Responsive Image

«‪ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» نىڭ يېڭى مۇساپىسى: ھەمكارلىق ۋە ئىزچىللىق

«‪ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» نىڭ يېڭى مۇساپىسى: ھەمكارلىق ۋە ئىزچىللىقدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel‪) فوندى قاتارلىقلار بىرلىكتە چاقىرغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 17-ئاپرېل، نيۇ-يورك

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا يەتتە يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ نۆۋەتتىكى رېئاللىق بۇنىڭ تېخى ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمىگەنلىكى مەلۇم. بۇ جەرياندا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ، شۇنىڭدەك تۈركىي تىللىق بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان كۆرۈلگەن «دىنىي ئېتىقادى» ۋە «مىللەت تەركىبى» نى ئاساس قىلغان ھالدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش بولغانلىقى دۇنيا جامائىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن مەلۇم بولغان ئەمەلىيەت بولۇپ قالدى. ئەمما مۇشۇنداق بىر زور قاباھەت يىللاپ داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ دۇنيانىڭ بۇنى توسۇشقا قادىر بولالمايۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقاندا بۇنىڭدا ھەمكارلىق ۋە ئىزچىللىقنىڭ كەم بولۇۋاتقانلىقى تەدرىجىي ھالدا ھەممە ئېتىراپ قىلىۋاتقان پاكىتلاردىن بولۇپ قالدى.‪   «ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 17-ئاپرېلدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئەھۋال بولدى.

«بۇ كۈرەش توختاپ قالمايدۇ!»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشتا مىليونلىغان ئىنسانلار لاگېرلارغا قامالغاندىن باشقا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا «زامانىۋى قۇللار» غا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەمدە «دۇنيانىڭ زاۋۇتى» دەپ قارىلىۋاتقان خىتايدىكى ئەرزان باھالىق ئىشچىلاردىن بولۇپ قالغانلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا  ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل «قۇللار ئەمگىكى»دىن  كۆپلىگەن دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىۋاتقانلىقى ماھىيەتتە غەرب دۇنياسىدىكى دېموكراتىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئىنسانلارنى ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىپ قويغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇش يالغۇز ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيەت بولۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئېلى ۋىزېل فوندى» نىڭ رەئىسى ئېلىشا ۋىزېل (Elisha Wiesel) ئەپەندى بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن 70 يىلچە ئىلگىرى دۇنيا جامائىتى يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆلەمدە قىرغىن قىلىنغانلىقىدىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەپسۇسكى شۇنىڭدىن بۇيانقى رېئاللىق بۇ ۋەدىنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا بۇ ئەھۋال يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا تەكىتلىگەن «ئىنسانلار زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا بىز جەزمەن تەرەپ تۇتۇشىمىز لازىم. بىتەرەپ بولۇش پەقەت زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللەتمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك يوسۇندا ئىسپاتلاپ بەرگەن.

دەرۋەقە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازسىز قېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئاۋاز چىقىرىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەسلەپ بولۇپ بۇ ھادىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان. ئارقىدىنلا قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك قاباھەتلەرنى چەكلەشكە دائىر بىرنەچچە قانۇن لايىھەسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قانۇنغا ئايلاندۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتكەچ «بىز بۈگۈن بۇ كۈرەشنى داۋام قىلىۋاتىمىز. بىز ھازىر تېخىمۇ كۆپ ساھە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بۇنىڭدا تېخىمۇ زور نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك بولغان ماددىي شارائىتىغا قارىماي بۇ جەھەتتە «ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغانلىكى بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش» پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنلىكى مەلۇم. دەرۋەقە ئۇلارمۇ ئېلى ۋىزېل ئەپەندى ئېيتقاندەك «ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلەرنىڭ ئەۋۋىلى» دېگەن ئۆلچەم بويىچە ئىش كۆرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن. بۇ زۇلۇملارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقى، ئادالەتنىڭ ھەرقاچان جارى بولىدىغانلىقى ھەمدە دۇنياۋى سۈكۈتنىڭ تەدرىجىي بۇزۇلۇشقا يۈزلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ زۇلمى چەتئەللەرگە كېڭىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك رېئاللىق ئۇيغۇرلارغا دوست بولغان ياكى بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى بۇ سەپكە جەلپ قىلىشقا باشلىغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەتكەچ «غەرب دۇنياسى بۇ خىل قاباھەتلەرگە ئەمدى چەك قويمىسا بولمايدۇ. شۇڭا بىز دوستلىرىمىزنىڭ بىزنى داۋاملىق قوللىشىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

«تەكرارلىنىۋاتقان تارىخقا قارىتا يېڭى تەدبىر ئېلىش لازىم!»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم بولغان پاكىتلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندىن كېيىن كۆرۈلگەن سۈكۈت قىلىش، ۋاسىتىلىك ھالدا قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش قاتارلىقلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىمۇ ئەينەن تەكرارلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلار جازا لاگېرلىرىدا توپ-توپ ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ھازىر مىليونلاپ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە قاراپلا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ رايوندا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقىدىن دەرگۇماندا بولۇشقا باشلىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەجبۇرىي يوسۇندا چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇت نىسبىتىنى 62 پىرسەنت تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا پەرزەنت كۆرەلمەس قىلىۋېتىلگەنلىكى، مىليونلارچە ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئائىلە جۇدالىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋەيران قىلىنىپ «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش»تەك سىياسەتلەرنىڭ ئاشكارا تەكىتلىنىۋاتقانلىقى دىققەتتىن ساقىت بولۇشقا باشلىغان. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مەزمۇنلار ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ساھەسىدىكى ئاۋانگارتلارنىڭ بىرى بولغان فېلىسا گېير (Felice Gaer) خانىم بۇ جەھەتتە سۆز بولغاندا ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ب د ت خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى ب د ت مۇنبىرىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سۆز تېمىسى بولۇشتىن چەكلەپ كەلگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ب د ت نىڭ ئۆز ئاۋازىنى چىقىرىشى ناھايىتى مۇھىم ھەمدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەت. بۇنىڭدا ھەممىلا ساھە ۋە شەخسلەر بىرلىكتە كۈچ چىقارغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك نەتىجە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شۇنىڭدەك ئازراق بولسىمۇ ئىنسانىي ۋىجداننىڭ كىرلىرى تازىلىنىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا تۈرلۈك چەكلىمە ۋە بايقۇت چارىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما ئوخشاش قىسمەت قايتىدىن تەكرارلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى» دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھازىر ئامېرىكا تەۋەسىدىكى سودا دۇنياسى ئىزچىل خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ سودا مەزمۇنلىرى بولسا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يادرولۇق قىسمى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەن ساھەلەردۇر. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەزمەن بۇ خىل سودا پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدىغان بىر قانۇن مېخانىزمى بەرپا قىلىشى ھەمدە بۇ خىل سودا ئالاقىسىنىڭ جىنايەت بولۇشىنى بەلگىلىشى لازىم.

بۇ خىل ئەھۋاللار توغرىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قىرغىنچىلىققا مەسئۇل پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى ئېللېن جېرمايىن (Ellen Germain) خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ خىل قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

«ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىدا مىڭلىغان يەھۇدىيلار بۇ ئاپەتتىن قېچىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ئەمما كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەھۇدىيلارنى يەكلەش خاھىشىنىڭ تەسىرىدە ئاشۇ قاچقۇن يەھۇدىيلار ۋىزا قىسلىقىنىڭ دەردىنى تارتقان، شۇنداقلا كۆچمەنلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ھازىر مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇ خىل تارىختىن ساۋاق ئېلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بولۇۋاتقاندا بىز تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاۋاز چىقىرىشىمىز لازىم.»

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىدۇ!»

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ مۇھىم نىشانلاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى بولدى. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىشنى ئۇلارنى كوللېكتىپ ھالدا قىرغىن قىلىپ تاشلاشتىن ئەۋزەل كۆرگەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان بارلىق شەيئىلەر، جۈملىدىن تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ۋە تەقىبكە دۇچ كەلدى. جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىكى ئوقۇتۇش تىلى بولۇشتىن مەجبۇرىي يوسۇندا قالدۇرۇلدى. نەتىجىدە قىسقىغىنە بىرنەچچە يىلدىلا ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئانا تىل مۇھىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ئۇلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلدى.

مانا مۇشۇ خىل ئاچچىق رېئاللىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئىمكانىيىتىنى مۇتلەق يوق قىلىۋەتكەن ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك بولغان شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇھاجىرەت ھاياتىدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىپ كەلگەن. ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ تۈرتكىسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن. بولۇپمۇ يەھۇدىيلارنىڭ سەرسانلىق ھاياتىدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى تەجرىبىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان مۇھىم ئۆرنەكلەردىن بىرى بولۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يەھۇدىي دىنىي زاتلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ تەجرىبىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سىناقتىن ئۆتكەن چارىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئۇيغۇر مەكتىپى ئەنە شۇ تەرىقىدە قۇرۇلغان مۇئەسسەسەلەرنىڭ بىرى. ئۇلار بۇ جايدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا يالغۇز تىل ئۆگىتىپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىغىمۇ ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن. بۇ مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئىرادە قەشقىرى شەخسەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇر كىملىكىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە پائال كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاكتىپلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن پىداكارلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى نامايان قىلىشنى باشلىغان.

بۇ خىلدىكى تىرىشچانلىقنى نامايان قىلىۋاتقان يەنە بىر تەشكىلات يىللاردىن بۇيان ئىلىم-مەرىپەتنى ئۆزىگە شوئار قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارغا خاس مىللىي كىملىكنى مۇھاجىرەت مۇھىتىدا كۈچىنىڭ بارىچە ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئاكادېمىيە رەئىسى، دوكتور رىشات ئابباس ئۆزلىرىنىڭ دەل مۇشۇ نىشاننى باش ۋەزىپە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئىلگىرى مۇھاجىرەت مۇھىتىدا سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇرلار ئەمدىلىكتە زورىيىپ، مۇئەييەن بىر جامائەت بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقىغا قىسمەن بولسىمۇ شارائىت ھازىرلانغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئۆز ۋەتىنىدە كۆرۈپ باقمىغان دېموكراتىيە بىلەن تونۇشقان. شۇنىڭدەك ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا ئايلانغان. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ تەشكىلاتلار مۇھاجىرەت مۇھىتىدا ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى رېئاللىقلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. دۇنيانىڭ بېسىمى ئاشقانسېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەيرەڭلىرىمۇ كۆپىيىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش ۋە يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىپ مېڭىشقا يۈزلەنگەن. بۇ ھال بولسا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ زور مۈشكۈلاتلارغا گىرىپتار قىلىشقا باشلىغان.