Responsive Image

«ئۇيغۇر سوتى» دىن بىر يىل ئۆتكەندە: پۇرسەتلەر ۋە خىرىسلار

«ئۇيغۇر سوتى» دىن بىر يىل ئۆتكەندە: پۇرسەتلەر ۋە خىرىسلارد ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP) تەشكىلاتى مەخسۇس تور مۇھاكىمىسى ئۇيۇشتۇردى. 2022-يىلى 7-دېكابىر.

2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى، ماھىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە دائىر بەزى قارارلارنى ئېلىشىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجابىي يوسۇندا تۈرتكە بولۇپ كەلدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەھەتتە يەنە كۆپلىگەن يېتىشسىزلىكنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىمۇ كۆپ تەرەپلىمە ئەمەلىيەت جەريانىدا مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا خۇلاسە قاتارىدا قاراپ چىقىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مەخسۇس تور مۇھاكىمىسى ئۇيۇشتۇردى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى كۇن ستوپ (Koen Stoop) بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ھەرقايسى پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلدى.

«دۇنياۋى قانۇن ھەركەتلىرى تورى» نىڭ ۋەكىلى شيوبان ئەللېن (Siobhán Allen) خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى بىرلا تەشكىلاتنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ داۋا ئىشلىرىغا قەدەم ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ خۇلاسىلىدى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بىرىنچى قەدەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، دۇنياۋىي ئالاقىلاردىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ جەلپكارلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەرقاچان مەجبۇرىي ئەمگەكنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان ھالدا داۋام قىلىۋەرگەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى مەنئىي قىلىش ھەققىدە قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە بۇنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇشى بۇنىڭدىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش بولۇپ قالغان. بۇ ئىلگىرىلەشتە «ئۇيغۇر سوتى» چىقارغان ئاخىرىقى ھۆكۈم مۇھىم ئاساس بولغان ھەمدە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇڭا بۇ خىل خىتاي دۆلىتى ئارقا تىرەك بولغان ھالدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ۋە قىرغىنچىلىقنى چەكلەشتە بىرلا دۆلەت ياكى تەشكىلات ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئورتاق ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈش بۇنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم كاپالەت ھېساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئارقىدىن سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىل قاباھەت ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىرغا قەدەر شۇنچە كۆپ ماددىي ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى يەنىلا داۋام قىلىۋەرگەن. بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقتا ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر سوتى چىقارغان ھۆكۈمنىڭ قانچىلىك توغرا ۋە ئەمەلىي ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولغان. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئارگېنتىنادىكى سوتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشتە تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا سوتقا ئېلىپ چىقىش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىش تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت مۇنبىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ بىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر بولۇپ، ئۇمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان زۇلۇملارنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى سۈپىتىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ۋە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنلار ھازىرقىدەك پۈتكۈل ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىقنىڭ ئاچارچىلىققا ئوخشاش يېڭىچە شەكىللىرىگە قۇربانلىق قىلىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ماھىيەتتە ئۇلار ئۈچۈن تۈرمىگە ئايلىنىۋاتقان بىر پەيتتە تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئاشۇ جايدىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ئۇيغۇر سوتى» نىڭ سوتچىلىرىدىن بولغان رامىندېر كائۇر (Raminder Kaur) خانىم شۇ ۋاقىتتىكى سوتنىڭ تەييارلىقى جەريانىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئالىققنىڭ ۋە لاگېرلاردىكى قىيناقنىڭ دەھشەتلىرىدىن بىۋاستە خەۋەردار بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سەھنە ئەسىرى شەكلىدە ھەرقايسى ساھەگە تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قايسى دەرىجىدە قاباھەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى رېئاللىقنى سەھنىلەشتۈرۈش شەكلىدە تېخىمۇ جانلىق نامايەن قىلىش مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك بۇ مەسىلە بويىچە ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈشىنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق تېمىلاردا سوئال-جاۋابلار بولدى.