Responsive Image

خىتايدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلىق تېرىسانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى (5)

خىتايدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلىق تېرىسانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى (5)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«كومپارتىيەنى قورقۇتقىنى ئۇيغۇرلاردىكى ئېتىقاد، چۈنكى ئېتىقادى بولغان كىشى كومپارتىيەگە ئىشەنمەيدۇ»

30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم سۆھبىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان كىشىلىرىنى لاگېرلارغا قاماش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەندە ئۆتكەن 9 يىللىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلاردىكى ئېتىقاد ۋە ئادىمىيلىكنىڭ ئۆرنەكلىرى بولغان تەسىرلىك ھىمايىلەرنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدى. سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا تېرىسا خانىم ئۆز كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە «خىتاي كومپارتىيەسىنى قورقۇتۇۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ 1000 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇستەھكەم ئىسلام دىنىي ئېتىقاد ئەن-ئەنىسى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى» ئىكەن.

بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىدە ھېچقانداق دىنىي ئېتىقاد تەربىيەسى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن تېرىسا بوكزاكى خانىم، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مۇستەھكەم دىنىي ئېتىقاد ۋە ئادىمىيلىكنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئاشۇ خىل مۇستەھكەم دىنىي ئېتىقاد قارىشى ۋە مىللىي كىملىكنىڭ كوممۇنىزمنى ئېتىقاد دەپ بىلىدىغان خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن تەھدىت دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تېرىسا خانىم مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئېتىقادى بار كىشىلەرنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېتىقادتىن قورقىدۇ. ئۇلار كاتولىك مۇخلىسلىرىدىن، خرىستىئان مۇخلىسلىرىدىن، مۇسۇلمانلاردىن، فالۈنگوڭ مۇرىتلىرىدىن قورقىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلاردا ئېتىقاد بولغىنى ئۈچۈن. چۈنكى، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، يەر ئاستى خرىستىيان مۇرىتلىرى بولسۇن، ياكى فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى بولسۇن ئۇلار كوممۇنىزىمغا ئىشەنمەيدۇ، كومپارتىيەگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئەمما بۇ دۆلەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كومپارتىيە كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆزلىرىگىلا ئىشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئېتىقادى بولغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە كومپارتىيەگە ئىشەنمەيدۇ. مانا بۇ مەسىلىنىڭ ھالقىلىق يېرى. مەن بۇنى ئەينى چاغدىلا ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم. كومپارتىيە ئېتىقادى بولغان كىشىلەردىن بەك قورقىدۇ».

تېرىسا خىتاي كومپارتىيەسى كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ 1000 يىللاردىن ئاشقان ئىسلامىي دىنىي ئېتىقاد ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىغا 1000 يىللاردىن ئاشقان مىللەتلەر. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك تارىختا ھېچقانداق خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى باشقۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا كاشىلا قىلغان ئەمەس. چۈنكى’، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى يوق ئىدى. ئۇلار ناھايىتى تىنچ ئىناق ھالدا ئۇ جايلاردا ياشايتتى. كېيىنكى چاغلاردىكى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭخۇئا مىنگو دۆلىتىمۇ يەرلىكتىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئارىلاشمىغان ئىدى. پەقەت كومپارتىيە دەۋرىدىلا بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى پەيدا بولدى».

تېرىسا خانىم يەنە 1970-يىللاردا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇرغان مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، ئەينى چاغلاردىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنى چېقىش، ماۋ زېدوڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادلاش قاتارلىق تەشۋىقاتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەزگىللەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايلار تېخى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئارىلىشىپ ياشايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئەركىن ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلدى: «40-50 يىل ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆز ماكانىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن بەكمۇ جىق ئالاقىسى يوق ئىدى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا شۇنداق ئىدى. ئۇيغۇرلار خەلق كوممۇناسىدا توپلىشىپ ياشايتتى. ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھازىرقىدىن بىرئاز ياخشى دېيىشكە بولاتتى. مەن ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقىت، 1967-يىلدىن 1976-يىلغا قەدەر بولغان 9 يىل ۋاقىت، يەنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەۋرى ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ھازىرقىدەك بۇنداق ناچار ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇلار تەشۋىقاتقا تايىناتتى. ماۋ زېدوڭ ئۈزۈندىلىرىنى تارقىتاتتى. گەرچە مەسچىتلەرنى چېقىش ھەرىكەتلىرى بولسىمۇ لېكىن ھازىرقىدەك ھالەتكە يەتمىگەن. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغىمۇ ماۋ زېدوڭ ئۈزۈندىلىرى تارقىتىلاتتى. ئەمما ئۇلار ئۈزۈندە ۋاراقلىرىنى يىرتىۋېلىپ موخوركا يۆگەپ چېكىشكە ئىشلىتەتتى. ئۇ چاغلاردا خىتايلار كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا يەرلەشتۈرۈلمىگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن خىتايلار نوپۇسىنى كۆپەيگەن، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئازايغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس، ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامايدىغان ۋەزىيەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى».

تېرىسا خانىم يەنە بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قامىغان «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەينى يىللىرى، مارالبېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە ئۆزى كۆرگەن «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» نىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمما ھازىر پەرىزىمچە ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالدى، مېنىڭچە بۇ جايلار مەن بىلىدىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىش لاگېرلىرىدىن كۆپ پەرقى يوق جايلار. بۇ ئىشلار40 يىل ئىلگىرى ئەمەس بەلكى بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتىدۇ،» دېدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا تېرىسا خانىم يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى خۇلاسىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياۋايىلارچە يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كومپارتىيەنىڭ بۇ قىلمىشى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىمۇ يۈز بەرمىگەن ئىدى. ھەتتا ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسپانىيەدىكى كاتولىك مۇرىتلىرى مۇسۇلمانلارنى كاتولىك دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ياكى كاتولىك ئېتىقادىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلارنىڭ ئىسپانىيەدىن كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ ئىنسانىيلىق بار ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جايلارغا يۆتكىلىپ ياشاش ياكى ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكى بار ئىدى. ئەمما ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىگەن ئىدى. مېنىڭچە بۇ خىل باستۇرۇشنى ياۋايىلىق ئارقىلىق مەدەنىيەتنى باستۇرۇش ياكى مەدەنىيەتنى ياۋايىلارچە يوقىتىش دەپ ئىزاھلاش مۇمكىن. مەدەنىيەت دېگەن نېمە؟ مەدەنىيەت دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ تىنچلىقتا بىللە ياشىيالىشىدۇر. ئەنە شۇندىلا مەدەنىيەت بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما ھازىر بۇ يەردە كىشىلەر تىنچلىقتا بىللە تۇرالمىدى. بۇ جايدا ھازىر گۇناھسىز كىشىلەر قامىلىۋاتىدۇ، خارلىنىۋاتىدۇ ھەتتا يوقىتىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ياۋايىلارچە ۋاسىتە ئارقىلىق مەدەنىيەتكە مۇئامىلە قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇلار مېنىڭ ھازىر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئەھۋاللارغا بولغان ئومۇمىي قارىشىم».