Responsive Image

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ساندانى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلاپ بەرگەن

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ساندانى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلاپ بەرگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكادىكى «ئىنتېرسېپت» ناملىق ئاخبارات ئورنى 29-يانۋار خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت ۋە كونتروللىقىغا ئائىت بىر زور ساقچى ساندانى (سانلىق مەلۇمات ئامبىرى) نى ئاشكارلىدى. مەلۇم بولۇشىىچە، 52 گېگابايتلىق بۇ ساقچى ساندانى 250 مىليون قۇرغا يېقىن ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن. «ئىنتېرسېپت» بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، ئۆزىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئۇچۇرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت ۋە كونترول مېخانىزىمىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىپ ئېرىشكەن ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەركىتىگە ئائىت زور ھەجىملىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ئاشكارلىنىش ۋەقەسى، دەپ قارىماقتا.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 52 گېگابايتلىق بۇ سانداندىكى ئۇچۇرلارنى خىتاينىڭ «تور تازىلاش قاراۋۇلى»، «ئاممىۋى بىخەتەرلىك يۇمتالى»، «دەلىل-ئىسپات توپلاش يۇمتالى» قاتارلىق ئون نەچچە خىل يۇمتال، شۇنىڭدەك تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسى قاتارلىق ھەر خىل قاناللار يىغقان بولۇپ، بۇ قاناللار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ساقلايدىغان ۋە شۇلار ئىشلىتىدىغان مەزكۇر ساندانغا ئۇلاغلىق ئىكەن.

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، بۇ ساندان ساقچىلارنىڭ پۇقرالار توغرىسىدىكى ئىستىخبارات ماتېرىيالى، مەھەللە ساقچىلىرىنىڭ دوكلاتى، ئۈرۈمچىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ھەركىتى، نىشانلىق توپلارنىڭ تېلېفون، تور، پۇل-مۇئامىلە ئەھۋالىنى تەقىبلەشكە ئائىت تەپسىلىي بايانلار، دائىرىلەرنىڭ توپلانغان ئۇچۇرلارنى قانداق تەھلىل قىلىدىغانلىقى ۋە پىسشىقلاپ ئىشلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ساقچى ۋە كىشىلەر يوللىغان قوشۇمچە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، ئاپتوماتىكلاشقان ساقچى يۇمتالىنى ئىشلىنىڭ ئۈندىدارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى شەخس ۋە توپلارنى قانداق تەكشۈرىدىغانلىقىغا ئائىت تەپسىلىي دېتاللار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ساندان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسىنىڭ رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانداق بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك بىر تونۇش شەكىللەندۇرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ سانداننىڭ خىتاينىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ئالاقىدار قانچىلىق سانلىق مەلۇمات توپلىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق كارتىنا سىزىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلقارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى سوفىيە رىچاردسون 2-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پەۋقۇلئاددە تەتقىقات پارچىسى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك سانلىق مەلۇمات توپلىغانلىقى، ساقلاۋاتقانلىقى، بۇنى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ، بۇنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى. سىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن يىلى بىزمۇ شىنجاڭ دائىلىرىنىڭ ‹بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى› نى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان ئىدۇق. لېكىن ‹ئىنتېرسېپت› نىڭ دوكلاتى بىزگە كىشىلىك ھەق ھوقۇق رەت قىلىنغان، شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغدىيالمايدىغان بىر مۇھىت ئىچىدىكى كىشىلەرنى تەقىبلەشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئېچىپ بەردى.»

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇسۇلمانلار ئۈرۈمچى نۇپۇسىنىڭ ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلمىسىمۇ، بىراق مەزكۇر ساندان ساقچىنىڭ مۇسۇلمانلارنى قارا-قويۇق نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناس، كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلېر 2-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تىلغا ئالدى.

دەررىن بايلېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ساندان رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قارا-قويۇق نىشانغا ئېلىنغانلىقىدىكى بىر نۇقتىنى ئېچىپ بەردى. بۇ ساندان رايوننىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھرىگە ئائىت. مۇسۇلمانلار ئۈرۈمچى شەھرىدە ئاز سانلىق، ئۇلار ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ 29 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ سانلىق مەلۇماتتىكى 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۇچۇر مۇسۇلمانلارغا ئائىت. بىز بۇيەردە كۆپ سانلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەمەس، ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نىشان قىلىنىشىدەك بىر تەرەپلىمىلىكنى كۆرەلەيمىز.»

«ئىنتېرسېپت» نىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، بۇ سانداندا يەنە خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۇرۇش» ھەركىتى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي بايانلار يەر ئالغان ئىكەن. دوكلاتتا سانداندىكى ھۆججەتلەر سالامەتلىك تەكشۈرۈشى رايوندىكى ساقچى نازارەت سىستېمىسىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ تۇتقۇننى باشلاشنىڭ ئالدىدا «ئومۇمىييۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۇرۇش» ھەركىتى باشلاپ، «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نامىدا پۇقرالارنىڭ كۆز، چىراي، ئاۋاز، DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىغان.

دوكلاتتا ئېيتىشىچە، مەزكۇر سانداندىكى ھۆججەتلەردە قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ «قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى» دا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇ ئورۇنلارنىڭ تازىلىق ئەھۋالى نارازىلىققا سەۋەب بولغانلىقى، ساقچىغا بىئومېترىك ۋە بىئوگرافىيەلىك ئۇچۇرىنى تاپشۇرمىغان پۇقرالارنىڭ دوكلات قىلىنغانلىقى، ئۇلارغا يۈزتۇرانە خىزمەت ئىشلەنگەنلىكى، بەزىدە تەنقىد قىلىنغانلىقى، بەزى دوكلاتلاردا بۇ تەكشۈرۈشنىڭ كۆچمەنلەرگە، «مىللىي تىلدا سۆزلىشىدىغانلار» غا قارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىكەن.

دەررېن بايلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆججەتلەردىكى مەلۇماتلار «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ساقچى نازارەت سىستېمىسىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆججەتلەردە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى توغرىسىدا بىر قانچە يەردە توختالغان. ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلسە، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن چوقۇم ئۆتۈشى، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ ‹بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى› غا ئۇلاغلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھالبۇكى، ‹بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى› بولسا ساقچى نازارەت مۇنبىرىدۇر. ئېنىقكى، ئاتالمىش ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ ساقچى نازارەت سىستېمىسىغا ئۇلاغلۇق بولۇشى بىر-بىرىنى تۇتمايدۇ. دېمەك، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى نازارەت سىستېمىسىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكى ئېنىق.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر كىشىگە رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىسىز ھېچقانداق بىر شەخسىي مەخپىيەتلىك قالمىغاندەك چۈشەنچە بەرگەن. سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دىدى: «ئېنىقكى، دائىرىلەر بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قالمىغان، بەلكى كىشىلەر ئۆزى ھەققىدىكى توپلانغان ئۇچۇرلارنىمۇ بىلمىگەن. سىز كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز بەزى قارارلارنى بېرىسىز. مەسىلەن، ئۆيىڭىزدە ناماز ئوقۇيسىز ياكى زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىسىز. بۇ كىشىدە دۆلەتنىڭ خەۋىرىسىز ھېچقانداق بىر شەخسىي خائىش قالماپتۇ، دېگەن چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ. دائىرىلەر بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى قارار قىلىدۇ. دىمەك، بۇنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتى بار.»

سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ساندان نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان تىپىك مىسال ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ناھايىتى ياخشى سۇئال بولدى، بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇمكىن بولغان ئەڭ كۈچلۈك شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئەڭ تىپىك مىسال. خىتاي، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونى بىزگە پۇقرالار ئەركىنلىكى بولمىسا، شەخسىي مەخپىيەتلىك بولمىسا، قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر دەرسلىك مىسالى. بۇ پەۋقۇلئاددە بىر مىسال.»

مەزكۇر سانداندىكى دىققەت قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا، دائىرىلەرنىڭ گۇمان ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسىخولوگىيەسىنى باھالىشىغا دائىر ھۆججەتلەردۇر. بۇ خىل باھالاش بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. ساقچى ۋە كادىرلارنىڭ نازارىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىملاردا، گۇمان ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئەھۋالى، مۇراسىمدىكى ئىپادىسىگە باھا بېرىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، سانداندىكى بۇ ھۆججەتلەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدىغان ساقچى ۋە مەھەللە كومىتېتى خادىملىرىنىڭ كىملەرنى «قايتا تەربىيەلەش لاگىرى» غا ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ساندان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىغان مەزگىلدە ئاشكارلاندى.