Responsive Image

تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا چاقىرىلماقتا

تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا چاقىرىلماقتاخىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىن تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ئېلىغا پاختا تېرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 1-سېنتەبىر، شۈچاڭ.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىش پۇرسەتلىرى ئىزدەپ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى 2024-يىل كىرىشى بىلەن داۋاملىق كۆپەيگەن. تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-كەنتلەردە نەچچە يۈز مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلىغانلىقى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يۇرتداشلىرىنى بۇ مۇنبەت زېمىنغا كېلىپ باي بولۇشقا چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىن تېرىپ كېلىۋاتقان يەرلىرىنىڭ ئۇلارغا ئۇقتۇرۇلمايلا خىتايلارغا ھۆددىگە بېرىلگەنلىكى شىكايەت قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى بىلەن ئىش پۇرسەتلىرى ئىزدەپ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى 2024-يىلى تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.

خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ بېيىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىكارلىق يەر ۋە بىكارلىق ئۆيدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يۇرتداشلىرى بۇ مۇنبەت زېمىنغا كېلىپ باي بولۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.

بۇ خىل سىن فىلىملىرىنىڭ بىرىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كېلىپ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى بىڭتۈەنگە يەرلەشكەن بىر خىتاي ئىچكىرىدىكى يۇرتداشلىرىنى ئۆزى تۇرغان كەنتكە كېلىپ يەر ھۆددە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

يەنە بىر سىن كۆرۈنۈشىدە بولسا، «باي بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار شىنجاڭغا كېلىپ يەر تېرىڭلار، بىر يىلدا 8 مىليون يۈەن كىرىم قىلىسىلەر» دېيىلگەن.

خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە چاقىرىق قىلىدىغان سىن كۆرۈنۈشلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپلەپ تارقىتىلغان. بۇلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى كورلاغا جايلاشقان بىڭتۈەن 2-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق باشئەگىم شەھىرى، يەنى 29-پولك مەيدانى تەرىپىدىن ئاۋازلىق تارقىتىلغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدۇر.

مەزكۇر ئېلاندا 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى مەلۇماتلىق خىتايلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن 29-پولكنىڭ «شىنجاڭلىق ئەمەس نوپۇس» قا تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر ئېلاندا يەنە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بارلارنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئاتا-ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ بىڭتۈەندە نوپۇسقا ئېلىنىپ، 29-پولك مەيدانىدىكى بىڭتۈەن خىزمەتچىلىرى بەھرىمەن بولىدىغان ئولتۇراق ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى؛ ئۇلارغا دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دېھقانچىلىق يەرلىرى كىنىشكىسى بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىڭتۈەن خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلدىن بۇيان كېلىۋاتقان يېڭى كۆچمەنلەرگە 40 مو كېۋەزلىك، 20 مو مېۋىلىك باغ تەقسىم قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يەنە دەسلەپكى ئۈچ يىلدا سۇ، توك، ئىسسىنىش ھەققىنى ئۆزى تۆلىگەندىن باشقا ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىش، داۋالاش سۇغۇرتىسى بېرىلىش ۋە پېنسىيە مائاشىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدىكەن. ئۇندىن باشقا 2-پەرزەنتلىك بولغانلار 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىمكانلاردىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا تارقىتىلغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە يەنە 2023-يىلى ئائىلىسى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى بىڭتۈەنگە كېلىپ يەرلەشكەن بىر خىتاي دېھقان، ھازىر ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان دېھقانلار ۋە خىتاي ياشلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ يەرلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى، قۇمۇل ۋىلايىتى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بولسا، ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان تېرىپ كېلىۋاتقان يەرلىرى ۋە مېۋىلىك باغلىرىنىڭ ئۇلارغا ئۇقتۇرۇلمايلا خىتايلارغا ھۆددىگە بېرىلگەنلىكى ياكى ئۇلارنىڭ يېزىسىغا يەرلەشكەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ياڭاقلىقلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، ئىلگىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولغان تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش چاقىرىقى، نۆۋەتتە خىتايدا ئىقتىساد ناچارلاشقان، ئىشسىزلىق ئېغىرلاشقان ۋەزىيەتتە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتىكەن.

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقىنى دەل مۇستەملىكە سىياسىتى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يۆتكىشى، قانۇنىي جەھەتتىن شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال مەدەنىيەت مۇھىتىنى بۇزۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا بىرلەشتۈرگەندە، ئۇنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى قىپيالىڭاچ ھالدىكى مۇستەملىكە سىياسىتىدۇر. ئۇ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، ھەتتا يوقىتىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللاش سىياسىتى ھېسابلىنىدۇ. »

تېڭ بىياۋنىڭ قارىشىچە، بىڭتۈەن بىلەن ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى، خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپلىرىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەن. ھالبۇكى، خىتايدا قانۇن ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغىنى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قانۇننى خالىغانچە بۇزىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قىلمىشلار ئېنىق ھالدا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا خىلاپ بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلار ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتايدا قانۇن ھەر ۋاقىت سىياسەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ئۇ يەردە قانۇن ھوقۇقنىڭ بىر ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. شۇڭا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز قانۇنىنى قەستەن بۇزۇش قىلمىشىدا بولىدۇ. ئۇ يەردە قانۇن ئەمەلىيەتتە كېرەكسىز قەغەزگە ئايلانغان بۇنداق بىر ئەھۋالدا، يەرلىك خەلقنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىشىدىنمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئەرز قىلغۇچىلار بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. »

ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستىدا ھۆكۈمەت ئورنىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ جىنشىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بارلىق مۇستەملىكە سىياسەتلىرىدە شۇ جايدىكى يەرلىك خەلقلەر ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئەڭ كىلاسسىك شەكلى بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقىنى ئۇنىڭ يېڭى ئەندىزىسى.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى بىڭتۈەننى داۋاملىق كېڭەيتىش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئېلىپ بارماقتىكەن.

ليۇ جىنشىڭ ئەپەندى، يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۈەن شەھەرلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، 10 نەچچىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ يەر ئىگىلىۋېلىش ئىكەنلىكىنى، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى سەۋەبلىك نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرالغۇ ماكانلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە بىڭتۈەن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كۆپ يەرلەرنى ئىگىلەش قىلمىشى بىر چوڭ دولقۇنغا ئايلانغان.

ما جۈ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، يەر ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىدا، مەيلى بىڭتۈەن ئارقىلىق بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارقىلىق يەر ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرى بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقىدەك يېڭى مۇستەملىكە سىياسىتى بويىچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەر ئىگىلىشى بولسۇن، يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان توقۇنۇشلاردا، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ھامان يەرلىك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ».

ما جۈ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەن ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا زېمىن ئىگىلەشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئىگىلىشى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق بولماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مۇستەملىكە سىياسىتىنى قوللايدىغان خىتاي پۇقرالىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىنى ئىگىلەش دولقۇنى قوزغاپ، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە ئىكەن.