Responsive Image

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– ئىيۇن

سوتسىيال دېموكراتلار، يېشىللار، ياۋروپا خەلق پارتىيەسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 14 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى غايىسى ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كۈتكەن نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئوچۇق خەتتە قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىئالوگلاردا، قەرەللىك ۋە سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
مەزكۇر ئوچۇق خەت 1‏-ئىيۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مەركىزى بىريۇسسېلدا باشلىنىدىغان 19‏-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىپ دىققەت قوزغىدى.

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوچۇق خېتىدە قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 1995‏-يىلى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى باشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىدە ئاشكارا قارشىلىشىش ئورنىغا مۇزاكىرە يولىنى تاللىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مۇزاكىرىلەر پەقەت خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەجرىبە توپلاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدچىلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قەيت قېلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوچۇق خېتى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قېلىشتەك بىر رېئاللىقنى ئېچىپ بەرگەن.
ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەخىمە مەخمۇت خانىم، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇقنى سودا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويسا، كىشىلىك ھوقۇقنى پايدا-زىيان مەسىلىسىگە ئايلاندۇرسا ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنىڭچە، مۇشۇ سودا جەھەتتىن ۋە باشقا جەھەتلەردىن بىر ئىش بولسا، بۇلارنىڭ پايدا-زىيىنىغا تەسىر قىلىدىغان بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقسا، مەن بۇنى سەل ئۈنۈملۈك بولامدىكىن، دەيمەن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار، تىبەتتىكى، موڭغۇلىيەدىكى دېگەندەك، ئىچكى موڭغۇلدا بولۇۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار بار، نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. لېكىن بۇنى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق كونكرېت ۋە چوڭ رەۋىشتە خىتاينى قاتتىق چۈچۈتىدىغان ياكى مۇنداق نېمە قىلىدىغان بىر ئۇسۇل قوللانمايۋاتىدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى ئوچۇق خېتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار بىخەتەرلىك كومىسسارى ماگرىنىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان خىتاي سەپىرىدە، خىتاي بىلەن سۈرىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئافغانىستان سودا، يەر شارى ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىققا نۇقتىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بەرگەن سىياسىي مەھبۇسلار تىزىملىكىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، تىزىملىكتىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى توختۇتۇپ قويغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىقتىسادى ئامىل ۋە ھەمكارلىق ياۋروپا ئىتىتپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل بولۇپ قالغان.

دېلىئۇيس مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا شۇ تەسىرنى، يەنى ئۇ خىتاينىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلاشقۇچىسى، ئامېرىكىدىنمۇ ئىشەنچلىك ھەمكارلاشقۇچىسى، دېگەن تەسىرنى بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى بىلەن ئىختىلاپى بار. خىتاي بۇ كوزۇرنى ئويناپ، ئۆزىنى ئىقتىسادى مۇقىملىق ساقلايدىغان، بولۇپمۇ يەر شارى ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە سودىسىدا مۇقىملىقنى ساقلايدىغان ئامىل، دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆزىنى يەر شارى ھاۋا كلىماتىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلاشقۇچى، ئىشەنچلىك شېرىك دەپ تەقدىم قىلىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال.»

ئۇلرىخ دېلىئۇس يەنە، بۇ ئەھۋال ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىققىتىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قوزغاشنى قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، بىزدە شۇ تەسىراتنى پەيدا قىلدى، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن خىتاي بۇرۇنقىدەك دۈشمەن، دەپ قارىلىدىغان دۆلەت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىقتىساد-سودىغا تەسىر قىلالايدۇ. ھازىر ئۇ خەلقئارا سىياسەت ۋە ئىقتىساد-سودىدىكى شېرىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ھەرىكەتلىرىمىزگە بەك يامان تەسىر قىلىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى‏-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 2015‏-يىلدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى تۇسىك 18‏-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنى بۇلتۇر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەندە، كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق دىئالوگ خىتاينىڭ ئارقىغا سۆرىشى نەتىجىسىدە ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىدى.

رەخىمە خانىمنىڭ قارىشىچە، مەيلى قانداق بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر. ئۇ، بۇنىڭ ھېچ بولمىسا خىتايغا بىر خىل بېسىم پەيدا قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەخىمە مەخمۇت مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى ئاخىرىدا بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ-بولمامدۇ، بۇ ئىككىنچى گەپ. ھېچ بولمىسا خىتايدا ئۇلارنىڭ بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرى باركەن، دەيدىغان بىر ئۇقۇمنىڭ بولۇشىنىڭ ئۆزى مۇھىم نەرسە دەپ ئويلايمەن. ھېچ نەتىجىسى بولمىدى، دەپ ئۈمىدسىزلىنىپ، بىراقلا يوقىلىپ كەتسە، ئاۋازىمىز بىراقلاپ يوقايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىزگە قارايدىغان، نازارەت قىلىدىغان ئادەم يوقكەن، دەپ بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ، ھېلىمىغۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ چاغدا تېخىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوچۇق خېتىدە يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا سوئال قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بېيجىڭغا تۇتقان يۇمشاق مۇئامىلە ئۇنىڭ دىپلوماتىيەدىكى ئاشقۇنلۇقىنى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى يوقىتىشى ۋە ۋە ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئاسانلاشتۇردىمۇ-يوق دېگەن زور سوئالنى سورىشى كېرەك»