 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئەتراپىغا توپلانغان مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن زور تەھدىت ئىدى. گەرچە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى  49 – يىلى 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىلى رايونىغا يېقىن يولىيالمىغان ئىدى، چۈنكى،3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى  خىتاي قىسىملىرىنىڭ شىمالى رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەپ قويغان ئىدى.

كوممۇنىست خىتاينىڭ تۇنجى دۆلەت رەئىسى ماۋزېدۇڭ، 1949 – يىلى 12 – ئايدا،  غەربى شىمالدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدە  قول ئاستىدىكىلەرگە بەرگەن يوليورۇقىدا، » سىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭلار كېرەككى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل  ھەل قىلىش ئۈچۈن، مىللىي ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنى  تەل – تۆكۈس يېتىم قالدۇرۇش كېرەك، ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان زور بىر تۈركۈم پارتىيىلىك كادىر بولماي تۇرۇپ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس » دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يەردە » مىللىي ئەكسىل ئىنقىلاپچىلار » دېگىنى، دەل 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ساھەلەردىكى مىللىي كۈچلەر ئىدى، ماۋزېدۇڭنىڭ، » مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش » دېگىنى، تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق مىللىي رايونلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۈش  ۋە بۇ رايون خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق قارىشىنى تامامەن يوقىتىپ، ئۇلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نورمال گىراجدانىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ماۋزېدۇڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن يەنە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئاساسلىق مىللىي كۈچ ھېسابلانغان 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن، » ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى » دېگەن نامدا  يەرلىكلەردىن ئۆزلىرىگە سادىق يېڭى بىر كۈچ تەشكىللەپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى  ۋە كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان » ئاپتونوم رايون » نى مانا شۇ  » ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيىۋىلىك كادىرلار » نى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغانلىقى  ئوچۇقچە كۆرۈلمەكتە.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 49 – يىلى 10 – ئايدىن، تاكى » ئاپتونوم رايون » قۇرۇلغىچە بولغان  55 – يىلى 10 – ئايغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە  شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن بىر قاتار سىياسەتلىرى، ئۇلارنىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ يۇقىرىقى يوليورۇقىغا پاراللېل ھالدا پىلانلىق ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جان دۈشمىنى ھېسابلانغان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، قايتىدىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا بېسىم ۋە تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، 50 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مىللىي ئارمىيىنى مەجبۇرى ھالدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 -–كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىۋالدى ۋە ئارىدىن 10 كۈن ئۆتمەي، يەنى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى  خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىغا بېسىپ كىردى، بۇنىڭ بىلەن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى تولۇق تاماملانغان بولدى.

1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش » شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » قۇرۇلغانغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي كۈچلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك  كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇپ يوقۇتۇلغان ياكى تۈرمىلەرگە يىغىۋېلىنغان ئىدى.
ئاتالمىش » ئاپتونوم رايون » قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان، بۇ جەرياندىمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارغا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سان – ساناقسىز ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەدىلىرىنىڭ ھېچ بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يوق، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك مەقسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك قۇرۇق ۋەدىلەر ۋە قەسەملەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزىنى باغلاشقا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، خىتاينىڭ » مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » ئېلىپ ئېيتساق، بۇ قانۇننىڭ ھەر بىر ماددىلىرىمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىپ چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن تولغان ئىدى.

» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن، 1984 – يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، خىتاينىڭ 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان بولۇپ، شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.

جەمئىي 67 ماددىدىن تەركىب تاپقان بۇ قانۇننىڭ ھەر بىر ماددىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا بېرىلگەن ئىنتايىن چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنۇڭدا يەرلىك خەلق سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدىنى – مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىنىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەمۇرى جەھەتتە تامامەن ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى … ۋاھا – كازالار يەر ئالغان.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، » ئاپتونومىيە » دېگەن بۇ سۆزنىڭ تۈپ مەنىسى، » ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىش » دېگەنلىكتىن ئىبارەت، بۇ خىل ئىدارە قىلىش، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ، قانۇنىي، ۋە باشقا كۆپ جەھەتلەردىكى ئىچكى ھەق – ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان » مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىلىپ، » مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە – ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى نامايان قىلىش » دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇ ماددىنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئاپتونوم ئورگانلارنىڭ مەمۇرى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى، خىتايلارنى ئەزىز، يەرلىكلەرنى ھور كۆرمەسلىكى لازىم ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى مەنزىرە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا » ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى » دىن تارتىپ، ھەرقايسى نازارەت، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، ھەتتا كەنتلەرنىڭ ئاساسلىق مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا، بۇلا ئەمەس، ھەتتا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشلىرى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىمۇ تامامەن كومپارتىيىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، يۇقىرىقى ئورگانلارنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ بىر مەسىلىدە قارار بېرىش ھوقۇقى يوق.

ئەمما رېئاللىققا قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ چىرايلىق قانۇنلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئىجرا قىلىنماي پەقەتلا قەغەز يۈزىدە ساقلىنىپ قالغانلىقى، ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىددىي ئاتسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت !

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى