Responsive Image

خىتاينى ئاقلىغان قازاق زىيالىيسى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاينى ئاقلىغان قازاق زىيالىيسى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 27– ئىيۇن

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان قازاقىستانلىق تەتقىقاتچى دۇكەن مەسۇمخانئوغلى يېقىندا رۇسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ پاسپورت، يېشىل كارتىلىرىنى يىغىۋېلىشىغا بەزى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ دىنىي رادىكال گۇرۇھلارغا قاتناشقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇكەن مەسىمخانئوغلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ، سۈرىيەدىكى دىنىي رادىكال قوراللىق گۇرۇھلارغا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ پاسپورت ۋە قازاقىستان يېشىل كارتىنى يىغىۋالغان.

بىراق دۇكەن مەسىمخانئوغلىنىڭ يۇقىرىقى سۆزى قازاقىستان ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغاپ، ئورالمانلارنىڭ يەنى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاق پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بەزى قازاق زىيالىيلار مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، دۇكەننىڭ بۇ ئۇچۇرنى نەدىن ئالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى، قازاقىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ دۇكەننىڭ كىم ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

دۈشەنبە كۈنى قازاقىستاندا ئولتۇرۇشلۇق زىيالىي دۆلەتبېك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ قازاقىستان قانۇن ئورگانلىرىنى دۇكەننىڭ سۆزلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەتبېك مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئاخباراتنىڭ نېگىزى خاتا بولۇپ قالدى. بىزنىڭ قازاقىستان قانۇن، ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا، دىنىي رادىكال گۇرۇھلارغا قاتناشقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر مەلۇماتى يوق. بىزمۇ بۇنى تەلەپ قىلىپ باققىنىمىز يوق. ئۇنىڭ بۇ ئاخباراتنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. بۇ ئاخباراتنى سىز قەيەردىن ئالدىڭىز، كىمدىن ئالدىڭىز، دېگەن سوئاللار قويۇلۇۋاتىدۇ. باشقىلار قازاقىستان باش تەپتىش ئەمەلدارىغا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دۇكەن مەسىمقانئوغلى بۇ ئۇچۇرنى قەيەردىن ئالدى، بۇ ئۇچۇر راست بولسا راستىنى ئېيتىڭلار، يالغان بولسا يالغان دەڭلار، دەپ ئەرز قىلدى. ئەگەر بۇ ئۇچۇر يالغان بولسا، ئۇنى يالغان ئاخبارات تاراتقانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىڭلار، دەپ قازاقىستان ئاخباراتىدا ئېلان قىلىندى».

دۇكەن مەسىمقانئوغلى ئەسلى ئىلىدىن بولۇپ، 1980‏-يىللاردا خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قازاق تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. دۇكەن 1990‏‏-يىللاردا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان. ھازىر، قازاقىستان ياۋرو -ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئاتقۇرۇۋاتقان دۇكەن، 3-4 يىل ئاۋۋال ش ھ ت نىڭ «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇ 22‏-ئىيۇن رۇسىيە 1‏-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ماۋۇ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. يەنى شىنجاڭدىن كەلگەن قازاق ئاغىنىلەر، ئۇيغۇرلار قازاقىستانغا كېلىپ، يېشىل كارتا ئالغاندىن كېيىن ياشلار سۈرىيەگە بېرىپ، جىھاد ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇلار قازاقىستاننى ئۆتكۈنچى بېكەت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان، ئۇ يەردىن شەرقىي تۈركىستان گۇرۇھلىرىغا قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان. بىزنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كېلىشىمى بار. شۇڭا، خىتاي ئوتتۇرىدا قازاقىستانغا بېرىپ كېلىپ تۇرغانلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالدى».

قازاقىستان خىتاينىڭ ش ھ ت ۋە ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ستېراتىگىيەسىدىكى مۇھىم شېرىكى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى قازاقىستاندىكى ئورالمانلارنىڭ ، يەنى چەتئەللەردىن قازاقىستانغا يەرلەشكەن قازاقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بەزى قازاق پائالىيەتچىلەر ئالماتادا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بەزى قازاق ۋەكىللەر يېقىندا ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا قازاق قۇرۇلتىيىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. قۇرۇلتايدا پرېزىدېنت نازاربايېف ئىپادە بىلدۈرۈپ، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۆلەتبېكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ پاسپورت ۋە يېشىل كارتىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، پاسپورت ۋە يېشىل كارتىسى يىغىۋېلىنغان بەزى قازاق ئورالمانلىرىنىڭ قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەتبېك: «مەن بۇنى تولۇق بىلىمەن. ئۇياققا بېرىپ-كېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ قولىغا يېشىل كارتىسى ۋە پاسپورتى قايتۇرۇپ بېرىلدى. ئۇلار قازاقىستانغا قايتىپ كەلدى. ھازىرچە ھېچكىم توختىتىپ قويۇلغىنى ياكى تۇتۇپ قېلىنغىنى يوق. بىر مەزگىل شۇنداق جېدەللەر بولدى. ھازىر ھەممىسى نورماللىشىپ بۇرۇنقى ئەھۋالغا قايتىپ كەلدى. پاسپورت، يېشىل كارتىلارنى يىغىۋېلىش قانۇن بىلەن بولغان ئەمەس. ئىككى دۆلەت ھوقۇق ئورگانلىرى بۇرۇنقى شەرت بويىچە شىنجاڭدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يېشىل كارتا ياكى ۋەتەنداشلىق ئالغانلارغا ھېچقانداق بېسىم يوق».

دۆلەتبېكنىڭ قارىشىچە، قازاق پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت، يېشىل كارتىسىنى يىغىۋېلىش يەرلىك دائىرىلەر چىقارغان سىياسەت بولۇپ، بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئەمەسكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزچە بۇ بېيجىڭنىڭ سىياسىتى ئەمەس. بېيجىڭ خەلقئارا قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىراق بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيەسى ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقى بارغۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ئۇسۇلى بار. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ شىنجاڭنى باشقۇرۇشقا كەلگەن بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشى، دەپ ئېيتىلىۋاتىدۇ. يەنى بۇ شىنجاڭنى باشقۇرۇۋاتقان بىر ئادەمنىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ يەككە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يولغا قويۇۋالغان سىياسىتى بولغاچقا بۇ تۈزىتىلدى، دەپ ئەل-يۇرت خۇشال بولۇۋاتىدۇ».

بىز دۈشەنبە كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىگە تېلېفون قىلىپ، قازاقلارنىڭ پاسپورت ۋە يېشىل كارتىلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، ساقچىلار سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. جېمىنەي ناھىيەسىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ خىتاي باشلىقى، سوئالىمىز بولسا جېمىنەيگە كېلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «سەن زىيارەت قىلماقچىمۇ، سەن زىيارەت قىلماقچى بولساڭ بۇ يەرگە كەلگىن. كىم پاسپورتنى يىغىۋالدى، دەيدۇ. سەن يىغىۋالغانلىقىنى كۆرگەنمىدىڭ. سەن يىغىۋالدى، دېسەڭ يىغىۋالغان بولامدۇ. زىيارەت قىلماقچى بولساڭ، مۇخبىرلىق كىنىشكاڭنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىشىڭ كېرەك» دېدى.