Responsive Image

ياۋروپادا 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىقى داۋاملاشماقتا

ياۋروپادا 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىقى داۋاملاشماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  12-ئاپرىل

4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە گېرمانىيە، فىرانسىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى 10 غا يېقىن دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاۋاز قوشۇپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتىكەن. ھازىر يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تەشۋىقاتلىرى جىددىي داۋاملاشماقتا ئىكەن.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى گېرمانىيەدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەندە، 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن نامايىشقا بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەشۋىقاتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈرلۈك سىن ۋە ئۈن فىلىملىرى بىلەن ئېلىپ بېرىپ شۆھرەت قازانغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زەينۇرە خانىم، ئۆزىنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گوللاندىيەدىكى «5000 كىشىلىك نامايىش تەييارلىق كومىتېتى» نىڭ ئەزاسى زەينىدىن ئەپەندىمۇ گوللاندىيەدىكى تەشۋىقاتنىڭ ھەمدە تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى، شىۋېتسىيەدىكى نامايىش تەشۋىقاتى ھەمدە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ياۋروپادىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە «10 مىڭ كىشىلىك نامسىز مەھبۇسلار» تىزىملىكىنى توپلاۋاتقان بولۇپ، بۇ خىزمەتكىمۇ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېقىندىن ھەمكارلاشماقتا ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈردى.