Responsive Image

ياپونىيە پايتەختى توكيودا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى باشلاندى

ياپونىيە پايتەختى توكيودا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى باشلاندىياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى، 2023-يىلى 29-ئۆكتەبىر، توكيو

ياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى.

ئېچىلىش سۆزى ئالدى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە تەدبىر ئېلىش كېڭىشى (JPCHC) نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى خىروفۇمى شىمىمۇرا (Hirofumi Shimomura) ئەپەندىنىڭ نۇتۇقى بىلەن باشلاندى.

ياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى، 2023-يىلى 29-ئۆكتەبىر، توكيو

ياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى، 2023-يىلى 29-ئۆكتەبىر، توكيو

خىروفۇمى شىمومۇرا ئەپەندى سۆزىدە ياپونىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم دېموكرات دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىغا جىددىي رەۋىشتە دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا ئىگە بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە تارتىشمىلىرىغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى، گەرچە ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان بىرەر قارار ئالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنكاس بىلدۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قارشى ئېلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ياپونىيەدە ئېچىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى تۈرلۈك جىددىي تەقەززا ۋە نىشاننى كۆزلەپ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان 6 يىلدىن بۇيان، دۇنيادىكى 10 دەك دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ھالبۇكى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غەرب دۆلەتلىرىدۇر. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختاتقىنى يوق، دۇنيامۇ بۇ جەھەتتە خىتاينى بۇ قىرغىنچىلىقتىن توسىدىغان ئەمەلىي بىر تەدبىر ئالغىنى يوق. شۇنداق بولغاچقا، بىز بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۆتۈرۈپ چىقىش، غەربتىلا ئەمەس، بەلكى ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم دېموكراتىك دۆلەت بولغان ياپونىيەدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش، شۇ ئارقىلىق ھەم غەرب ۋە شەرقنى، ھەم ياۋروپا-ئامېرىكا ۋە ئاسىيانى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى نىشان قىلدۇق.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە بۇ قېتىم ياپونىيەدە ئېچىلىۋاتقان بۇ يىغىننىڭ خېلى بۇرۇنلا خىتايغا نىسبەتەن كۈچلۈك بىر بېسىم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە قاناللار ئارقىلىق ياپونىيە تەرەپكە بېسىم قىلغانلىقىنى؛ بۇ يىغىنغا قاتناشماقچى بولغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا، بولۇپمۇ شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئايرىم شەكىلدە خەت-ئالاقە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن توسماقچى بولغانلىقىنى؛ ئەمما خىتاينىڭ قانداق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ يىغىننىڭ ئۆز قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى، 2023-يىلى 29-ئۆكتەبىر، توكيو

ياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى، 2023-يىلى 29-ئۆكتەبىر، توكيو

ئارىلىقتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندىشىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئارىيە ئېيتىلدى. دۇتار-تەمبۇرنىڭ مۇڭلۇق تەڭكىشىدە ئېيتىلغان ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ كۈي-نەغمىلىرى پۈتۈن زالدىكىلەرنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ مىسلىسىز گۈزەل كۈيىنى نامايان قىلدى.

ياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئارفىيە ئېرى (ئەرفىيە ئېلى) سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 29-ئۆكتەبىر، توكيو

ياپونىيە ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن توكيودىكى مېتروپولىتان مېھمانخانىسىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئارفىيە ئېرى (ئەرفىيە ئېلى) سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 29-ئۆكتەبىر، توكيو

ئاخىرىدا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ياش ئەزاسى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئايال سىياسىيون ئارفىيە ئېرى (ئەرفىيە ئېلى) نەق مەيدان سۆھبىتىنىڭ قىممەتلىك مېھمىنى سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىغا ئەزا بولۇپ سايلىنىشىدىكى جاپالىق سىياسىي مۇساپىسى، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۆزىنىڭ ھەم ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھەم بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئويلىغانلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەسىرلىك نۇتۇقى بىلەن ئاڭلاتتى. ئاخىرىدا ئۇ، تۇتقۇندىكى شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لاگېردا تۇرۇپ يازغان «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىنى ھەم ئۇيغۇرچە ھەم ئىنگلىزچە دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن نۇتۇقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل مەيداننى لەرزىگە كەلتۈردى.

توكيودا ئېچىلىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن نەق مەيدان خەۋەر بەردۇق. مەزكۇر يىغىننىڭ ئەتە، يەنى 10ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا داۋام قىلىدىغان تۇنجى كۈنىدىكى مۇھاكىمىلىرى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.