Responsive Image

52 ئۇيغۇر تەشكىلاتى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان

52 ئۇيغۇر تەشكىلاتى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان

52 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان.

8-دېكابىر كۈنى مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق باشچىلىقىدىكى 52 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە ھەمدە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا چاقىرىقتا مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان: «سەئۇدى ئەرەبىستانىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋابكار ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلىشلىرى كېرەك. بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا سۈكۈتلىرىنى جىددىي رەۋىشتە بۇزۇشى لازىم. ئىسلام قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ئۇلارنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتى.»

بىرلەشمە چاقىرىقتا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە قارشى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، دىنىي چەكلىمىلەر، مەسچىت-مەدرىسلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، دىنىي تەلىم-تەربىيەلەرنىڭ مەنئىي قىلىنىشى ۋە باشقا دىنىي زۇلۇملار بىرمۇ-بىر ساناپ ئۆتۈلگەن. مەزكۇر چاقىرىقنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن زىچ ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئىسلامغا جەڭ ئېلان قىلغان، دىننىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ ھامىيسى چاغلاۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇشىنىڭ جىنايەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چاقىرىقتىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 3 كۈنلۈك سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى مەزگىلىدە بىرقانچە چوڭ يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەن ۋە 30 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. چاقىرىقتا بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دا ئالدىنقى ئايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا خىتاي تەرەپتە تۇرغانلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەگەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا داۋاملىق كۆز يۇمسا ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىش يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسەتمىسە، مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ ئورتاق ئىسلامىي قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشلىق بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئىنسانلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.