Responsive Image

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق خادىمى ئېمما رېيلى: «خىتاي ب د ت نى سېتىۋالغان»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق خادىمى ئېمما رېيلى: «خىتاي ب د ت نى سېتىۋالغان»بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئىشخانىسىنىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق خادىمى ئېمما رېيلى (Emma Reilly) ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ «كۆپ تەرەپلىك تۈزۈم ئىچىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت» دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 16-ئاپرېل، لوندون

ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 16-ئاپرېل  « كۆپ تەرەپلىك تۈزۈم ئىچىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت» دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنى ئۆتكۈزگەن. گۇۋاھلىق بېرىشكە  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئىشخانىسىنىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق خادىمى ئېمما رېيلى (Emma Reilly) خانىم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.

ئېمما رېيلى خانىم ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ ئىككى رەئىسىنىڭ خىتايدىن پارا ئالغانلىقى، خىتاينىڭ ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىگە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ۋە ب د ت نىڭ Covid-19 ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ ب د ت نى ئۆز دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ب د ت نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە «خەتەرلىك ئىلتىپات» لارنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق. ئەمما ئۇلار يازغان ئېلخەتلىرىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئېمما رېيلى خانىم خىتاينىڭ ب د ت غا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا بەرگەن گۇۋاھلىقى  ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە پارلامېنتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئورگانغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى  بولسا خىتاي. مەن خىتاينىڭ ب د ت نى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاساسى قائىدىلىرىگە قانداق دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ۋە ب د ت قۇرۇلمىلىرىنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرىدىن قانداق يېپىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردىم. خىتاي  بىۋاسىتە ب د ت ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىدۇ. ئۇلار باش كاتىپ ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلدى، يەنى باش كاتىپ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانى ئاستىدا ئېلىپ بارغان ھەر قانداق ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلالمايدۇ.  چۈنكى بۇ پىلاننى ب د ت نىڭ سىياسىتى سۈپىتىدە يولغا قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي يەنە ب د ت نى يىلىغا 10 مىليون دوللار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش فوندى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  باش كاتىپ بۇ مەبلەغنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھەر قانداق تۈرگە خەجلىسە بولىدۇ. ب د ت بۇنداق تۈردىكى مەبلەغنى ھېچقانداق يەردىن ئالالمايدۇ.  ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، يىلىغا 10 مىليونلۇق ئەرزان باھا بىلەن،  ب د ت نىڭ خىتاينىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىشى سېتىۋېلىندى. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممىگە ئايان  بولغان بىر ئۇچۇر. بۇ گەپ دېيىلىۋاتقىنىمۇ بىر قانچە يىل بولدى، ئەمما بۇ مەسىلىنى  بىر تەرەپ قىلىشى قولاي ئەمەستەك تۇرىدۇ.  مەن ئەنگلىيەنىڭ بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن.»

ئېمما رېيلى خانىم ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى (OHCHR) نىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر پارچە خەت يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىپ كەلگەنلىكىنى پاش قىلغان.

ئۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ب د ت نىڭ ئۆزىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن 2021-يىلى  خىزمىتىدىن بوشىتىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى تەرىپىدىن خىتايغا بېرىلگەن تىزىملىكتە بار بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن پاراكەندىچىلىكىنى ئاڭلاتتى. ئۇ  مۇنداق دېدى: « ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشىدىغان مۇھىم  بىر ئورۇن. خىتاي قانچىلىك توسقۇنلۇق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر بىز ب د ت دىكى ئورنىمىز ئۈچۈن كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

2022-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت ب د ت دىكى ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئايرىلىشتىن بۇرۇن، يەنى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان. 48 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، «خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن خالىغانچە تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئاياللارغا جىنسى زوراۋانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق جىنايەتلىرى خەلقئارا جىنايەت، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ»دېيىلگەنىدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى شۇ يىلى 8-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترىيەلىك دىپلومات، ب د ت باش كاتىپى ئىجرائىيە ئىشخانىسىنىڭ سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋولكېر تۈركنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلىگەنىدى. ۋولكېر تۈرك ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي تەدبىرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بىرەر  كونكرېت ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسمۇ ھەر قانداق يىغىندا پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلارنى قوللاپ ئوچۇق پىكىر بايان قىلغان بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن دائىم ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

ئېمما رېيلى خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئانتونىيو گۇتېررېسنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىدى: «ئانتونىيو گۇتېررېس X دە ئۆزىنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىپتار قىلالمىغانلىقىدىن قانچىلىك كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى يازدى. ئەمما 2017-يىلدىن باشلاپ ئىپتار قىلالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇ ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ بۇ يەردە پۈتۈنلەي قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقان بولۇپ، داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەل قاراپ، بىر گۇرۇپپىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەيدۇ، ئەمما يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭكىنى تامامەن ئۇنتۇپ قالىدۇ.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەسلىدە بىتەرەپ بولۇشى كېرەك. ئۇ مەسىلىلەرگە ئوتتۇرىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئەمما ب د ت ھازىر بۇنداق فۇنكسىيەسىنى يوقاتتى. ئۇنىڭ غەززەدىكى دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى سۆزلىشى پۈتۈنلەي توغرا، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارغا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىمۇ سۆزلىشى كېرەك. مېنىڭچە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە تىلىنىڭ تۇتۇلۇپ قىلىشى ئېنىقلا ئاشۇ مەبلەغ فوندى بىلەن باغلىنىشلىق. ئۇ ئۆزى ياقتۇرغان تۈرلىرى ئۈچۈن يىلىغا ئالغان 10 مىليون دوللارغا  ب د ت نى خىتايغا سېتىپ بەردى. نۆۋەتتىكى ب د ت نىڭ ۋەزىيىتىگە قارىغاندا، ئۇ خەلقئارا قائىدىلەرنى قوللانماسلىق ھەققىدە قارارىنى بېرىپ بولغاندەك تۇرىدۇ.  ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب خىتاينى رازى قىلىشتىن ئىبارەت، خالاس.»