Responsive Image

خىتاينىڭ ب د ت ئارقىلىق ئۆكتىچى زاتلارنى چەكلىمەكچى بولۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ ب د ت ئارقىلىق ئۆكتىچى زاتلارنى چەكلىمەكچى بولۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 6– سىنتەبىر

«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۈگۈن «خەلقئارا تەشەببۇسنىڭ بەدەللىرى» سەرلەۋھىلىك زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش رولىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە 5-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كېننېس روس «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان خىتاي ھەققىدىكى تەنقىدنى قوپاللىق بىلەن جىمىقتۇرۇش مەقسىتىدە ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە» دەپ ئالاھىدە كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى تۇرۇقلۇق ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقراۋى جەمئىيەتتە ب د ت نىڭ ھەق ۋە ھوقۇق سىستېمىسىغا خىلاپ قىلمىشلارنى كۆپلەپ سادىر قىلىشتا «ئۈلگە» بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئارقىلىق چەتئەللەردىكى مۇستەقىل پائالىيەتچىلەرنى قانداق پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئەمەلىي مىساللىرى قاتارىدا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا ۋە تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ كۆپ قېتىملاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ب د ت يىغىنلىرىدىن چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.

بىز بۇ ھەقتە «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ئىشخانىسىغا بىرنەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدۇق. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىن تولىمۇ راھەتسىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىياسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.